< سامۇئىل 2 18 >
داۋۇت ئۆزى بىلەن بولغان خەلقنى يىغىپ ئېدىتلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىڭبېشى بىلەن يۈزبېشى قويدى. | 1 |
Sečtl pak David lid, kterýž měl s sebou, a ustanovil nad nimi hejtmany a setníky.
ئاندىن داۋۇت خەلقنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ جەڭگە چىقاردى؛ بىرىنچى بۆلەكنى يوئابنىڭ قول ئاستىدا، ئىككىنچى بۆلەكنى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قول ئاستىدا ۋە ئۈچىنچى بۆلەكنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قول ئاستىدا قويدى. پادىشاھ خەلققە: بەرھەق، مەنمۇ سىلەر بىلەن جەڭگە چىقىمەن، دېدى. | 2 |
I uvedl David třetinu lidu v správu Joábovu, a třetinu v správu Abizai syna Sarvie, bratra Joábova, a třetinu v správu Ittai Gittejského. A řekl král lidu: I jáť také potáhnu s vámi.
لېكىن خەلق: سىلى چىقمىسىلا، ئەگەر بىز قاچساق دۈشمەن بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ؛ ھەتتا يېرىمىمىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۆزلىرى بىزنىڭ ئون مىڭىمىزگە باراۋەر بولىلا. ياخشىسى سىلى شەھەردە تۇرۇپ بىزگە ھەمدەم بولۇشقا تەييار تۇرغايلا، دېدى. | 3 |
Ale lid řekl: Nikoli nepotáhneš; nebo jestliže bychom i utíkali, nebudouť na to velmi dbáti, aniž, by nás i polovici zbili, budou toho velmi vážiti. Ty sám zajisté jsi jako z nás deset tisíců, protož lépe bude, abys nám byl v městě ku pomoci.
پادىشاھ ئۇلارغا: سىلەرگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق يۈزدىن، مىڭدىن بولۇپ شەھەردىن چىقىۋاتقاندا، پادىشاھ دەرۋازىنىڭ يېنىدا تۇردى. | 4 |
I řekl jim král: Což se vám za dobré vidí, učiním. Tedy stál král u brány, a všecken lid vycházel po stu a po tisíci.
پادىشاھ يوئاب بىلەن ئابشاي ۋە ئىتتايغا: مەن ئۈچۈن ئابشالومغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ ئاياڭلار، دېدى. پادىشاھنىڭ [ھەممە سەردارلىرىغا] ئابشالوم توغرىسىدا شۇنداق تاپىلىغىنىدا، بارلىق خەلق تاپىلىغىنىنى ئاڭلىدى. | 5 |
Přikázal pak král Joábovi a Abizai a Ittai, řka: Zacházejtež mi pěkně s synem Absolonem. A všecken lid slyšel, když přikazoval král všechněm hejtmanům o Absolonovi.
ئاندىن خەلق ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى مەيدانغا چىقتى؛ سوقۇش ئەفرائىمنىڭ ئورمانلىقىدا بولدى. | 6 |
A tak vytáhl lid do pole proti lidu Izraelskému, a byla bitva v lese Efraim.
ئۇ يەردە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن مەغلۇپ بولدى. ئۇ كۈنى ئۇلار قاتتىق قىرغىن قىلىندى ــ يىگىرمە مىڭى ئۆلدى. | 7 |
I poražen jest tu lid Izraelský od služebníků Davidových, a stala se tu porážka veliká v ten den až do dvadceti tisíců.
سوقۇش شۇ زېمىنغا يېيىلدى؛ ئورمانلىق يەۋەتكەنلەر قىلىچتا ئۆلگەنلەردىن كۆپ بولدى. | 8 |
Nebo když ta bitva rozšířila se po vší krajině, více pohubil lidu les, nežli jich požral meč toho dne.
