< سامۇئىل 2 17 >
ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ماڭا ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى تاللىۋېلىشقا رۇخسەت بەرسەڭ، مەن بۈگۈن كېچە قوزغىلىپ، داۋۇتنى قوغلاي؛ | 1 |
Još reèe Ahitofel Avesalomu: da odaberem dvanaest tisuæa ljudi, pa da idem i tjeram Davida noæas.
مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشكىنىمدە ئۇ ھېرىپ، قوللىرى ئاجىز بولىدۇ؛ مەن ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋېتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، | 2 |
Pa æu ga stignuti dok je umoran i iznemoglijeh ruku; i uplašiæu ga, te æe pobjeæi sav narod što je s njim, pa æu ubiti cara samoga.
ئاندىن ھەممە خەلقنى ساڭا بېقىندۇرۇپ قايتۇرىمەن. سەن ئىزدىگەن ئادەم يوقالسا، ھەممە خەلق سېنىڭ قېشىڭغا قايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق ئامان-ئېسەن قالىدۇ، دېدى. | 3 |
I obratiæu sav narod k tebi; jer za onijem koga tražiš stoji da se svi vrate k tebi; tada æe se sav narod umiriti.
بۇ مەسلىھەت ئابشالومغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا ياقتى، | 4 |
I to se uèini dobro Avesalomu i svijem starješinama Izrailjevijem.
لېكىن ئابشالوم: ئاركىلىق ھۇشاينىمۇ چاقىرىڭلار؛ ئۇنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلايلى، ــ دېدى. | 5 |
Ali reèe Avesalom: dozovite i Husaja Arhijanina da èujemo što æe i on reæi.
ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاھىتوفەل مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى؛ ئۇ دېگەندەك قىلايلىمۇ؟ بولمىسا، سەن بىر مەسلىھەت بەرگىن، ــ دېدى. | 6 |
A kad doðe Husaj k Avesalomu, reèe mu Avesalom govoreæi: tako i tako reèe Ahitofel; hoæemo li èiniti kako on reèe ili neæemo? kaži ti.
ھۇشاي ئابشالومغا: ئاھىتوفەلنىڭ بۇ ۋاقىتتا بەرگەن مەسلىھەتى ياخشى ئەمەس، ــ دېدى. | 7 |
A Husaj reèe Avesalomu: nije dobar svjet što je sada svjetovao Ahitofel.
ھۇشاي يەنە مۇنداق دېدى: «سەن ئاتاڭ بىلەن ئادەملىرىنى بىلىسەنغۇ ــ ئۇلار پالۋانلاردۇر، ھازىر دالادىكى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنغان چىشى ئېيىقتەك پەيلى يامان. ئاتاڭ بولسا ھەقىقىي جەڭچىدۇر، ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرگە قونمايدۇ. | 8 |
Još reèe Husaj: ti znaš oca svojega i ljude njegove da su hrabri i da su ljuta srca kao medvjedica kad joj otmu medvjediæe u polju; svrh toga, tvoj je otac ratnik, neæe noæiti s narodom.
مانا ئۇ ھازىر بىر غاردا يا باشقا بىر يەردە مۆكۈنۈۋالغان بولسا كېرەك. مۇبادا ئۇ ئاۋۋال خەلقىمىز ئۈستىگە چۈشسە شۇنى ئاڭلىغان ھەركىم: ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچراپتۇ، ــ دەيدۇ. | 9 |
Gle, on se je sada sakrio u kaku jamu ili na drugo kako mjesto. Pa ako u prvi mah koji od ovijeh poginu, ko god èuje svaki æe reæi: pobijen je narod koji prista za Avesalomom.
ئۇ ۋاقىتتا ھەتتا شىر يۈرەك پالۋانلارنىڭ يۈرەكلىرىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئاتاڭنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭمۇ پالۋان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. | 10 |
A tada æe najhrabriji, u kojih je srce kao srce lavovo, klonuti. Jer sav Izrailj zna da je tvoj otac junak i da su hrabri koji su s njim.
