< سامۇئىل 2 2 >
ئاندىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە چىقايمۇ؟ دېدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ چىققىن، دېدى. داۋۇت، نەگە چىقاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ھېبرونغا چىققىن ــ دېدى. | 1 |
Andin keyin Dawut Pǝrwǝrdigardin yol sorap: Yǝⱨuda xǝⱨǝrlirining birigǝ qiⱪaymu? dedi; Pǝrwǝrdigar uningƣa: — Qiⱪⱪin, dedi. Dawut, nǝgǝ qiⱪay? — dǝp soriwidi, U: Ⱨebronƣa qiⱪⱪin — dedi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالى بىلەن، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە ئەسلى كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىل بىلەن ئۇ يەرگە چىقتى. | 2 |
Xuning bilǝn Dawut ikki ayali bilǝn, yǝni Yizrǝǝllik Aⱨinoam wǝ ǝsli Karmǝllik Nabalning ayali bolƣan Abigail bilǝn u yǝrgǝ qiⱪti.
داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەربىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىدىكىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ھېبروننىڭ شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتى. | 3 |
Dawut uning bilǝn birgǝ bolƣan adǝmlǝrning ⱨǝrbirini ⱨǝm ularning ⱨǝrbiri ɵz ɵyidikilǝrni u yǝrgǝ elip qiⱪti; ular Ⱨebronning xǝⱨǝrliridǝ olturaⱪlaxti.
يەھۇدانىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇ يەرگە كېلىپ داۋۇتنى يەھۇدا جەمەتىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. داۋۇتقا سائۇلنى دەپنە قىلغانلار يابەش-گىلېئادتىكىلەر، دەپ خەۋەر بېرىلدى؛ | 4 |
Yǝⱨudaning adǝmlirimu u yǝrgǝ kelip Dawutni Yǝⱨuda jǝmǝtigǝ padixaⱨ boluxⱪa mǝsiⱨ ⱪildi. Dawutⱪa Saulni dǝpnǝ ⱪilƣanlar Yabǝx-Gileadtikilǝr, dǝp hǝwǝr berildi;
داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ «غوجاڭلار بولغان سائۇلغا شۇنداق ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي. | 5 |
Dawut Yabǝx-Gileadtikilǝrgǝ ǝlqilǝr ǝwǝtip ularƣa: — «Ƣojanglar bolƣan Saulƣa xundaⱪ yahxiliⱪ ⱪilip, uni dǝpnǝ ⱪilƣininglar üqün Pǝrwǝrdigar silǝrgǝ bǝht-bǝrikǝt ata ⱪilƣay.
پەرۋەردىگار سىلەرگىمۇ مېھرىبانلىق ۋە ئۆز ۋاپالىقىنى كۆرسەتكەي؛ سىلەر بۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن مەنمۇ بۇ ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرىمەن. | 6 |
Pǝrwǝrdigar silǝrgimu meⱨribanliⱪ wǝ ɵz wapaliⱪini kɵrsǝtkǝy; silǝr bundaⱪ ⱪilƣininglar üqün mǝnmu bu yahxiliⱪinglarni silǝrgǝ ⱪayturimǝn.
ئەمدى ھازىر غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى غوجاڭلار سائۇل ئۆلدى، يەھۇدا جەمەتى مېنى مەسىھ قىلىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. | 7 |
Əmdi ⱨazir ƣǝyrǝtlik bolunglar; qünki ƣojanglar Saul ɵldi, Yǝⱨuda jǝmǝti meni mǝsiⱨ ⱪilip, ɵzlirigǝ padixaⱨ ⱪildi» — dǝp hǝwǝr yǝtküzdi.
ئەمما سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئۇغلى ئىشبوشەتنى ماھانائىمغا ئېلىپ بېرىپ، | 8 |
Əmma Saulning ⱪoxunining sǝrdari Nǝrning oƣli Abnǝr Saulning uƣli Ixboxǝtni Maⱨanaimƣa elip berip,
ئۇنى گىلېئادقا، گەشۇرىيلارغا، يىزرەئەلگە، ئەفرائىمغا، بىنيامىنغا ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى. | 9 |
uni Gileadⱪa, Gǝxuriylarƣa, Yizrǝǝlgǝ, Əfraimƣa, Binyaminƣa wǝ xundaⱪla pütkül Israilƣa padixaⱨ ⱪildi.
سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت پادىشاھ بولغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ھالبۇكى، يەھۇدا جەمەتى داۋۇتقا ئەگىشەتتى. | 10 |
Saulning oƣli Ixboxǝt padixaⱨ bolƣanda ⱪiriⱪ yaxⱪa kirgǝnidi. U Israilning üstidǝ ikki yil sǝltǝnǝt ⱪildi. Ⱨalbuki, Yǝⱨuda jǝmǝti Dawutⱪa ǝgixǝtti.
داۋۇتنىڭ ھېبروندا يەھۇدا جەمەتى ئۈستىدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يەتتە يىل ئالتە ئاي بولدى. | 11 |
Dawutning Ⱨebronda Yǝⱨuda jǝmǝti üstidǝ sǝltǝnǝt ⱪilƣan waⱪti yǝttǝ yil altǝ ay boldi.
[بىر كۈنى] نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ماھانائىمدىن چىقىپ گىبېئونغا باردى. | 12 |
[Bir küni] Nǝrning oƣli Abnǝr Saulning oƣli Ixboxǝtning adǝmliri bilǝn Maⱨanaimdin qiⱪip Gibeonƣa bardi.
شۇ چاغدا زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى چىقىپ ئۇلار بىلەن گىبېئوندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئۇچراشتى. ئۇلاردىن بىر تەرەپ كۆلنىڭ ئۇ يېقىدا، يەنە بىر تەرەپ كۆلنىڭ بۇ يېقىدا ئولتۇردى. | 13 |
Xu qaƣda Zǝruiyaning oƣli Yoab bilǝn Dawutning adǝmliri qiⱪip ular bilǝn Gibeondiki kɵlning yenida uqraxti. Ulardin bir tǝrǝp kɵlning u yeⱪida, yǝnǝ bir tǝrǝp kɵlning bu yeⱪida olturdi.
ئابنەر يوئابقا: يىگىتلەر قوپۇپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ ئوينىسۇن ــ دېدى. يوئاب: قوپسۇن ــ دېدى. | 14 |
Abnǝr Yoabⱪa: Yigitlǝr ⱪopup aldimizda elixip oynisun — dedi. Yoab: Ⱪopsun — dedi.
ئۇلار بېكىتىلگەن سان بويىچە بىنيامىن بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت تەرەپتىن ئون ئىككى كىشى ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئون ئىككى كىشى چىقىپ ئوتتۇرىغا ئۆتتى. | 15 |
Ular bekitilgǝn san boyiqǝ Binyamin bilǝn Saulning oƣli Ixboxǝt tǝrǝptin on ikki kixi wǝ Dawutning adǝmliridin on ikki kixi qiⱪip otturiƣa ɵtti.
ئۇلار بىر-بىرىنىڭ بېشىنى قاماللاپ تۇتۇپ ھەربىرى رەقىبىنىڭ بىقىنىغا قىلىچى بىلەن سانجىشتى، ھەممىسى يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر «قىلىچ بىسلىرىنىڭ ئېتىزى» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ گىبېئوندىدۇر. | 16 |
Ular bir-birining bexini ⱪamallap tutup ⱨǝrbiri rǝⱪibining biⱪiniƣa ⱪiliqi bilǝn sanjixti, ⱨǝmmisi yiⱪilip ɵldi. Xuning bilǝn u yǝr «Ⱪiliq bislirining etizi» dǝp ataldi; u Gibeondidur.
ئۇ كۈندىكى بولغان سوقۇشۇش ئىنتايىن ئەشەددىي بولدى؛ ئابنەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. | 17 |
U kündiki bolƣan soⱪuxux intayin ǝxǝddiy boldi; Abnǝr bilǝn Israilning adǝmliri Dawutning adǝmliri tǝripidin mǝƣlup ⱪilindi.