ئابشالوم داۋۇتنىڭ غۇلاملىرى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدى؛ ئابشالوم ئۆز قېچىرىغا مىنىپ، چوڭ دۇب دەرىخىنىڭ قويۇق شاخلىرىنىڭ تېگىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بېشى دەرەخ شېخىغا كەپلىشىپ قېلىپ، ئۇ ئېسىلىپ قالدى؛ ئۇ مىنگەن قېچىر بولسا ئالدىغا كېتىپ قالدى. | 9 |
Potkal se pak Absolon s služebníky Davidovými. Kterýžto Absolon jel na mezku, (i podšel mezek pod hustý dub veliký), a uvázl za hlavu v stromu tom, tak že visel mezi nebem a zemí. Ale mezek, kterýž pod ním byl, odběhl pryč.
بىرسى بۇنى كۆرۈپ يوئابقا خەۋەر بېرىپ: مانا، مەن ئابشالومنىڭ بىر دۇب دەرىخىدە ساڭگىلاپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، دېدى. | 10 |
To uzřev jeden, oznámil Joábovi, řka: Hle, viděl jsem Absolona, an visí na dubě.
يوئاب خەۋەر بەرگەن ئادەمگە: نېمە! سەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ يەرگە چۈشۈرمىدىڭ؟ شۇنداق قىلغان بولساڭ، ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر كەمەر بېرەتتىم، ــ دېدى. | 11 |
I řekl Joáb muži, kterýž mu to oznámil: Aj, viděls. Pročež jsi ho tam nesrazil na zem? A já bylť bych povinen dáti deset lotů stříbra a pás rytířský jeden.
ئۇ ئادەم يوئابقا: قولۇمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەگسىمۇ، قولۇمنى پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۇزاتمايتتىم! چۈنكى پادىشاھنىڭ ھەممىمىز ئالدىدا ساڭا، ئابىشايغا ۋە ئىتتايغا: مېنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرىڭلار ئابشالومنى ئاياڭلار، دەپ بۇيرۇغىنىنى ئاڭلىدۇق. | 12 |
Odpověděl muž ten Joábovi: A já, bych i odečtených měl na ruce své tisíc lotů stříbra, nevztáhl bych ruky své na syna králova; nebo jsme slyšeli, kterak přikazoval král tobě a Abizai a Ittai, řka: Šetřte všickni syna mého Absolona;
ئەگەر مەن ئۆز جېنىمنى تەۋەككۇل قىلىپ، شۇنداق قىلغان بولسام (ھەرقانداق ئىش پادىشاھتىن يوشۇرۇن قالمايدۇ!) سەن مېنى تاشلاپ، دۈشمىنىڭ قاتارىدا كۆرەتتىڭ، ــ دېدى. | 13 |
Leč bych se dopustiti chtěl sám proti duši své nepravosti. Ale nebýváť nic tajno před králem, a ty bys sám proti mně stál.
يوئاب: سېنىڭ بىلەن بۇنداق دېيىشىشكە چولام يوق! ــ دېدى-دە، قولىغا ئۈچ نەيزىنى ئېلىپ دەرەختە ساڭگىلاقلىق ھالدا تىرىك تۇرغان ئابشالومنىڭ يۈرىكىگە سانجىدى. | 14 |
I řekl Joáb: Nebuduť se tu meškati s tebou. Protož vzav tři kopí do ruky své, vrazil je do Absolona, an ještě živ byl na dubě.
ئاندىن يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان ئون غۇلام ئابشالومنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. | 15 |
A obskočivše Absolona deset služebníků, oděnců Joábových, bili jej a zabili.
ئاندىن يوئاب كاناي چالدى؛ خەلق ئىسرائىلنى قوغلاشتىن ياندى؛ چۈنكى يوئاب قوشۇننى چېكىنىشكە چاقىردى. | 16 |
V tom zatroubil Joáb v troubu. I vrátil se lid od honění Izraele; nebo zdržel Joáb lid.
ئۇلار ئابشالومنى ئورمانلىقتىكى چوڭ بىر ئازگالغا تاشلاپ ئۈستىگە نۇرغۇن تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئىسرائىللار بولسا قېچىپ ھەربىرى ئۆز ماكانىغا كەتتى. | 17 |
A vzavše Absolona, uvrhli jej v tom lese do jámy veliké, a nametali na něj hromadu kamení velmi velikou. Ale všecken Izrael zutíkali jeden každý do stanů svých.
