< سامۇئىل 2 6 >
داۋۇت ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن بارلىق سەرخىل ئادەملەرنى يىغىۋىدى، بۇلار ئوتتۇز مىڭ چىقتى. | 1 |
ダビデは再びイスラエルのえり抜きの者三万人をことごとく集めた。
ئاندىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن يەھۇدادىكى بائالاھغا چىقتى؛ ساندۇق [مۇقەددەس] نام بىلەن، يەنى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىدى. | 2 |
そしてダビデは立って、自分と共にいるすべての民と共にバアレ・ユダへ行って、神の箱をそこからかき上ろうとした。この箱はケルビムの上に座しておられる万軍の主の名をもって呼ばれている。
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى دۆڭدە ئولتۇرۇشلۇق ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە يېڭى بىر ھارۋىغا سېلىپ، ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى ئۇززاھ بىلەن ئاھىيو ئۇ يېڭى ھارۋىنى ھەيدىدى. | 3 |
彼らは神の箱を新しい車に載せて、山の上にあるアビナダブの家から運び出した。
ئۇلار ھارۋىنى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن دۆڭدە ئولتۇرۇشلۇق ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقتى؛ ئاھىيو ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. | 4 |
アビナダブの子たち、ウザとアヒオとが神の箱を載せた新しい車を指揮し、ウザは神の箱のかたわらに沿い、アヒオは箱の前に進んだ。
داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەنتەنە قىلىپ كۈي ئوقۇپ چىلتار، تەمبۇر، داپ، داقا-دۇمباق ۋە چاڭلار چېلىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. | 5 |
ダビデとイスラエルの全家は琴と立琴と手鼓と鈴とシンバルとをもって歌をうたい、力をきわめて、主の前に踊った。
لېكىن ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە، كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇززاھ قولىنى سوزۇپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تۇتىۋالدى. | 6 |
彼らがナコンの打ち場にきた時、ウザは神の箱に手を伸べて、それを押えた。牛がつまずいたからである。
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇززاھقا قوزغالدى؛ ئۇ خاتا قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنى خۇدا شۇ يەردە ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا يىقىلىپ ئۆلدى. | 7 |
すると主はウザに向かって怒りを発し、彼が手を箱に伸べたので、彼をその場で撃たれた。彼は神の箱のかたわらで死んだ。
لېكىن داۋۇت بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. | 8 |
主がウザを撃たれたので、ダビデは怒った。その所は今日までペレヅ・ウザと呼ばれている。
ئۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزۈمنىڭكىگە قايسى يول بىلەن ئەكېلەرمەن؟ ــ دېدى. | 9 |
その日ダビデは主を恐れて言った、「どうして主の箱がわたしの所に来ることができようか」。
شۇنىڭ ئۈچۈن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»گە، ئۆزىنىڭكىگە يۆتكەشنى خالىمىدى؛ داۋۇت ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە قالدۇردى. | 10 |
ダビデは主の箱をダビデの町に入れることを好まず、これを移してガテびとオベデエドムの家に運ばせた。
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدوم ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىدىكىلەرنى بەرىكەتلىدى. | 11 |
神の箱はガテびとオベデエドムの家に三か月とどまった。主はオベデエドムとその全家を祝福された。
داۋۇت پادىشاھقا: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئەھدە ساندۇقى ۋەجىدىن ئوبەد-ئېدوم ۋە ئۇنىڭ بارىنى بەرىكەتلىدى» دەپ ئېيتىلدى. شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، خۇشلۇق بىلەن داۋۇتنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. | 12 |
しかしダビデ王は、「主が神の箱のゆえに、オベデエドムの家とそのすべての所有を祝福されている」と聞き、ダビデは行って、喜びをもって、神の箱をオベデエドムの家からダビデの町にかき上った。