شۇ يەردە زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچەيلەن بار ئىدى. ئاساھەل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققان ئىدى. | 18 |
Xu yǝrdǝ Zǝruiyaning oƣulliri Yoab, Abixay wǝ Asaⱨǝl degǝn üqǝylǝn bar idi. Asaⱨǝl huddi daladiki jǝrǝndǝk qaⱪⱪan idi.
ئاساھەل ئابنەرنىڭ كەيىدىن قوغلاپ يۈگۈردى؛ ئابنەرگە ئەگىشىپ ئوڭغا ياكى سولغا بۇرۇلماي تاپ بېسىپ قوغلىدى. | 19 |
Asaⱨǝl Abnǝrning kǝyidin ⱪoƣlap yügürdi; Abnǝrgǝ ǝgixip ongƣa yaki solƣa burulmay tap besip ⱪoƣlidi.
ئابنەر كەينىگە قاراپ: سەن ئاساھەلمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. | 20 |
Abnǝr kǝynigǝ ⱪarap: Sǝn Asaⱨǝlmusǝn? — dǝp soridi. U: — Xundaⱪ, mǝn xu, dǝp jawab bǝrdi.
ئابنەر ئۇنىڭغا: يا ئوڭغا يا سولغا بۇرۇلۇپ يىگىتلەرنىڭ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ يارىغىنى ئۆزۈڭگە تارتىۋالغىن، دېدى. لېكىن ئاساھەل ئۇنى قوغلاشتىن بۇرۇلۇشقا ئۇنىمىدى. | 21 |
Abnǝr uningƣa: Ya ongƣa ya solƣa burulup yigitlǝrning birigǝ ⱨujum ⱪilip uning yariƣini ɵzünggǝ tartiwalƣin, dedi. Lekin Asaⱨǝl uni ⱪoƣlaxtin buruluxⱪa unimidi.
ئابنەر ئاساھەلگە يەنە: مېنى ئەمدى قوغلىماي بۇرۇلۇپ كەتكىن؛ مەن سېنى نېمە دەپ ئۇرۇپ يىقىتقۇدەكمەن؟ ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈلەيمەن؟ ــ دېدى. | 22 |
Abnǝr Asaⱨǝlgǝ yǝnǝ: Meni ǝmdi ⱪoƣlimay burulup kǝtkin; mǝn seni nemǝ dǝp urup yiⱪitⱪudǝkmǝn? Undaⱪ ⱪilsam akang Yoabning aldida ⱪandaⱪmu yüzümni kɵtürülǝymǝn? — dedi.
لېكىن ئاساھەل يەنىلا قوغلاشتىن توختىمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئابنەر نەيزىسىنىڭ تۇتقۇچىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. نەيزە دۈمبىسىنى تىشىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردە يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنداق بولدىكى، ئاساھەل يىقىلىپ ئۆلگەن يەرگە ھازىر كېلىدىغان ھەربىر كىشىلەر ئۇ يەردە توختاپ قالىدۇ. | 23 |
Lekin Asaⱨǝl yǝnila ⱪoƣlaxtin tohtimidi; xuning bilǝn Abnǝr nǝyzisining tutⱪuqini uning ⱪorsiⱪiƣa tiⱪiwǝtti. Nǝyzǝ dümbisini tixip qiⱪti; u xu yǝrdǝ yiⱪilip ɵldi. Xundaⱪ boldiki, Asaⱨǝl yiⱪilip ɵlgǝn yǝrgǝ ⱨazir kelidiƣan ⱨǝrbir kixilǝr u yǝrdǝ tohtap ⱪalidu.
شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنەرنى قوغلاشتى. كۈن پاتقاندا ئۇلار گىبېئوننىڭ چۆلىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا، گىئاھ يېزىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئامماھ ئېدىرلىقىغا يېتىپ كەلدى؛ | 24 |
Xuning bilǝn Yoab bilǝn Abixay Abnǝrni ⱪoƣlaxti. Kün patⱪanda ular Gibeonning qɵligǝ mangidiƣan yolning boyiƣa, Giaⱨ yezisining udulidiki Ammaⱨ edirliⱪiƣa yetip kǝldi;
بىنيامىنلار بولسا ئابنەرنىڭ كەينىدە قوشۇندەك سەپ بولۇپ، بىر دۆڭ تۆپىسىگە چىقىپ تۇردى. | 25 |
Binyaminlar bolsa Abnǝrning kǝynidǝ ⱪoxundǝk sǝp bolup, bir dɵng tɵpisigǝ qiⱪip turdi.
