< سامۇئىل 2 23 >
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدۇر: ــ يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بېشارىتى، يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، ياقۇپنىڭ خۇداسى تەرىپىدىن مەسىھلەنگەن، ئىسرائىلنىڭ سۆيۈملۈك كۈيچىسىنىڭ بېشارەت سۆزلىرى مانا: ــ | 1 |
ダビデの最後の言は是なりヱサイの子ダビデの詔言即ち高く擧られし人ヤコブの神に膏をそそがれし者イスラエルの善き歌人の詔言
پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى تىلىمدىدۇر. | 2 |
ヱホバの霊わが中にありて言たまふ其諭言わが舌にあり
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى سۆز قىلدى، ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى ماڭا شۇنداق دېدى: ــ كىمكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن سەلتەنەت قىلسا، كىمكى خۇدادىن قورقۇش بىلەن سەلتەنەت قىلسا، | 3 |
イスラエルの神いひたまふイスラエルの磐われに語たまふ人を正く治むる者神を畏れて治むる者は
ئۇ قۇياش چىققاندىكى تاڭ نۇرىدەك، بۇلۇتسىز سەھەردەك بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن ئاسمان سۈزۈك بولۇشى بىلەن، يۇمران مايسىلار تۇپراقتىن چىقىدۇ، مانا ئۇ شۇنداق بولىدۇ. | 4 |
日の出の朝の光のごとく雲なき朝のごとく又雨の後の日の光明によりて地に茁いづる新草ごとし
بەرھەق، مېنىڭ ئۆيۈم تەڭرى ئالدىدا شۇنداق ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ مەن بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزدى، بۇ ئەھدە ھەممە ئىشلاردا مۇپەسسەل ھەم مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى مېنىڭ بارلىق نىجاتلىق ئىشلىرىمنى، ھەممە ئىنتىزارلىقىمنى، ئۇ بەرق ئۇرغۇزمامدۇ؟ | 5 |
わが家かく神とともにあるにあらずや神萬具備りて鞏固なる永久の契約を我になしたまへり吾が救と喜を皆いかで生ぜしめたまはざらんや
لېكىن ئىپلاسلارنىڭ ھەممىسى تىكەنلەردەك، ھېچكىم قولىدا تۇتالمىغاچقا، چۆرىۋېتىلىدۇ. | 6 |
しかれども邪なる者は荊棘のごとくにして手をもて取がたければ皆ともにすてられん
ئۇلارغا قول ئۇزاتقۇچى ئۆزىنى تۆمۈر قورال ۋە نەيزە سېپى بىلەن قوراللاندۇرمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلار ھامان تۇرغان يېرىدە ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ! | 7 |
之にふるる人は鐵と槍の柯とを其身に備ふべし是は火にやけて燒たゆるにいたらん
داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەنگەندۇر: ــ تاخكىمونلۇق يوشەب-باشسەبەت سەردارلارنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزە ئوينىتىپ، سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. | 8 |
是等はダビデの勇士の名なりタクモニ人ヤシヨベアムは三人衆の長なりしが一時八百人にむかひて槍を揮ひて之を殺せり
كېيىنكىسى ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ فىلىستىيلەر يىغىلىپ جەڭ قىلماقچى بولدى؛ شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ئۈچ پالۋان ئۇلارنى جەڭگە چاقىردى؛ ئەلىئازار شۇ ئۈچتىن بىرى ئىدى. لېكىن ئىسرائىللار چېكىندى؛ | 9 |
彼の次はアホア人ドドの子エルアザルにして三勇士の中の者なり彼其處に戰はんとて集まれるペリシテ人にむかひて戰を挑みイスラエルの人々の進みのぼれる時にダビデとともに居たりしが
ئۇ قوزغىلىپ، تاكى بېلىكى تېلىپ، قولى قىلىچقا چاپلىشىپ قالغۇچە فىلىستىيلەرنى قىردى. ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى چوڭ نۇسرەتكە ئېرىشتۈردى. خەلق ئۇنىڭ قېشىغا قايتقاندا پەقەت ئولجا يىغىش ئىشىلا قالغانىدى. | 10 |
たちてペリシテ人を撃ち終に其手疲て其手劍に固着て離れざるにいたれり此日ヱホバ大なる救拯を行ひたまふ民は彼の跡にしたがひゆきて只褫取而巳なりき
ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ھارارلىق ئاگىينىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر كۈنى فىلىستىيلەر قوشۇن بولۇپ يىغىلغانىدى؛ يېقىن ئەتراپتا قويۇق ئۆسكەن بىر قىزىل ماشلىق بار ئىدى. كىشىلەر فىلىستىلەرنىڭ ئالدىدىن قاچقانىدى، | 11 |
彼の次はハラリ人アゲの子シヤンマなり一時ペリシテ人一隊となりて集まれり彼處に扁豆の滿たる地の處あり民ペリシテ人のまへより逃たるに
شامماھ بولسا قىزىل ماشلىق ئوتتۇرىسىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ فىلىستىيلەرنى قىردى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ئىسرائىللارغا] غايەت زور نۇسرەت ئاتا قىلدى. | 12 |
彼其地の中に立て禦ぎペリシテ人を殺せりしかしてヱホバ大なる救拯を行ひたまふ
ئورما ۋاقتىدا ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن يەنە ئۈچى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى رەفايىم ۋادىسىغا بارگاھ قۇرغانىدى؛ | 13 |
刈穫の時に三十人衆の首長なる三人下りてアドラムの洞穴に往てダビデに詣れり時にペリシテ人の隊レパイムの谷に陣どれり
ئۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا ئىدى، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بولسا بەيت-لەھەمدە ئىدى. | 14 |
其時ダビデは要害に居りペリシテ人の先陣はベテレヘムにあり
داۋۇت ئۇسساپ: ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېۋىدى، | 15 |
ダビデ慕ひていひけるは誰かベテレヘムの門にある井の水を我にのましめんかと
بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: | 16 |
三勇士乃ちペリシテ人の陣を衝き過てベテレヘムの門にある井の水を汲取てダビデの許に携へ來れり然どダビデ之をのむことをせずこれをヱホバのまへに灌ぎて
ــ ئى پەرۋەردىگار، بۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلىپ بېرىپ ئەكەلگەن بۇ سۇ ئۇلارنىڭ قېنىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ! ــ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىچىشكە ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. | 17 |
いひけるはヱホバよ我決てこれを爲じ是は生命をかけて往し人の血なりと彼これを飮ことを好まざりき三勇士は是等の事を爲り
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي بۇ ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. | 18 |
ゼルヤの子ヨアブの兄弟アビシヤイは三十人衆の首たり彼三百人にむかひて槍を揮ひて殺せり彼其三十人衆の中に名を得たり
ئۇ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكى ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى؛ لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. | 19 |
彼は三十人衆の中の最も尊き者にして彼等の長とたれり然ども三人衆には及ばざりき
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. | 20 |
ヱホヤダの子カブジエルのベナヤは勇氣あり多くの功績ありし者なり彼モアブの人の獅子の如きもの二人を撃殺せり彼は亦雪の時に下りて穴の中にて獅子を撃殺せり
ئۇ ھەم كۈچتۈڭگۈر بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەنىدى. مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى، لېكىن بىنايانىڭ قولىدا بىر ھاسىلا بار ئىدى. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدىن نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈردى. | 21 |
彼また容貌魁偉たるエジプト人を撃殺せり其エジプト人は手に槍を持たるに彼は杖を執て下りエジプト人の手より槍を捩とりて其槍をもてこれを殺せり
بۇ ئىشلارنى يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ پالۋان ئارىسىدا نام چىقارغانىدى. | 22 |
ヱホヤダの子ベナヤ是等の事を爲し三十勇士の中に名を得たり
ئۇ ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە ھۆرمەتلىك ئىدى. لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلدى. | 23 |
彼は三十人衆の中に尊かりしかども三人衆には及ばざりきダビデかれを參議の中に列しむ
ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەل-ھانان بار ئىدى. | 24 |
三十人衆の中にはヨアブの兄弟アサヘル、ベテレヘムのドドの子エルハナン
[بۇنىڭدىن باشقا]: ھارودلۇق شامماھ، ھارودلۇق ئېلىكا، | 25 |
ハロデ人シヤンマ、ハロデ人エリカ
پاتلىلىق ھەلەز، تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، | 26 |
パルデ人ヘレヅ、テコア人イツケシの子イラ
ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، ھۇشاتلىق مىبونناي، | 27 |
アネトテ人アビエゼル、ホシヤ人メブンナイ
ئاخوھلۇق زالمون، نىتوفاتلىق ماھاراي، | 28 |
アホア人ザルモン、ネトバ人マハライ
نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، بىنيامىنلاردىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، | 29 |
ネトパ人バアナの子ヘレブ、ベニヤミンの子孫のギベアより出たるリバイの子イツタイ
پىراتونلۇق بىنايا، گائاش ۋادىلىرىدىن ھىدداي، | 30 |
ヒラトン人ベナヤ、ガアシの谷のヒダイ
ئارباتلىق ئابى-ئالبون، بارھۇملۇق ئازماۋەت، | 31 |
アルパテ人アビアルボン、バホリム人アズマウテ
شائالبونلۇق ئەلىياھبا، ياشەننىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شامماھنىڭ [ئوغلى] يوناتان، ھارارلىق شارارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، | 32 |
シヤルボニ人エリヤバ、キゾニ人ヤセン
ハラリ人シヤンマの子ヨナタン、アラリ人シヤラルの子アヒアム
مائاكاتىي ئاخاسباينىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، گىلونلۇق ئاھىتوفەلنىڭ ئوغلى ئېلىيام، | 34 |
ウルの子エリパレテ、マアカ人へペル、ギロ人アヒトペルの子エリアム
كارمەللىك ھەزراي، ئاربىلىق پائاراي، | 35 |
カルメル人ヘヅライ、アルバ人パアライ
زوباھدىن بولغان ناتاننىڭ ئوغلى ئىگال، گادلىق باننى، | 36 |
ゾバのナタンの子イガル、ガド人バニ
ئاممونىي زەلەك، بەئەروتلۇق ناھاراي (ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)، | 37 |
アンモニ人ゼレク、ゼルヤの子ヨアブの武器を執る者ベエロデ人ナハライ
يىترىلىق ئىرا، يىترىلىق گارەب | 38 |
ヱテリ人イラ、ヱテリ人ガレブ
ۋە ھىتتىي ئۇرىيا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى. | 39 |
ヘテ人ウリヤあり都三十七人