پەرۋەردىگارنىڭ ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئالتە قەدەم مېڭىپ، شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر بۇقا بىلەن بىر بورداق موزاينى قۇربانلىق قىلدى. | 13 |
主の箱をかく者が六歩進んだ時、ダビデは牛と肥えた物を犠牲としてささげた。
داۋۇت بولسا كاناپ ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇسسۇل ئوينايتتى؛ | 14 |
そしてダビデは力をきわめて、主の箱の前で踊った。その時ダビデは亜麻布のエポデをつけていた。
داۋۇت بىلەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرىشىپ، كاناي چېلىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىۋاتاتتى. | 15 |
こうしてダビデとイスラエルの全家とは、喜びの叫びと角笛の音をもって、神の箱をかき上った。
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇتنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كىرىلگىنىدە، سائۇلنىڭ قىزى مىقال دېرىزىدىن قاراپ، داۋۇت پادىشاھنىڭ سەكرەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز كۆڭلىدە مەنسىتمىدى. | 16 |
主の箱がダビデの町にはいった時、サウルの娘ミカルは窓からながめ、ダビデ王が主の前に舞い踊るのを見て、心のうちにダビデをさげすんだ。
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كىرىپ، داۋۇت ئۇنىڭ ئۈچۈن تىكتۈرگەن چېدىرنىڭ ئوتتۇرسىدا قويدى. ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. | 17 |
人々は主の箱をかき入れて、ダビデがそのために張った天幕の中のその場所に置いた。そしてダビデは燔祭と酬恩祭を主の前にささげた。
داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ بولۇپ، خالايىققا ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. | 18 |
ダビデは燔祭と酬恩祭をささげ終った時、万軍の主の名によって民を祝福した。
ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە، ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن قوتۇرماچ، بىردىن خورما پوشكىلى ۋە بىردىن ئۈزۈم پوشكىلىنى تەقسىم قىلىپ بەردى. ئاندىن خەلقنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. | 19 |
そしてすべての民、イスラエルの全民衆に、男にも女にも、おのおのパンの菓子一個、肉一きれ、ほしぶどう一かたまりを分け与えた。こうして民はみなおのおのその家に帰った。
داۋۇت ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يېنىپ كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىقال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆزىنى شۇنچە شەرەپلىك كۆرسەتتىمۇ، قانداق؟ ئۇ خۇددى پەس بىر ئادەمنىڭ نومۇسسىزلاچە ئۆزىنى يالىڭاچلىغىنىغا ئوخشاش، خىزمەتكارلىرىنىڭ دېدەكلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنى يالىڭاچلىدى! | 20 |
ダビデが家族を祝福しようとして帰ってきた時、サウルの娘ミカルはダビデを出迎えて言った、「きょうイスラエルの王はなんと威厳のあったことでしょう。いたずら者が、恥も知らず、その身を現すように、きょう家来たちのはしためらの前に自分の身を現されました」。
داۋۇت مىقالغا: ئۇنداق [شادلانغىنىم] پەرۋەردىگار ئالدىدا ئىدى. ئۇ ئاتاڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆرۈپ، مېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىل ئۈستىگە باشلامچى قىلىپ تىكلىدى. شۇڭا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئوينايمەن! | 21 |
ダビデはミカルに言った、「あなたの父よりも、またその全家よりも、むしろわたしを選んで、主の民イスラエルの君とせられた主の前に踊ったのだ。わたしはまた主の前に踊るであろう。
ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئەرزىمەس قىلىپ، ئۆز نەزىرىمدە ئۆزۈم تۆۋەن بولۇشقا رازىمەن. لېكىن سەن ئېيتقان ئۇ دېدەكلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمەن ــ دېدى. | 22 |
わたしはこれよりももっと軽んじられるようにしよう。そしてあなたの目には卑しめられるであろう。しかしわたしは、あなたがさきに言った、はしためたちに誉を得るであろう」。
سائۇلنىڭ قىزى مىقال بولسا، ئۆلىدىغان كۈنىگىچە بالا تۇغمىدى. | 23 |
こうしてサウルの娘ミカルは死ぬ日まで子供がなかった。