< سامۇئىل 2 20 >
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى. | 1 |
Ondje se slučajno našao opak čovjek po imenu Šeba, Bikrijev sin, Benjaminovac. On zatrubi u rog i viknu: “Mi nemamo udjela na Davidu ni baštine na Jišajevu sinu! Svaki svome šatoru, Izraele!”
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى داۋۇتتىن يېنىپ بىكرىنىڭ ئوغلى شېباغا ئەگەشتى. لېكىن يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ يېرۇسالېمغىچە ئۆز پادىشاھىغا چىڭ باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. | 2 |
Tako svi Izraelci ostaviše Davida i pođoše za Bikrijevim sinom Šebom; a Judejci prionuše uza svoga kralja i otpratiše ga od Jordana do Jeruzalema.
داۋۇت يېرۇسالېمغا كېلىپ ئوردىسىغا كىردى. پادىشاھ ئوردىغا قاراشقا قويۇپ كەتكەن ئاشۇ ئون كېنىزەكنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. ئۇ ئۇلارنى باقتى، لېكىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە تۇل ئاياللاردەك ئۆلگۈچە قامالغان پېتى تۇردى. | 3 |
Kad se David vratio u svoju palaču u Jeruzalem, uze deset inoča koje je bio ostavio da čuvaju palaču i stavi ih da budu čuvane. Brinuo im se za uzdržavanje, ali nije više išao k njima. Tako su one živjele zatvorene do svoje smrti, kao udovice živoga muža.
ئاندىن پادىشاھ ئاماساغا: ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ، يىغىپ كەلگىن؛ ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە ھازىر بولغىن، دېدى. | 4 |
Potom kralj zapovjedi Amasi: “Sazovi mi Judejce do tri dana, a i ti da budeš ovdje!”
شۇنىڭ بىلەن ئاماسا يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ يىغقىلى باردى. لېكىن ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشى پادىشاھ بېكىتكەن ۋاقىتتىن كېيىن قالدى، | 5 |
Amasa ode da sazove Judejce, ali se zadrža preko vremena koje mu bijaše odredio kralj.
ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئابىشايغا: ئەمدى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا بىزگە چۈشۈرىدىغان ئاپەت ئابشالومنىڭ چۈشۈرگىنىدىن تېخىمۇ يامان بولىدۇ. ئەمدى غوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئېلىپ ئۇلارنى قوغلاپ بارغىن. بولمىسا، ئۇ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى. | 6 |
Tada David reče Abišaju: “Sad će nam Bikrijev sin Šeba biti opasniji nego Abšalom. Zato uzmi ljude svoga gospodara i pođi za njim u potjeru da se ne domogne tvrdih gradova i ne izmakne nam iz očiju!”
شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى ۋە كەرەتىيلەر، پەلەتىيلەر، شۇنداقلا بارلىق پالۋانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقتى؛ ئۇلار يېرۇسالېمدىن چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى باردى. | 7 |
Za Abišajem krenu na put Joab, Kerećani, Pelećani i svi junaci; oni iziđu iz Jeruzalema u potjeru za Bikrijevim sinom Šebom.
ئۇلار گىبېئوندىكى قورام تاشقا يېقىن كەلگەندە ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب ئۈستىبېشىغا جەڭ لىباسىنى كىيىپ، بېلىگە غىلاپلىق بىر قىلىچىنى ئاسقان كەمەر باغلىغانىدى. ئۇ ئالدىغا مېڭىۋىدى، قىلىچ غىلاپتىن چۈشۈپ كەتتى. | 8 |
Kad su bili kod velikoga kamena što je kod Gibeona, dođe Amasa prema njima. Joab imaše na sebi ratnu haljinu, a preko nje imaše pripasan mač uz bedro, u koricama; ali mu se mač iskliznu i pade.
يوئاب ئاماسادىن: تىنچلىقمۇ، ئىنىم؟ ــ دەپ سورىدى. يوئاب ئاماسانى سۆيمەكچى بولغاندەك ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ساقىلىدىن تۇتتى. | 9 |
Joab pozdravi Amasu: “Jesi li mi dobro, brate?” I desnom rukom uhvati za bradu Amasu da ga poljubi.
ئاماسا يوئابنىڭ يەنە بىر قولىدا قىلىچ بارلىغىغا دىققەت قىلمىدى. يوئاب ئۇنىڭ قورسىقىغا شۇنداق تىقتىكى، ئۈچەيلىرى چىقىپ يەرگە چۈشتى. ئىككىنچى قېتىم سېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۆلدى. ئاندىن يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى كەتتى. | 10 |
Amasa se nije obazirao na mač koji bijaše Joabu u ruci, i on ga udari njim u trbuh i prosu mu utrobu na zemlju. Nije morao ponoviti udarac i Amasa umrije. Joab sa svojim bratom Abišajem nastavi potjeru za Bikrijevim sinom Šebom.
يوئابنىڭ غۇلاملىرىدىن بىرى ئاماسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ: كىم يوئاب تەرەپتە تۇرۇپ داۋۇتنى قوللىسا، يوئابقا ئەگەشسۇن، دەيتتى. | 11 |
Jedan od Joabovih momaka osta na straži kod Amase i tu je vikao: “Kome je mio Joab i tko je za Davida neka slijedi Joaba!”
ئەمما ئاماسا ئۆز قېنىدا يۇمىلىنىپ، يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ياتاتتى؛ ئۇنى كۆرگەن خەلقنىڭ ھەربىرى توختايتتى. ئۇ كىشى ھەممە خەلقنىڭ توختىغىنىنى كۆرۈپ، ئاماسانىڭ جەسىتىنى يولدىن ئېتىزلىققا تارتىپ قويدى ھەم بىر كىيىمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. | 12 |
A Amasa ležao u krvi nasred puta. Videći onaj čovjek gdje se ustavlja sav narod, odvuče Amasu s puta u polje i baci preko njega kabanicu jer je vidio gdje se zaustavlja svatko tko naiđe blizu njega.
