< سامۇئىل 2 4 >
سائۇلنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ھېبروندا ئۆلگىنىنى ئاڭلىغاندا قولى بوشىشىپ كەتتى، بارلىق ئىسرائىل دەككە-دۈككىگە چۈشتى. | 1 |
Saulning oghli Abnerning Hébronda ölginini anglighanda qoli boshiship ketti, barliq Israil dekke-dükkige chüshti.
سائۇلنىڭ ئوغلىنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمىدا ئىككى سەردارى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى بائاناھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى رەكاب ئىدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (چۈنكى بەئەروت بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە ھېسابلىناتتى؛ | 2 |
Saulning oghlining qoshunining aldin yürer qismida ikki serdari bolup, birining ismi Baanah, yene birining ismi Rekab idi. Ular Binyamin qebilisidin bolghan Beerotluq Rimmonning oghulliri idi (chünki Beerot Binyamin qebilisige tewe hésablinatti;
لېكىن بەئەروتلۇقلار گىتتائىمغا قېچىپ بېرىپ ئۇ يەردە بۇ كۈنگىچە مۇساپىردەك ياشاۋاتىدۇ). | 3 |
lékin Beerotluqlar Gittaimgha qéchip bérip u yerde bu kün’giche musapirdek yashawatidu).
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، پۇتى ئاقساق ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر يىزرەئەلگە يەتكەندە، ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ئىدى. ئىنىك ئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچتى؛ لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئالدىراپ يۈگۈرگەچكە، بالا چۈشۇپ كېتىپ، ئاقساق بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى مەفىبوشەت ئىدى. | 4 |
Saulning oghli Yonatanning bir oghli bolup, puti aqsaq idi. Saul bilen Yonatanning ölgenliki toghruluq xewer Yizreelge yetkende, u besh yashqa kirgen idi. Inik anisi uni élip qachti; lékin shundaq boldiki, u aldirap yügürgechke, bala chüshup kétip, aqsaq bolup qalghanidi. Uning ismi Mefiboshet idi.
ئەمدى بىر كۈنى بەئەروتلوق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن بائاناھ چىڭقى چۈش ۋاقتىدا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقانىدى. | 5 |
Emdi bir küni Beerotloq Rimmonning oghulliri Rekab bilen Baanah chingqi chüsh waqtida Ishboshetning öyige bardi. Ishboshet chüshlük uyquda uxlawatqanidi.
ئۇلار بۇغداي ئالىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، ئىشبوشەتنىڭ قورسىقىغا [پىچاق] سانجىدى. ئاندىن رەكاب ۋە بائاناھ قېچىپ كەتتى | 6 |
Ular bughday alimiz dégenni bahane qilip, öyining ichkirige kirip, Ishboshetning qorsiqigha [pichaq] sanjidi. Andin Rekab we Baanah qéchip ketti
(ئۇلار ئىشبوشەت ھۇجرىسىدا كارىۋاتتا ياتقىنىدا، ئۆيگە كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەنىدى). ئۇلار ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، ئاندىن كاللىسىنى ئېلىپ كېچىچە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن مېڭىپ ئۆتتى. | 7 |
(ular Ishboshet hujrisida kariwatta yatqinida, öyge kirip, uni öltürgenidi). Ular uning kallisini késip, andin kallisini élip kéchiche Arabah tüzlenglikidin méngip ötti.
ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھېبرونغا، داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھقا: مانا، بۇ جانابلىرىنىڭ جېنىنى ئىزدىگەن دۈشمەنلىرى سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى! بۈگۈن پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھنى سائۇل بىلەن نەسلىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلدى ــ دېدى. | 8 |
Ular Ishboshetning kallisini Hébron’gha, Dawutning qéshigha élip bérip, padishahqa: Mana, bu janablirining jénini izdigen düshmenliri Saulning oghli Ishboshetning kallisi! Bügün Perwerdigar ghojam padishahni Saul bilen neslidin intiqam élishqa muyesser qildi — dédi.
داۋۇت بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن ئىنىسى بائاناھغا: مېنى بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، | 9 |
Dawut Beerotluq Rimmonning oghulliri Rekab bilen inisi Baanahgha: Méni barliq qiyinchiliqlardin qutquzghan Perwerdigarning hayati bilen qesem qilimenki,
بۇرۇن بىرسى داۋۇتقا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، دەپ ئويلاپ، ماڭا: ــ مانا، سائۇل ئۆلدى، دەپ كەلگەندە، مەن ئۇنى ئېلىپ زىكلاگتا ئۆلتۈرۈۋەتتىم. بەرھەق، مانا بۇ ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىنىڭ مۇكاپاتى بولغانىدى! | 10 |
burun birsi Dawutqa xush xewer élip keldim, dep oylap, manga: — Mana, Saul öldi, dep kelgende, men uni élip Ziklagta öltürüwettim. Berheq, mana bu uning yetküzgen xewirining mukapati bolghanidi!
ئەمدى مەن شۇنداق قىلغان يەردە، رەزىل ئادەملەر ئۆز ئۆيىدە ئورۇندا ياتقان بىر ھەققانىي كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، مەن نېمە قىلاي؟! ئۇنىڭ ئاققان قان قەرزىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن ئېلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقاتمامدىم؟ ــ دېدى. | 11 |
Emdi men shundaq qilghan yerde, rezil ademler öz öyide orunda yatqan bir heqqaniy kishini öltürgen bolsa, men néme qilay?! Uning aqqan qan qerzini silerning qolunglardin élip, silerni yer yüzidin yoqatmamdim? — dédi.
داۋۇت غۇلاملىرىغا بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇلار بۇلارنى قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ قول-پۇتلىرىنى كېسىپ، ئۇلارنى ھېبروندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويدى؛ لېكىن ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ بېشىنى ئېلىپ ھېبروندا ئابنەرنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. | 12 |
Dawut ghulamlirigha buyruq qiliwidi, ular bularni qetl qildi. Ularning qol-putlirini késip, ularni Hébrondiki kölning yénida ésip qoydi; lékin ular Ishboshetning béshini élip Hébronda Abnerning qebriside depne qildi.