< سامۇئىل 2 19 >
بىرسى يوئابقا: پادىشاھ ئابشالوم ئۈچۈن يىغلاپ ماتەم تۇتماقتا، دەپ خەۋەر بەردى. | 1 |
А Йоаву донесено: „Ось цар плаче, і зачав жало́бу по Авесаломові“.
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى نۇسرەت خەلق ئۈچۈن مۇسىبەتكە ئايلاندى؛ چۈنكى خەلق شۇ كۈنىدە: پادىشاھ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت تارتىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىدى. | 2 |
І того дня ця перемо́га обернулася на жало́бу для всього народу, бо того дня народ почув, що казали: „Засмутився цар за своїм сином!“
ئۇ كۈنى خەلق سوقۇشتىن قېچىپ خىجالەتتە قالغان ئادەملەردەك، ئوغرىلىقچە شەھەرگە كىردى. | 3 |
І прокрада́вся народ того дня, щоб увійти до міста, як прокрадається народ, засоро́млений своєю втечею з бо́ю.
پادىشاھ يۈزىنى يېپىپ: ئى، ئوغلۇم ئابشالوم، ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! ــ دەپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن پەرياد كۆتۈردى. | 4 |
А цар закрив своє обличчя. І голосив цар сильним голосом: „Сину мій, Авесаломе! Авесаломе, сину мій! Сину мій!“
لېكىن يوئاب پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئۆز جېنىڭنى، ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭنىڭ جېنىنى، ئاياللىرىڭنىڭ جېنى بىلەن كېنىزەكلىرىڭنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغان ھەممە خىزمەتكارلارنىڭ يۈزىنى سەن بۈگۈن خىجالەتتە قالدۇردۇڭ! | 5 |
І прийшов Йоав до дому царя, та й сказав: „Сьогодні ти засоро́мив обличчя всіх своїх рабів, які сьогодні врятували життя твоє, і життя синів твоїх та дочо́к твоїх, і життя жінок твоїх, і життя наложниць твоїх,
سەن ئۆزۈڭگە نەپرەتلىنىدىغانلارنى سۆيىسەن، سېنى سۆيىدىغانلارغا نەپرەتلىنىدىغاندەك قىلىسەن! چۈنكى سەن بۈگۈن سەردارلىرىڭنى ياكى خىزمەتكارلىرىڭنى نەزىرىڭدە ھېچنەرسە ئەمەس دېگەندەك قىلدىڭ! چۈنكى بۈگۈن ئابشالوم تىرىك قېلىپ، بىز ھەممىمىز ئۆلگەن بولساق، نەزىرىڭدە ياخشى بولاتتىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم. | 6 |
через те, що ти любиш тих, хто тебе нена́видить, і нена́видиш тих, хто тебе любить, бож сьогодні ти виявив, що нема в тебе вожді́в ані слуг. Бо сьогодні я знаю, що коли б Авесало́м був живий, а ми всі сьогодні були мертві, то тоді це було б любе в оча́х твоїх...
ئەمدى چىقىپ خىزمەتكارلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگىن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىساڭ، بۈگۈن كېچە ھېچ ئادەم سېنىڭ بىلەن قالمايدۇ. بۇ بالا ياشلىقىڭدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۈستۈڭگە چۈشكەن ھەرقانداق بالادىن ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. | 7 |
А тепер устань, і говори до серця свої́х рабів. Бо присяга́ю Господом, якщо ти не ви́йдеш, то цієї ночі ніхто не буде ночува́ти з тобою, і це буде тобі гірше за всяке зло, що прихо́дило на тебе від молодости твоєї аж дотепер!“
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چىقىپ دەرۋازىدا ئولتۇردى، ھەممە خەلققە: مانا، پادىشاھ دەرۋازىدا ئولتۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئىسرائىللار بولسا ھەممىسى قېچىپ، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. | 8 |
І цар устав та й засів у брамі, а всьому наро́дові доне́сли, говорячи: „Ось цар сидить у брамі!“І посхо́дився ввесь народ перед царське́ обличчя, а Ізраїль повтікав кожен до своїх наметів.
