< سامۇئىل 2 22 >
پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا بۇ كۈينى ئېيتتى: ــ | 1 |
David dzi ha sia na Yehowa le esime wòɖee tso Saul kple eƒe futɔ bubuawo ƒe asi me.
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! | 2 |
Egblɔ be: “Yehowae nye nye agakpe, nye mɔ kple nye xɔnametɔ.
خۇدا مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن ــ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە باشپاناھىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچىمدۇر؛ سەن مېنى زوراۋانلاردىن قۇتقۇزىسەن! | 3 |
Nye Mawu nye nye agakpe, eyae mesi tso, nye akpoxɔnu kple ɖeɖe ƒe ŋusẽ. Nye mɔ sesẽ, nye sitsoƒe kple nye ɖela èɖem le nye futɔwo katã ƒe asi me.
مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا مەن نىدا قىلىمەن، شۇنداق قىلىپ، مەن دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ | 4 |
“Meyɔ Yehowa, ame si dze na kafukafu, eɖem tso nye futɔwo katã ƒe asi me.
چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛ | 5 |
Ku ƒe ƒutsotsoewo ƒo xlãm, vɔ̃ ƒe tɔɖɔɖɔwo gbã ɖe dzinye.
تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. (Sheol ) | 6 |
Tsiẽƒe ƒe kawo blam eye ku ƒe mɔtetrewo ɖi kpem. (Sheol )
قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. | 7 |
“Ke meyɔ Yehowa le nye xaxa me, medo ɣli na nye Mawu be wòaɖem. Ese nye gbe tso eƒe gbedoxɔ me ke eye nye ɣlidodo ɖo egbɔ, ge ɖe eƒe to me.
ئاندىن يەر-زېمىن تەۋرەپ سىلكىنىپ كەتتى، ئاسمانلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى. | 8 |
Tete anyigba dzo nyanyanya eye wòʋuʋu; dziƒo ƒe agunuwo ke hã ʋuʋu heyeheye eye wodzo kpekpekpe elabena dzi kui.
ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛ | 9 |
Dzudzɔ do tso eƒe ŋɔtime; dzo ƒe aɖewo do tso eƒe nu me eye dzoka xɔxɔwo kplɔe ɖo.
ئۇ ئاسمانلارنى ئېڭىشتۈرۈپ ئېگىپ چۈشتى، پۇتى ئاستىدا تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى. | 10 |
Ema dziŋgɔli ɖe eve, wòto eme ɖi va anyi eye lilikpo do blukɔ le eƒe afɔ te.
ئۇ بىر كېرۇب ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى، ئۇ شامالنىڭ قاناتلىرىدا كۆرۈندى. | 11 |
Ede Kerubiwo dzi eye wòdzo dzo. Eɖo asagba ɖe ya ƒe aʋalawo dzi.
ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، شۇنداقلا يىغىلغان سۇلارنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى. | 12 |
Ewɔ viviti nɔ eme abe agbadɔ ene eye lilikpo yibɔ si dzaa tsi lae ƒo xlãe
ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان يورۇقلۇقتىن، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛ | 13 |
dzoka xɔxɔwo do tso eƒe keklẽ me le eŋgɔ.
پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى؛ | 14 |
Yehowa ɖe gbe tso dziƒo; eye Dziƒoʋĩtɔ la na wose eƒe gbe.
بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، [دۈشمەنلىرىمنى] تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالدى؛ | 15 |
Eda eƒe aŋutrɔ eye wòkaka eƒe futɔwo, eɖo dzikedzo ɖa eye wòtɔtɔ wo.
شۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھى بىلەن، دىمىغىنىڭ نەپىسىنىڭ زەربىسى بىلەن. | 16 |
Atsiaƒu ƒe balimewo dze gaglãa eye anyigba ƒe gɔmeɖoɖo tsi ƒuƒlu le Yehowa ƒe nyaheɖeameŋu kple gbɔgbɔ si do tso eƒe ŋɔtime ta.
ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى. | 17 |
“Edo asi ɖa tso dziƒo lém, heɖem tso tɔ goglowo me;
ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچمەنلەردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى. | 18 |
tso nye futɔ ŋusẽtɔwo ƒe asi me, tso nye ketɔwo ƒe asi me, ame siwo sẽ wum akpa la ƒe asi me.
كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى. | 19 |
Woƒo ɖe dzinye le nye dzɔgbevɔ̃egbe gake Yehowa nye nye kpeɖeŋutɔ.
ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى. | 20 |
Eɖem tsɔ da ɖe teƒe gbadza; eɖem elabena nye nu nyo eŋu.
پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛ | 21 |
“Yehowa nɔ kplim le nye dzɔdzɔenyenye nu eye wòwɔ nyui nam le esi nye asi me dza ta.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ | 22 |
Melé Yehowa ƒe mɔwo me ɖe asi. Nyemewɔ vɔ̃ hetrɔ le nye Mawu yome o;
چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چەتنەپ كەتمىدىم؛ | 23 |
Eƒe sewo katã le ŋkunye me; eye nyemetrɔ le eƒe ɖoɖowo yome o.
مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم. | 24 |
Nyemeɖi fɔ le eŋkume o eye mete ɖokuinye ɖa tso nu vɔ̃ gbɔ.
ۋە پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدا بولغان ھالاللىقىم بويىچە قىلغانلىرىمنى قايتۇردى. | 25 |
Eya ta Yehowa wɔ nyui nam le nye dzɔdzɔenyenye kple esi nye asi me dza le eŋkume la ta.
ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛ | 26 |
“Èwɔa nuteƒe na nuteƒewɔla eye nèfiaa ɖokuiwò fɔmaɖilae na ame si ŋu fɔɖiɖi mele o.
ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛ | 27 |
Ame si dza le eƒe dzi me la, èɖea ɖokuiwò fianɛ be èdza eye nèfiaa ɖokuiwò ayetɔe ɖe ayetɔ la ŋu.
چۈنكى سەن ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزىسەن؛ بىراق كۆزلىرىڭنى تەكەببۇر ئۈستىگە تىكىپ، ئۇلارنى شەرمەندە قىلىسەن؛ | 28 |
Èɖea ame siwo bɔbɔa wo ɖokui ke wò ŋku le dadalawo ŋu, be nabɔbɔ wo ɖe anyi.
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار مېنىڭ چىراغىمدۇرسەن؛ پەرۋەردىگار مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ | 29 |
Wò, Yehowa, wòe nye nye akaɖi! Ènana nye viviti trɔna zua kekeli.
چۈنكى سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم. | 30 |
Mate ŋu alũ ɖe aʋakɔ dzi to wò kpekpeɖeŋu me eye le nye Mawu ta mate ŋu ati kpo aflɔ gli.
تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر. | 31 |
“Mawu ya ƒe mɔwo de blibo, Yehowa ƒe nya nye nyateƒe sɔŋ. Enye akpoxɔnu na ame siwo tsɔe wɔ sitsoƒee.
چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم قورام تاشتۇر؟ | 32 |
Elabena ame kae ganye Mawu kpe ɖe Yehowa ŋu? Ame kae ganye Agakpe? Ɖe menye míaƒe Mawu la koe oa?
تەڭرى مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇر؛ ئۇ يولۇمنى مۇكەممەل، تۈپ-تۈز قىلىدۇ؛ | 33 |
Mawue nye nye mɔ sesẽ, eyae na nye mɔ zu gbadzaa.
ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ ئۇ مېنى يۇقىرى جايلىرىمغا تۇرغۇزىدۇ؛ | 34 |
Ewɔ nye afɔwo abe zi tɔwo ene eye wòna metea ŋu tsia tsitre ɖe teƒe kɔkɔwo.
قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛ | 35 |
Efia aʋawɔwɔ nye asiwo eye nye asiwo ate ŋu abɔ dati si wowɔ kple akɔbli.
سەن ماڭا نىجاتىڭدىكى قالقاننى بەردىڭ، سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى. | 36 |
Ètsɔ wò dziɖuɖu ƒe akpoxɔnu la nam. Ebɔbɔ ɖokuiwò be nàdo kɔkɔm.
سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى. | 37 |
Èkeke mɔ le tenye, be nye klowo magli le tenye o.
مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يوقاتتىم، ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم. | 38 |
“Meti nye futɔwo yome eye metsrɔ̃ wo; nyemetrɔ le wo yome o, va se ɖe esime wotsrɔ̃.
قايتا تۇرالمىغۇدەك قىلىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىپ يانجىدىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى. | 39 |
Metsrɔ̃ wo gudugudu eye ɖeke magate ŋu afɔ o. Wodze anyi ɖe nye afɔ nu
سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛ | 40 |
elabena wòe na ŋusẽm hena aʋa la wɔwɔ, èna mebɔbɔ ame siwo katã tso ɖe ŋunye la ɖe anyi.
دۈشمەنلىرىمنى ماڭا ئارقىنى قىلىپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم. | 41 |
Èna nye futɔwo trɔ megbe dem helé du tsɔ eye metsrɔ̃ nye futɔwo.
ئۇلار تەلمۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا قارىۋىدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى. | 42 |
Wodo ɣli be Yehowa naxɔ na yewo gake ame aɖeke mexɔ na wo o elabena Yehowa metɔ na wo o.
مەن ئۇلارنى سوقۇپ يەردىكى توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك مەن ئۇلارنى چەيلىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پېتىقدىۋەتتىم. | 43 |
Metu wo, wozu abe ke ene. Megbã wo, wokaka abe ʋuʋudedi si le ablɔwo dzi ene.
سەن مېنى خەلقىمنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى بولۇشقا ساقلىدىڭ؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا. | 44 |
“Èɖem tso ame siwo va dze dzinye la si me, èkpɔ tanye abe dukɔwo ƒe fia ene; eye ame siwo nyemenya o la dzie meɖu fia ɖo.
يات ئەلدىكىلەر ماڭا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ ئاڭلىشى بىلەنلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ | 45 |
Ne wose ŋkɔnye ko la, woɖoa tom eye du bubu me tɔwo gɔ̃ hã dzona nyanyanya le nye ŋkume.
يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ | 46 |
Dzi ɖena le wo katã ƒo eye wotsɔa dzodzo nyanyanya hedoa goe le woƒe mɔ sesẽwo me.
پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن؛ نىجاتىم بولغان قورام تاش خۇدا ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن! | 47 |
“Yehowa li tegbee! Woakafu nye Agakpe la! Woado Mawu, nye Xɔla la ɖe dzi bobobo!
ئۇ، يەنى مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغۇچىدۇر؛ | 48 |
Eyae nye Mawu, ame si bia hlɔ̃ nam. Etsɔ dukɔwo de nye afɔ te.
ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىم ئارىسىدىن چىقارغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ. | 49 |
Èɖeam tso nye futɔwo ƒe asi me, ɛ̃, èkɔm gbɔ nye futɔwo ta eye nèɖem tso ŋutasẽlawo ƒe asi me,
مۇشۇ سەۋەبلىك مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ | 50 |
eya ta ele be makafu wò, Oo Yehowa, le dukɔwo katã dome eye madzi kafukafuha na wò ŋkɔ.
ئۇ بولسا ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور قۇتقۇزۇشلارنى بېغىشلايدۇ؛ ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى كۆرسىتىدۇ. | 51 |
“Ena dziɖuɖu geɖe eƒe fia la, eye wòvea eƒe amesiamina David kple eƒe dzidzimeviwo nu tegbee.”