< سامۇئىل 2 5 >
ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ: قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! | 1 |
Et venerunt universæ tribus Israel ad David in Hebron, dicentes: Ecce nos, os tuum, et caro tua sumus.
بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە: سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى. | 2 |
Sed et heri et nudiustertius cum esset Saul rex super nos, tu eras educens et reducens Israel: dixit autem Dominus ad te: Tu pasces populum meum Israel, et tu eris dux super Israel.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ھېبرونغا پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ داۋۇت پادىشاھ ھېبروندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇتنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. | 3 |
Venerunt quoque et seniores Israel ad regem in Hebron, et percussit cum eis rex David fœdus in Hebron coram Domino: unxeruntque David in regem super Israel.
داۋۇت پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. | 4 |
Filius triginta annorum erat David, cum regnare cœpisset, et quadraginta annis regnavit.
ئۇ ھېبروندا يەھۇدانىڭ ئۈستىدە يەتتە يىل ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىدە ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. | 5 |
In Hebron regnavit super Iudam septem annis et sex mensibus: in Ierusalem autem regnavit triginta tribus annis super omnem Israel et Iudam.
پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، شۇ زېمىندا تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى باردى. ئۇلار داۋۇتقا: سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار: «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى. | 6 |
Et abiit rex, et omnes viri qui erant cum eo, in Ierusalem, ad Iebusæum habitatorem terræ: dictumque est David ab eis: Non ingredieris huc, nisi abstuleris cæcos et claudos dicentes: Non ingredietur David huc.
لېكىن داۋۇت زىئون قورغىنىنى ئالدى (بۇ يەر داۋۇتنىڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ). | 7 |
Cepit autem David arcem Sion, hæc est civitas David.
داۋۇت ئۇ كۈنى: كىمكى يەبۇسىيلارنى ئۇراي دېسە سۈڭگۈچ بىلەن چىقىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ داۋۇت قىن-قىنىدىن ئۆچ كۆرىدىغان بۇ كور، ئاقساقلار بىلەن [ھېسابلىشالايدۇ]، دېدى. شۇنىڭ بىلەن «كورلار يا ئاقساقلار ئۆيگە كىرمىسۇن» دەيدىغان ماقال پەيدا بولدى. | 8 |
Proposuerat enim David in die illa præmium, qui percussisset Iebusæum, et tetigisset domatum fistulas, et abstulisset cæcos et claudos odientes animam David. idcirco dicitur in proverbio: Cæcus et claudus non intrabunt in templum.
شۇنداق قىلىپ داۋۇت قورغاندا تۇردى ۋە ئۇ يەرنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنىڭ ئەتراپىغا مىللودىن تارتىپ ئىچ تەرەپكىچە ئىمارەت سالدى. | 9 |
Habitavit autem David in arce, et vocavit eam, Civitatem David: et ædificavit per gyrum a Mello et intrinsecus.
داۋۇت بارغانسېرى قۇدرەت تاپتى؛ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. | 10 |
Et ingrediebatur proficiens atque succrescens, et Dominus Deus exercituum erat cum eo.
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام داۋۇتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇپ، كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئۇلار داۋۇت ئۈچۈن بىر ئوردا ياساپ بەردى. | 11 |
Misit quoque Hiram rex Tyri nuncios ad David, et ligna cedrina, et artifices lignorum, artificesque lapidum ad parietes: et ædificaverunt domum David.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ تىكلەپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. | 12 |
Et cognovit David quoniam confirmasset eum Dominus regem super Israel, et quoniam exaltasset regnum eius super populum suum Israel.
داۋۇت ھېبروندىن كەلگەندىن كېيىن يېرۇسالېمدىن يەنە ئاياللارنى ۋە كېنىزەكلەرنى ئالدى؛ شۇنىڭ بىلەن داۋۇتقا يەنە كۆپ ئوغۇل-قىزلار تۇغۇلدى. | 13 |
Accepit ergo David adhuc concubinas et uxores de Ierusalem, postquam venerat de Hebron: natique sunt David et alii filii et filiæ:
يېرۇسالېمدا ئۇنىڭدىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىسىملىرى مانا مۇنداق ئىدى: شاممۇئا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، | 14 |
et hæc nomina eorum, qui nati sunt ei in Ierusalem, Samua, et Sobab, et Nathan, et Salomon,
ئىبھار، ئېلىشۇئا، نەفەگ، يافىيا، | 15 |
et Iebahar, et Elisua, et Nepheg,
ئېلىشاما، ئېلىئادا ۋە ئېلىفەلەت. | 16 |
et Iaphia, et Elisama, et Elioda, et Eliphaleth.
فىلىستىيلەر داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ھەممىسى داۋۇتنى تۇتقىلى چىقتى، داۋۇت بۇنى ئاڭلاپلا، قورغانغا چۈشتى. | 17 |
Audierunt ergo Philisthiim quod unxissent David in regem super Israel: et ascenderunt universi ut quærerent David: quod cum audisset David, descendit in præsidium.
فىلىستىيلەر كېلىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى؛ | 18 |
Philisthiim autem venientes diffusi sunt in Valle Raphaim.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: فىلىستىيلەرگە قارشى ئاتلىنايمۇ؟ ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇرارسەنمۇ؟ ــ دېدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: چىققىن! چۈنكى، مەن فىلىستىيلەرنى جەزمەن قولۇڭغا تاپشۇرىمەن ــ دېدى. | 19 |
et consuluit David Dominum, dicens: Si ascendam ad Philisthiim? et si dabis eos in manu mea? Et dixit Dominus ad David: Ascende, quia tradens dabo Philisthiim in manu tua.
ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت بائال-پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇت ئۇلارنى تارمار قىلدى. ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ ئالدىمدا دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتىدى. | 20 |
Venit ergo David in Baal Pharasim. et percussit eos ibi, et dixit: Divisit Dominus inimicos meos coram me, sicut dividuntur aquæ. Propterea vocatum est nomen loci illius, Baal Pharasim.
فىلىستىيلەر ئۇ يەردە ئۆز مەبۇدلىرىنى تاشلاپ كەتتى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. | 21 |
Et reliquerunt ibi sculptilia sua: quæ tulit David, et viri eius.
ئەمدى فىلىستىيلەر يەنە چىقىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى. | 22 |
Et addiderunt adhuc Philisthiim ut ascenderent, et diffusi sunt in Valle Raphaim.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى. پەرۋەردىگار: سەن ئۇ يەرگە چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن ــ دېدى، | 23 |
Consuluit autem David Dominum: Si ascendam contra Philisthæos, et tradas eos in manus meas? Qui respondit: Non ascendas contra eos, sed gyra post tergum eorum, et venies ad eos ex adverso pyrorum.
شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئۈجمە دەرەخلىكىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا دەرھال ئاتلان؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ، ــ دېدى. | 24 |
Et cum audieris sonitum gradientis in cacumine pyrorum, tunc inibis prælium: quia tunc egredietur Dominus ante faciem tuam, ut percutiat castra Philisthiim.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلىپ، فىلىستىيلەرنى گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ قىردى. | 25 |
Fecit itaque David sicut præceperat ei Dominus, et percussit Philisthiim de Gabaa, usque dum venias Gezer.