ئەمدى ئىسرائىل قەبىلىسىدىكى ھەممە خەلق غۇلغۇلا قىلىشىپ: پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغان، بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. ئەمما، ئۇ ھازىر ئابشالوم تۈپەيلىدىن زېمىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. | 9 |
І спереча́вся ввесь народ по всіх Ізраїлевих племе́нах, говорячи: „Цар урятував нас від руки всіх наших ворогів, він же врятував нас із руки филисти́млян, а тепер утік із кра́ю перед Авесаломом.
لېكىن بىز ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغان ئابشالوم بولسا جەڭدە ئۆلدى. ئەمدى نېمىشقا پادىشاھنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە گەپ قىلمايسىلەر؟ دېيىشتى. | 10 |
А Авесало́м, якого ми пома́зали були́ над собою, помер на війні. А тепер чого ви зволікаєте щоб вернути царя?“
داۋۇت پادىشاھ زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: سىلەر يەھۇدانىڭ ئاقساقاللىرىغا: [پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ]: ــ ھەممە ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھنى ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى، دېيىشكەن تەلىپلىرىنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن يەردە، نېمىشقا سىلەر بۇ ئىشتا ئۇلاردىن كېيىن قالىسىلەر؟ | 11 |
І цар Давид послав до священиків, до Садока та до Евіятара, говорячи: „Говоріть так до Юдиних старши́х: Чого ви бу́дете останніми, щоб вернути царя до його дому? А слово всього Ізраїля прийшло вже до царя, до його дому.
سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم تۇرۇپ، نېمىشقا پادىشاھنى ئېلىپ كېلىشتە ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟! ــ دەڭلار. | 12 |
Ви бра́ття мої, ви кість моя та тіло моє! І чого ви бу́дете останніми, щоб вернути царя?
ۋە شۇنداقلا يەنە ئاماساغىمۇ: پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم ئەمەسمۇسەن؟ ئەگەر سېنى يوئابنىڭ ئورنىدا مېنىڭ قېشىمدا دائىم تۇرىدىغان قوشۇننىڭ سەردارى قىلمىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن ــ دەڭلار، ــ دېدى. | 13 |
А Амасі́ скажете: Чи ж ти не кість моя та не тіло моє? Нехай так зробить мені Бог, і нехай ще додасть, якщо ти не бу́деш у мене вожде́м ві́йська по всі дні замість Йоава“.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدادىكى ئادەملەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدەك ئۆزىگە مايىل قىلدى. ئۇلار پادىشاھقا ئادەم ماڭدۇرۇپ: سەن ئۆزۈڭ بىلەن ھەممە خىزمەتكارلىرىڭ بىرگە يېنىپ كېلىڭلار، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. | 14 |
І прихилив він серце всіх Юдиних мужів, як одно́го чоловіка. І послали вони до царя: „Вернися ти та всі твої слу́ги!“
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يېنىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە كەلدى. يەھۇدادىكى ئادەملەر پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزىمىز دەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا گىلگالغا بارغانىدى. | 15 |
І вернувся цар, і прийшов аж до Йорда́ну, а Юда прийшов до Ґілґалу назу́стріч царе́ві, щоб перепрова́дити царя через Йордан.
باھۇرىمدىن چىققان بىنيامىنلىق گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئالدىراپ كېلىپ، يەھۇدادىكى ئادەملەر بىلەن چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. | 16 |
А Шім'ї, Ґерин син, Веніяминівець, що з Бахуріму, поспішив і зійшов з Юдиними мужами на зу́стріч царя Давида.
شىمەيگە بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ ئادەم ئەگەشتى؛ ئۇلار بىلەن سائۇلنىڭ جەمەتىدە خىزمەتكار بولغان زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. | 17 |
І з ним було тисяча чоловіка з Веніямина, та Ціва, слуга Саулового дому, і п'ятнадцятеро синів його та двадцятеро його рабів із ним. І вони перейшли Йордан перед царем.