ئابشالوم تىرىك ۋاقتىدا پادىشاھ ۋادىسىدا ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزغانىدى. چۈنكى ئۇ: مېنىڭ نامىمنى قالدۇردىغانغا ئوغلۇم يوق دەپ، ئۇ تاش ئابىدىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاش بۈگۈنگە قەدەر «ئابشالومنىڭ يادىكارى» دەپ ئاتىلىدۇ. | 18 |
(Absolon pak vzal byl a vyzdvihl sobě za života svého sloup v údolí královském; nebo byl řekl: Nemám syna, aby zůstala pamět jména mého. Protož nazval ten sloup jménem svým, kterýž slove místo Absolonovo až do dnešního dne.)
زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز [يوئابقا]: پەرۋەردىگار سېنى دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزۇپ سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى، دەپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىشكە مېنى دەرھال ماڭغۇزغىن، ــ دېدى. | 19 |
Tedy Achimaas syn Sádochův řekl: Medle, nechť běžím, abych zvěstoval králi, že ho vysvobodil Hospodin z ruky nepřátel jeho.
لېكىن يوئاب ئۇنىڭغا: سەن بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، بەلكى باشقا بىر كۈنى خەۋەر بېرىسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلگىنى تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، دېدى. | 20 |
I řekl jemu Joáb: Nebyl bys dnes dobrým poslem, ale oznámíš to jiného dne; dnes však neoznamuj, proto že syn králův umřel.
شۇنىڭ بىلەن يوئاب كۇشىيغا: بېرىپ پادىشاھقا كۆرگىنىڭنى دەپ بەرگىن، دېدى. كۇشىي يوئابقا تەزىم قىلىپ يۈگۈرۈپ كەتتى. | 21 |
Potom řekl Joáb k Chuzi: Jdiž, zvěstuj králi, co jsi viděl. A pokloniv se Chuzi Joábovi, běžel.
لېكىن زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: قانداقلا بولمىسۇن بۇ كۇشىينىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشكە ماڭا ئىجازەت بەرگىن، ــ دېدى. يوئاب: ئى ئوغلۇم، ساڭا ھېچقانداق سۆيۈنچى بەرگۈدەك خەۋەر بولمىسا، نېمىشقا يۈگۈرۈشنى خالايسەن؟ ــ دېدى. | 22 |
Mluvil pak ještě Achimaas syn Sádochův, a řekl Joábovi: Buď, jak buď, medle, nechť já také běžím za Chuzi. Odpověděl Joáb: Proč bys ty běžel, synu můj, když nemáš, co bys dobrého zvěstoval?
ئۇ يەنە: قانداقلا بولمىسۇن، مېنى يۈگۈرگۈزگىن، دېدى. يوئاب ئۇنىڭغا: ماڭ، يۈگۈر، دېۋىدى، ئاخىمائاز ئىئوردان دەرياسىدىكى تۈزلەڭلىك بىلەن يۈگۈرۈپ كۇشىيگە يېتىشىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى. | 23 |
I řekl: Buď, jak buď, poběhnu. Odpověděl mu: Běž. A tak běžel Achimaas cestou přímější a předběhl Chuzi.
داۋۇت ئىچكى-تاشقى دەرۋازىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدىن سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى. | 24 |
David pak seděl mezi dvěma branami. I vyšel strážný na vrch brány na zed, kterýž pozdvih očí svých, uzřel, a hle, muž běžel sám.