جەسەت يولدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھەممىسى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى يوئابقا ئەگەشتى. | 13 |
Kad je Amasa bio uklonjen s puta, svi ljudi pođoše za Joabom da gone Bikrijeva sina Šebu.
شېبا بولسا بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلگىچە ۋە بېرىيلىكلەرنىڭ يۇرتىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى كېزىپ ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن ئۆتتى. [بېرىيلىكلەرمۇ] جەم بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. | 14 |
Šeba je prošao kroza sva izraelska plemena sve do Abel Bet Maake i svi Bikrani s njim. Skupiše se oni i pođoše za njim.
شۇنىڭ بىلەن يوئاب ۋە ئادەملىرى كېلىپ، بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلدە ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇلار شەھەرنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئىستىھكام سالدى؛ يوئابقا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ، سېپىلنى ئۆرۈشكە بازغانلاۋاتقاندا، | 15 |
Joab dođe i opsjede ga u Abel Bet Maaki. Dade nasuti nasip oko grada. Sva vojska koja bijaše s Joabom navali potkopavati zid da ga obori.
دانىشمەن بىر خوتۇن شەھەردىن توۋلاپ: قۇلاق سېلىڭلار! قۇلاق سېلىڭلار! يوئابنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار، ــ دېدى. | 16 |
Tada se jedna mudra žena uspe na zid i povika iz grada: “Čujte! Čujte! Recite Joabu: 'Priđi ovamo, da govorim s tobom!'”
ئۇ يېقىن كەلگەندە خوتۇن ئۇنىڭدىن: سىلى يوئابمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: شۇنداق، مەن شۇ، دېدى. خوتۇن ئۇنىڭغا: دېدەكلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايلا، دېدى. ئۇ: ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. | 17 |
Kad je prišao, upita žena: “Jesi li ti Joab?” On odgovori: “Jesam.” A ona će: “Poslušaj riječ sluškinje svoje!” On odgovori: “Slušam.”
خوتۇن: كونىلاردا ئابەلدە مەسلىھەت تاپقىن، ئاندىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ، دېگەن گەپ بار؛ | 18 |
Žena nastavi: “Nekoć se govorilo ovako: 'Treba pitati u Abelu i u Danu
ئىسرائىلنىڭ تىنچ ۋە مۆمىن بەندىلىرىدىن بىرىمەن؛ سىلى ھازىر ئىسرائىلدىكى ئانا كەبى چوڭ بىر شەھەرنى خاراپ قىلىۋاتىدىلا؛ نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىنى يوقاتماقچى بولىلا؟ ــ دېدى. | 19 |
je li svršeno s onim što su utvrdili vjernici u Izraelu.' Ti bi htio uništiti jedan grad, i to jedan od matičnih gradova u Izraelu. Zašto zatireš baštinu Jahvinu?”
يوئاب جاۋاپ بېرىپ: ئۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! مەندىن نېرى بولسۇن! مېنىڭ ھېچنېمىنى يۇتۇۋالغۇم ياكى يوقاتقۇم يوقتۇر؛ | 20 |
Joab odgovori ovako: “Daleko, daleko bilo to od mene! Ne želim ni zatirati ni razarati.
ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئەفرائىمدىكى ئېدىرلىقتىن بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا دېگەن بىر ئادەم داۋۇت پادىشاھقا قارشى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ. پەقەت ئۇنى تاپشۇرساڭلار، ئاندىن شەھەردىن كېتىمەن، دېدى. خوتۇن يوئابقا: مانا ئۇنىڭ بېشى سېپىلدىن سىلىگە تاشلىنىدۇ، ــ دېدى. | 21 |
Ne radi se o tome, nego je jedan čovjek iz Efrajimove gore, po imenu Šeba, Bikrijev sin, podigao ruku na kralja, na Davida. Predajte samo njega, pa ću otići od grada!” Žena odgovori Joabu: “Dobro. Odmah će ti njegovu glavu baciti preko zida!”
ئاندىن خوتۇن ئۆز دانالىقى بىلەن ھەممە خەلققە مەسلىھەت سالدى؛ ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانىڭ بېشىنى كېسىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب كاناي چالدى، ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇنى ئاڭلاپ، شەھەردىن كېتىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قايتتى. يوئاب يېرۇسالېمغا پادىشاھنىڭ قېشىغا باردى. | 22 |
Žena se vrati u grad i progovori svemu narodu kako joj je govorila njezina mudrost. I odsjekoše glavu Bikrijevu sinu Šebi i baciše je Joabu. A on zapovjedi da zatrube u rog te se raziđoše od grada, svaki u svoj kraj. A Joab se vrati kralju u Jeruzalem.
ئەمدى يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئىدى؛ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بولسا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ ئۈستىگە سەردار بولدى. | 23 |
Joab je bio zapovjednik nad svom vojskom. Jojadin sin Benaja bio je zapovjednik nad Kerećanima i Pelećanima.
ئادونىرام باج-ئالۋانغا باش بولدى، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات بولسا دىۋان بېگى بولدى؛ | 24 |
Adoram je bio nadglednik nad radovima. Ahiludov sin Jošafat bio je pečatnik.
شېۋا كاتىپ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىن ئىدى؛ | 25 |
Seraja je bio državni pisar. Sadok i Ebjatar bijahu svećenici.
يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتقا خاس كاھىن بولدى. | 26 |
Uz to je Jairanin Ira bio zamjenik Davidov.