بىر كېمە پادىشاھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ يۈرەتتى. پادىشاھ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندە، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ تۇرۇپ | 18 |
І перейшов поро́н, щоб перепрова́дити царськи́й дім та зробити, що було добре в оча́х його. А Шім'ї, Ґерин син, упав перед царем, як той перехо́див Йордан,
پادىشاھقا: غوجام قۇللىرىغا قەبىھلىك سانىمىغايلا؛ غوجام پادىشاھ يېرۇسالېمدىن چىققان كۈندە قۇللىرىنىڭ قىلغان قەبىھلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرمىگەيلا؛ ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن. | 19 |
та й цареві сказав: „Нехай пан не порахує мені пере́ступу, і не пам'ятай, що раб твій провинився був того дня, коли мій пан цар вийшов був з Єрусалиму, — щоб цар не поклав це до серця свого!
چۈنكى قۇللىرى ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ؛ شۇڭا مانا، مەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىن ھەممىدىن ئاۋۋال بۈگۈن غوجام پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقتىممەن، ــ دېدى. | 20 |
Бо раб твій знає, що згрішив він, і ось я прийшов сьогодні з усього Йо́сипового дому перший, щоб вийти зустрі́ти мого пана царя“.
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي بۇنى ئاڭلاپ: شىمەي پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى قارغىغان تۇرسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىش لازىم بولمامدۇ؟ ــ دېدى. | 21 |
А Авіша́й, син Церуїн, відповів та й сказав: „Чи ж не буде забитий Шім'ї за те, що проклинав Господнього пома́занця?“
لېكىن داۋۇت: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ بۈگۈن سىلەر ماڭا قارشى چىقماقچمۇسىلەر؟ بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلدا ئادەملەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ بۈگۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ ئىكەنلىكىمنى بىلمەيمەنمۇ؟ ــ دېدى. | 22 |
А Давид відказав: „Що́ вам до мене, сини Церуїні, що ви сьогодні стаєте мені за сатану́? Чи сьогодні буде забитий хто в Ізраїлі? Хіба ж я не знаю, що сьогодні я цар над Ізраїлем?“
ئاندىن پادىشاھ شىمەيگە: سەن ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. | 23 |
А до Шім'ї цар сказав: „Не помреш!“І заприсягну́в йому цар.
ئەمدى سائۇلنىڭ نەۋرىسى مەفىبوشەت پادىشاھنى قارشى ئالغىلى كەلدى. پادىشاھ كەتكەن كۈندىن تارتىپ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن كۈنگىچە، ئۇ يا پۇتلىرىنىڭ تىرنىقىنى ئالمىغان يا ساقىلىنى ياسىمىغان ۋە ياكى كىيىملىرىنى يۇمىغانىدى. | 24 |
І зійшов спітка́ти царя й Мефіво́шет, онук Саулів. А він не оправля́в ніг своїх і не оправляв вуса свого, і не оправляв своєї одежі від дня, як цар вийшов, аж до дня, коли він вернувся з миром.
ئۇ پادىشاھنى قارشى ئالغىلى يېرۇسالېمدىن كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مەفىبوشەت، نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. | 25 |
І сталося, коли прийшов він до Єрусалиму зустріти царя, то сказав йому цар: „Чому́ ти не пішов зо мною, Мефіво́шете?“
ئۇ: ئى، غوجام پادىشاھ، قۇللىرى ئاقساق بولغاچقا، ئېشىكىمنى توقۇپ، مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىللە باراي، دېدىم. ئەمما خىزمەتكارىم مېنى ئالداپ قويۇپتۇ؛ | 26 |
А той відказав: „Пане мій ца́рю, — раб мій обмани́в мене! Бо я, раб твій, сказав: осідлаю собі осла, і сяду на нього, та й поїду з царем, бо раб твій кульга́вий.