شۇڭا مەسلىھەتىم شۇكى، پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سېنىڭ قېشىڭغا تېز يىغىلسۇن (ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردەك كۆپتۇر!). سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنى باشلاپ جەڭگە چىققىن. | 11 |
Zato ja svjetujem da skupiš k sebi sve Izrailjce od Dana do Virsaveje da ih bude kao pijeska na moru, pa ti glavom idi u boj.
بىز ئۇنى قەيەردە تاپساق، شەبنەم يەرگە چۈشكەندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان كىشىلەردىن ھېچ كىممۇ قالمايدۇ. | 12 |
Tada æemo poæi na nj, gdje bi se god nalazio, i napašæemo na nj kao što rosa pada na zemlju, da mu ne ostane nijedan od svijeh ljudi što su s njim.
ئەگەر ئۇ بىر شەھەرگە كىرىۋالسىمۇ، پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ يەرگە ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنى ھەتتا ئۇنىڭدىكى كىچىك شېغىل-تاشلارنىمۇ قالدۇرماي سۆرەپ ئەكىلىپ، دەريا جىلغىسىغا تاشلىۋېتىمىز». | 13 |
Ako li uteèe u grad, sav narod Izrailjski neka donese uža pod onaj grad, pa æemo ga svuæi u potok, da se ni kamen ne naðe ondje.
ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى: ئاركىلىق ھۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىدىن ياخشى ئىكەن، دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئابشالومنىڭ بېشىغا بالا كەلسۇن دەپ، ئاھىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى بېكىتكەنىدى. | 14 |
Tada reèe Avesalom i svi Izrailjci: bolji je svjet Husaja Arhijanina nego svjet Ahitofelov. Jer Gospod bješe naredio da se razbije svjet Ahitofelov, koji bješe bolji, da bi Gospod navukao zlo na Avesaloma.
ھۇشاي زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا: ئاھىتوفەلنىڭ ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا بەرگەن مەسلىھەتى مۇنداق-مۇنداق، ئەمما مېنىڭ مەسلىھەتىم بولسا مۇنداق-مۇنداق؛ | 15 |
Potom reèe Husaj sveštenicima Sadoku i Avijataru: tako i tako svjetova Ahitofel Avesaloma i starješine Izrailjeve, a ja svjetovah tako i tako.
ھازىر سىلەر دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتقا: بۇ كېچىدە چۆلنىڭ كېچىكلىرىدە قونماي، بەلكى تېز ئۆتۈپ كېتىڭلار، بولمىسا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق ھالاك بولۇشى مۇمكىن، دەپ يەتكۈزۈڭلار ــ دېدى. | 16 |
Nego brže pošljite, te javite Davidu i recite: nemoj noæas noæiti u polju u pustinji, nego prijeði prijeko, da ne bude proždrt car i sav narod što je s njim.
ئۇ ۋاقىتتا يوناتان بىلەن ئاخىمائاز ئەن-روگەلدە كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن شەھەرگە كىرمىدى؛ بىر دېدەكنىڭ چىقىپ ئۇلارغا خەۋەر بېرىشى بېكىتىلدى. ئۇلار بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەرنى يەتكۈزدى. | 17 |
A Jonatan i Ahimas stajahu kod studenca Rogila, i doðe jedna sluškinja i kaza im, da bi otišli te javili caru Davidu; jer se ne smijahu pokazati ni uæi u grad.
لېكىن بىر ياش يىگىت ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ، ئابشالومغا دەپ قويدى. ئەمما بۇ ئىككىيلەن ئىتتىك بېرىپ، باھۇرىمدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردى. بۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا قۇدۇق بار ئىدى؛ ئۇلار شۇنىڭغا چۈشۈپ يوشۇرۇندى. | 18 |
Ali ih vidje jedan momak, te kaza Avesalomu; a oni obojica brže otidoše, i doðoše u Vaurim u kuæu jednoga èovjeka, koji imaše na dvoru studenac, te se spustiše u nj.
ئۇنىڭ ئايالى قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ياپقۇچىنى يېپىپ ئۈستىگە سوقۇلغان بۇغداينى تۆكۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىش ئاشكارىلانمىدى. | 19 |
I žena uze i razastrije ponjavu povrh studenca, i povrh nje razasu prekrupu. I tako se ne dozna.
ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆيگە كىرىپ ئايالنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئاخىمائاز بىلەن يوناتان قەيەردە؟ ــ دەپ سورىدى. ئايال: ئۇلار ئېرىقتىن ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. كەلگەنلەر ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. | 20 |
Jer doðoše sluge Avesalomove k onoj ženi u kuæu, i rekoše joj: gdje je Ahimas i Jonatan? A žena im reèe: otidoše preko potoka. Tako traživši i ne našavši vratiše se u Jerusalim.
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ، بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەر بەردى. ئۇلار داۋۇتقا: قوپۇپ، سۇدىن ئۆتكىن؛ چۈنكى ئاھىتوفەل سېنى تۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ، ــ دېدى. | 21 |
A kad otidoše, oni ižljezoše iz studenca, i otidoše te javiše caru Davidu, i rekoše mu: ustanite i prijeðite brže preko vode; jer je tako i tako svjetovao Ahitofel na vas.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قوزغىلىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى؛ تاڭ ئاتقۇچە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمىگەن ھېچكىم قالمىدى. | 22 |
Tada usta David i sav narod što bijaše s njim, i prijeðoše preko Jordana prije zore, ne osta nijedan da ne prijeðe preko Jordana.
ئاھىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز شەھىرىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە ۋەسىيەت تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. | 23 |
Ahitofel pak videæi gdje se ne uèini kako on svjetova, osedla svojega magarca, pa se podiže i otide kuæi svojoj, u svoj grad, i naredivši za svoju kuæu objesi se te umrije, i bi pogreben u grobu oca svojega.
شۇ ئارىلىقتا داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەنىدى، ئابشالوم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىمۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغانىدى. | 24 |
A David doðe u Mahanajim; Avesalom pak prijeðe preko Jordana i sav Izrailj što bješe s njim.
ئابشالوم يوئابنىڭ ئورنىدا ئاماسانى قوشۇننىڭ ئۈستىگە سەردار قىلىپ قويدى. ئاماسا بولسا يىترا ئىسىملىك بىر ئىسرائىللىق كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كىشى ناھاشنىڭ قىزى ئابىگائىل بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانىدى. ناھاش يوئابنىڭ ئانىسى زەرۇئىيا بىلەن ئاچا-سىڭىل ئىدى. | 25 |
I postavi Avesalom Amasu nad vojskom, na mjesto Joavovo; a Amasa bješe sin nekoga èovjeka po imenu Itre Izrailjca, koji obleža Avigeju kæer Nasovu, sestru Seruje matere Joavove.
ئىسرائىل بىلەن ئابشالوم گىلېئادنىڭ زېمىنىدا بارگاھ تىكتى. | 26 |
I stade u oko Izrailj s Avesalomom u zemlji Galadovoj.
داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەندە، ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناھاشنىڭ ئوغلى شوبى بىلەن لو-دىبارلىق ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگېلىمدىن بولغان گىلېئادلىق بارزىللاي دېگەنلەر | 27 |
A kad doðe David u Mahanajim, Sovije sin Nasov iz Rave sinova Amonovijeh i Mahir sin Amilov iz Lodevara i Varzelaj od Galada iz Rogelima
يوتقان-كۆرپە، داس، قاچا-قۇچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، قىزىل ماش، قۇرۇغان پۇرچاقلار، | 28 |
Donesoše postelje i èaša i sudova zemljanijeh i pšenice i jeèma i brašna i prekrupe i boba i leæa i prženijeh zrna,
ھەسەل، قايماق ۋە قويلارنى كەلتۈرۈپ، كالا سۈتىدە قىلىنغان قۇرۇت-ئىرىمچىك قاتارلىقلارنى داۋۇت بىلەن خەلققە يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇلار: شۈبھىسىزكى، خەلق چۆلدە ھېرىپ-ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلىغانىدى. | 29 |
I meda i masla i ovaca i sira kravljega; donesoše Davidu i narodu što bješe s njim da jedu. Jer govorahu: narod je gladan i umoran i žedan u toj pustinji.