كۆزەتچى ۋارقىراپ پادىشاھقا خەۋەر بەردى. پادىشاھ: ئەگەر ئۇ يالغۇز بولسا ئۇنىڭدا چوقۇم خەۋەر بار، دېدى. خەۋەرچى بولسا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى. | 25 |
Tedy volaje strážný, oznámil králi. I řekl král: Jest-liť sám, dobré poselství nese. A když ten šel předce a přibližoval se,
ئاندىن كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كەلگىنىنى كۆردى. كۆزەتچى دەرۋازىۋەنگە: مانا يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ: بۇمۇ خەۋەرچى ئىكەن، دېدى. | 26 |
Uzřel ještě strážný muže druhého běžícího. I zavolal strážný na branného a řekl: Hle, opět muž běží sám. Tedy řekl král: I tenť v poselství běží.
كۆزەتچى: ئاۋۋالقىسىنىڭ يۈگۈرۈشى ماڭا زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرشىدەك كۆرۈندى، ــ دېدى. پادىشاھ: ئۇ ياخشى ئادەم، خۇش خەۋەر يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. | 27 |
Řekl ještě strážný: Vidím běh prvního, jako běh Achimaasa syna Sádochova. I řekl král: Dobrýtě to muž, protož s dobrým poselstvím jde.
ئاخىمائاز پادىشاھقا توۋلاپ: سالام! دەپ پادىشاھقا يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: غوجام پادىشاھقا زىيان يەتكۈرۈشكە قوللىرىنى كۆتۈرگەن ئادەملەرنى مەغلۇبىيەتكە مۇپتىلا قىلغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! ــ دېدى. | 28 |
Tedy volaje Achimaas, řekl králi: Pokoj tobě. A pokloniv se králi tváří svou k zemi, řekl: Požehnaný Hospodin Bůh tvůj, kterýž podmanil muže ty, kteříž pozdvihli rukou svých proti pánu mému králi.
پادىشاھ: ئابشالوم سالامەتمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئاخىمائاز جاۋاب بېرىپ: يوئاب پادىشاھنىڭ قۇلى ۋە پېقىرلىرىنى ماڭدۇرغاندا، پېقىر كىشىلەرنىڭ چوڭ قالايمىقانچىلىقىنى كۆردۇم، لېكىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم، ــ دېدى. | 29 |
I řekl král: Dobře-li se má syn můj Absolon? Odpověděl Achimaas: Viděl jsem hluk veliký, když posílal služebníka králova Joáb, a mne služebníka tvého, ale nevím nic, co bylo.
پادىشاھ: بولدى، بۇياقتا تۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ بىر تەرەپكە بېرىپ تۇردى. | 30 |
Jemuž řekl král: Odstup a stůj tamto. I odstoupil a stál.
ۋە مانا، كۇشىي يېتىپ كەلدى؛ كۇشىي: غوجام پادىشاھ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغايلا. پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاسىيلىق قىلىپ قوزغالغان ھەممىسىدىن سىلىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدى، دېدى. | 31 |
A v tom Chuzi přišed, řekl: Zvěstuje se pánu mému králi, že vysvobodil tě dnes Hospodin z ruky všech povstávajících proti tobě.
پادىشاھ كۇشىيغا: يىگىت ئابشالوم سالامەتمۇ؟ دەپ سورىدى. كۇشىيلىق: غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە سىلىنى قەستلەشكە قوزغالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يىگىتكە ئوخشاش بولسۇن! ــ دېدى. | 32 |
Ale král řekl k Chuzi: Jest-liž živ syn můj Absolon? Odpověděl Chuzi: Nechť jsou tak, jako syn králův, nepřátelé pána mého krále, i všickni, kteříž povstávají proti tobě ke zlému.
پادىشاھ تولىمۇ ئازابلىنىپ، دەرۋازىنىڭ تۆپىسىدىكى بالىخانىغا يىغلىغان پېتى چىقتى؛ ئۇ ماڭغاچ: ئى ئوغلۇم ئابشالوم! ئى ئوغلۇم، ئوغلۇم ئابشالوم! كاشكى، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۆلسەم بولماسمىدى! ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! دېدى. | 33 |
I zarmoutil se král, a vstoupiv do horního pokoje na bráně, plakal a jda, mluvil takto: Synu můj Absolone, synu můj, synu můj Absolone! Ó kdybych byl umřel za tebe, Absolone synu můj, synu můj!