ئۇ يەنە غوجام پادىشاھىڭ ئالدىدا قۇللىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلدى. لېكىن غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەكتۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلغايلا. | 27 |
Та він очерни́в раба твого перед паном моїм царем. А мій пан цар, — немов Божий Ангол, тому зроби, що́ добре в оча́х твоїх!
چۈنكى ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممىسى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن ئادەملەردەك ئىدى؛ لېكىن سىلى ئۆز قۇللىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولغانلار ئارىسىدا قويدىلا؛ مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەرياد قىلغىلى نېمە ھەققىم بار؟ ــ دېدى. | 28 |
Бож хіба ввесь дім батька мого не був вартий смерти перед моїм паном царем? Та ти вмістив раба свого серед їдців свого сто́лу. І яке ж я маю право ска́ржитися перед царем?“
پادىشاھ ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئىشلىرىڭ توغرىسىدا سۆزلىۋېرىسەن؟ مېنىڭ ھۆكۈمۈم، سەن بىلەن زىبا يەرلەرنى بۆلۈشىۋېلىڭلار، ــ دېدى. | 29 |
І сказав йому цар: „По́що ти говориш іще оці свої слова? Я сказав: ти та Ціва поді́лите поле“.
مەفىبوشەت پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ ئامان-ېسەن ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، زىبا ھەممىسىنى ئالسىمۇ رازىمەن! ــ دېدى. | 30 |
І сказав Мефіво́шет до царя: „Нехай він ві́зьме навіть усе по тому, коли мій пан, цар прийшов із миром до дому свого́!“
گىلېئادلىق بارزىللايمۇ روگېلىمدىن چۈشۈپ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كېلىپ، پادىشاھ بىلەن بىللە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. | 31 |
А ґілеа́дянин Барзіллай зійшов з Роґеліму, і перейшов з царем Йордан, щоб прове́сти його за Йордан.
ئەمدى بارزىللاي خېلى ياشانغان بىر ئادەم بولۇپ، سەكسەن ياشقا كىرگەنىدى. پادىشاھ ماھانائىمدا تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنى قامدىغان دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى؛ چۈنكى ئۇ خېلى كاتتا بىر كىشى ئىدى. | 32 |
А Барзілла́й був дуже стари́й, віку восьмидесяти́ літ. І він годував царя, як той сидів був у Маханаїмі, бо він був дуже заможна люди́на.
پادىشاھ بارزىللايغا: مېنىڭ بىلەن بارغىن، مەن سەندىن يېرۇسالېمدا ئۆزۈمنىڭكىدە خەۋەر ئالىمەن، دېدى. | 33 |
І сказав цар до Барзіллая: „Перейди зо мною, і я буду годувати тебе при собі в Єрусалимі“.
لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: مېنىڭ بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغاندۇ، پادىشاھ بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا بارامدىم؟ | 34 |
І сказав Барзіллай до царя: „Скільки ще ча́су життя мого, що я піду́ з царем до Єрусалиму?
قۇللىرى سەكسەن ياشقا كىردىم. ياخشى-ياماننى يەنە پەرق ئېتەلەيمەنمۇ؟ يەپ-ئىچكىنىمنىڭ تەمىنى تېتالامدىم؟ يىگىت نەغمىچىلەر بىلەن قىز نەغمىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالامدىم؟ نېمىشقا قۇللىرى غوجام پادىشاغا يەنە يۈك بولىمەن؟ | 35 |
Я сьогодні віку восьмидесяти́ літ. Чи можу я розпізнавати між добрим та злим? Чи розкуштує твій раб, що́ буду їсти та що́ буду пити? Чи послухаю я ще голосу співакі́в та співа́чок? І по́що буде ще раб твій тягарем для свого пана царя?
قۇللىرى پەقەت پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئازراق ئۇزىتىپ قوياي دېگەن؛ پادىشاھ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىشقا ماڭا شۇنچە شاپائەت كۆرسىتىدىلا؟ | 36 |
Трохи пере́йде твій раб із царем за Йордан. І чого́ цар висві́дчує мені оце?