ئابنەر يوئابنى چاقىرىپ: قىلىچ دائىم ئادەملەرنى يەپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ئۆچ-ئاداۋەتتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن قاچانغىچە خەلقلەرگە: «قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلاشتىن توختاڭلار» دەپ بۇيرۇماي تۇرىۋېرىسەن؟ | 26 |
Abnǝr Yoabni qaⱪirip: Ⱪiliq daim adǝmlǝrni yǝp turuxi kerǝkmu? Bu ixlarning aⱪiwiti pǝⱪǝt ɵq-adawǝttin ibarǝt bolidiƣanliⱪini bilmǝmsǝn? Sǝn ⱪaqanƣiqǝ hǝlⱪlǝrgǝ: «Ⱪerindaxliringlarni ⱪoƣlaxtin tohtanglar» dǝp buyrumay turiwerisǝn?
يوئاب: خۇدانىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن مۇشۇ سۆزنى قىلمىغان بولساڭ، كۆپچىلىكنىڭ ھېچبىرى قېرىنداشلىرىنى قوغلاشتىن ئەتىگەنگىچىمۇ يانمايتتى ــ دېدى. | 27 |
Yoab: Hudaning ⱨayati bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, ǝgǝr sǝn muxu sɵzni ⱪilmiƣan bolsang, kɵpqilikning ⱨeqbiri ⱪerindaxlirini ⱪoƣlaxtin ǝtigǝngiqimu yanmaytti — dedi.
بۇنىڭ بىلەن يوئاب كاناي چالدى؛ ھەممە [يەھۇدالار] شۇئان توختىدى ۋە قايتا ئىسرائىلنى قوغلىمىدى، ئۇلار بىلەن قايتا جەڭ قىلىشمىدى. | 28 |
Buning bilǝn Yoab kanay qaldi; ⱨǝmmǝ [Yǝⱨudalar] xuan tohtidi wǝ ⱪayta Israilni ⱪoƣlimidi, ular bilǝn ⱪayta jǝng ⱪilixmidi.
ئابنەر بىلەن ئادەملىرى بولسا كېچىچە مېڭىپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بىترون دېگەن پۈتكۈل يۇرتنى كېزىپ ئۆتۈپ، ماھانايىمغا يېتىپ كەلدى. | 29 |
Abnǝr bilǝn adǝmliri bolsa keqiqǝ mengip, Arabaⱨ tüzlǝnglikidin qiⱪip, Iordan dǝryasidin ɵtüp Bitron degǝn pütkül yurtni kezip ɵtüp, Maⱨanayimƣa yetip kǝldi.
يوئاب ئابنەرنى قوغلاشتىن يېنىپ بارلىق ئادەملەرنى جەم قىلدى. ئاساھەلدىن باشقا داۋۇتنىڭ غۇلاملىرىدىن ئون توققۇز ئادەم يوق چىقتى؛ | 30 |
Yoab Abnǝrni ⱪoƣlaxtin yenip barliⱪ adǝmlǝrni jǝm ⱪildi. Asaⱨǝldin baxⱪa Dawutning ƣulamliridin on toⱪⱪuz adǝm yoⱪ qiⱪti;
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىنلاردىن ۋە ئابنەرنىڭ ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنىدى. | 31 |
Lekin Dawutning adǝmliri Binyaminlardin wǝ Abnǝrning adǝmliridin üq yüz atmix kixini urup ɵltürgǝnidi.
ئۇلار ئاساھەلنى ئېلىپ بەيت-لەھەمدە ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى؛ ئاندىن يوئاب بىلەن ئادەملىرى كېچىچە مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھېبرونغا يېتىپ كەلدى. | 32 |
Ular Asaⱨǝlni elip Bǝyt-Lǝⱨǝmdǝ ɵz atisining ⱪǝbrisidǝ dǝpnǝ ⱪildi; andin Yoab bilǝn adǝmliri keqiqǝ mengip, tang atⱪanda Ⱨebronƣa yetip kǝldi.