قۇللىرىنىڭ ئۆلگەندە ئۆز شەھىرىمدە، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بەرگەيلا. ئەمدى مانا، بۇ يەردە ئۆز قۇللىرى كىمھام بار ئەمەسمۇ؟ ئۇ غوجام پادىشاھ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغايلا، ــ دېدى. | 37 |
Нехай раб твій ве́рнеться, і нехай помре у своєму місті при гробі батька свого та своєї матері. А ось раб твій, син мій Кімган пере́йде з паном моїм, із царем, а ти зроби йому, що́ добре в оча́х твоїх“.
پادىشاھ: كىمھام مېنىڭ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلاي، شۇنداقلا سەن مەندىن ھەر نېمە سورىساڭ، ساڭا قىلىمەن، ــ دېدى. | 38 |
І сказав цар: „Кімга́н пере́йде зо мною, а я зроблю́ йому, що́ миле в оча́х твоїх. І все, що́ вибереш у мене, я зроблю́ тобі!“
ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى، پادىشاھمۇ ئۆتتى. ئاندىن پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى؛ بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتتى. | 39 |
І ввесь народ перейшов Йордан, перейшов і цар. І цар поцілував Барзілла́я, та й поблагословив його, і той вернувся на своє місце.
پادىشاھ گىلگالغا چىقتى، كىمھام ئۇنىڭ بىلەن باردى. يەھۇدادىكى بارلىق ئادەملەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ خەلقىنىڭ يېرىمى پادىشاھنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويغانىدى. | 40 |
І перейшов цар до Ґілґалу, а з ним перейшов Кімган та ввесь Юдин народ, і вони перепрова́дили царя, а також перейшла́ половина Ізраїлевого наро́ду.
ئاندىن مانا، ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئادەملىرى پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: نېمىشقا قېرىنداشلىرىمىز يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئوغرىلىقچە پادىشاھنى ۋە پادىشاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى، شۇنداقلا داۋۇتقا ئەگەشكەن ھەممە ئادەملەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ؟ ــ دېدى. | 41 |
Аж ось усі ізра́їльтяни прийшли до царя. І сказали вони цареві: „Чому вкрали тебе наші браття, люди Юдині, і перепрова́дили царя та його дім через Йордан, та всіх Давидових людей з ним?
يەھۇدانىڭ ھەممە ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە جاۋاپ بېرىپ: چۈنكى پادىشاھ بىلەن بىزنىڭ تۇغقانچىلىقىمىز بار، نېمىشقا بۇ ئىش ئۈچۈن بىزدىن خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭكىدىن بىر نېمىنى يىدۇقمۇ، ياكى ئۇ بىزگە بىر ئىنئام بەردىمۇ؟ ــ دېدى. | 42 |
І відповіли́ всі Юдині люди Ізраїлеві: „Бо близьки́й цар до нас! І чого то запали́вся тобі гнів на цю річ? Чи справді з'їли ми що в царя? Чи теж справді він роздав нам які дару́нки?“
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەھۇدانىڭ ئادەملىرىگە جاۋاب بېرىپ: قەبىلە بويىچە ئالغاندا، پادىشاھنىڭ [ئون ئىككى] ئۈلۈشتىن ئونى بىزگە تەۋەدۇر، سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ داۋۇت بىلەن تېخىمۇ چوڭراق بۇرادەرچىلىكىمىز بار. نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ پادىشاھىمىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاۋۋال تەشەببۇس قىلغانلار بىز ئەمەسمىدۇق؟ ــ دېدى. ئەمما يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىدى. | 43 |
І відповіли́ ізра́їльтяни юдеям та й сказали: „Нас десять частин у царя, а також і в Давида ми ліпші від вас. Чому ж ви злегковажили нас? Хіба ж не нам було перше слово, щоб вернути царя?“Але слово юдеїв було гостріше від слова ізра́їльтян.