< سامۇئىل 2 16 >
داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىدىن ئەمدىلا ئۆتۈشىگە مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا ئىككى يۈز نان، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، يۈز يازلىق مېۋە پوشكىلى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئىككى ئېشەككە ئارتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. | 1 |
Und als David von dem Gipfel ein wenig weiter gegangen war, siehe, da kam Ziba, der Knabe Mephiboseths, ihm entgegen mit einem Paar gesattelter Esel, und auf ihnen zweihundert Brote und hundert Rosinenkuchen und hundert Kuchen von getrocknetem Obst und ein Schlauch Wein.
پادىشاھ زىباغا: بۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئەكەلدىڭ؟ دېدى. زىبا: ئېشەكلەرنى پادىشاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېنىشى ئۈچۈن، نانلار بىلەن يازلىق مىۋىلەرنى غۇلاملارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن، شارابنى چۆلدە ھېرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن ئەكەلدىم ــ دېدى. | 2 |
Und der König sprach zu Ziba: Was willst du damit? Und Ziba sprach: Die Esel sind für das Haus des Königs, um darauf zu reiten, und das Brot und das getrocknete Obst zum Essen für die Knaben, und der Wein zum Trinken für den, der in der Wüste ermattet.
پادىشاھ: غوجاڭنىڭ ئوغلى نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدا قالدى، چۈنكى ئۇ: بۈگۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىنى ماڭا ياندۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئولتۇرىدۇ ــ دېدى. | 3 |
Und der König sprach: Und wo ist der Sohn deines Herrn? Und Ziba sprach zu dem König: Siehe, er bleibt in Jerusalem; denn er sprach: Heute wird mir das Haus Israel das Königtum meines Vaters wiedergeben!
پادىشاھ زىباغا: مانا مەفىبوشەتنىڭ ھەممىسى ساڭا تەۋە بولسۇن، دېۋىدى، زىبا: مەن سىلىگە تەزىم قىلىمەن؛ سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپسام، ئى غوجام پادىشاھ، ــ دېدى. | 4 |
Da sprach der König zu Ziba: Siehe, dein ist alles, was Mephiboseth gehört. Und Ziba sprach: Ich beuge mich nieder; möge ich Gnade finden in deinen Augen, mein Herr König!
داۋۇت پادىشاھ باھۇرىمغا كەلگەندە، مانا سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولغان، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئىسىملىك بىر ئادەم شۇ يەردىن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى؛ ئۇ بۇ ياققا كەلگەچ كىمدۇ بىرىنى قارغاۋاتاتتى. | 5 |
Und als der König David nach Bachurim kam, siehe, da kam von dannen heraus ein Mann vom Geschlecht des Hauses Sauls, sein Name war Simei, der Sohn Geras. Er kam unter Fluchen heraus,
ئۇ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قاراپ تاشلارنى ئاتتى؛ ھەممە خەلق بىلەن بارلىق پالۋانلار پادىشاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. | 6 |
und warf mit Steinen nach David und nach allen Knechten des Königs David; und alles Volk und alle Helden waren zu seiner Rechten und zu seiner Linken.
شىمەي قارغاپ: يوقال، يوقال، ھەي سەن قانخور، ئىپلاس! | 7 |
Und Simei sprach also, indem er fluchte: Hinweg, hinweg, du Mann des Blutes und Mann Belials!
سەن سائۇلنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدۇڭ، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ قېنىنى سېنىڭ بېشىڭغا قايتۇردى؛ ئەمدى پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى ئوغلۇڭ ئابشالومنىڭ قولىغا بەردى؛ مانا، ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشتى، چۈنكى سەن بىر قانخورسەن! ــ دېدى. | 8 |
Jehova hat alles Blut des Hauses Sauls, an dessen Statt du König geworden bist, auf dich zurückgebracht, und Jehova hat das Königtum in die Hand deines Sohnes Absalom gegeben; und siehe, nun bist du in deinem Unglück, denn ein Mann des Blutes bist du!
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا: نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىت غوجام پادىشاھنى قارغىسۇن؟ ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى كەسكىلى ماڭا ئىجازەت بەرگەيسەن! ــ دېدى. | 9 |
Und Abisai, der Sohn der Zeruja, sprach zu dem König: Warum soll dieser tote Hund meinem Herrn, dem König, fluchen? Laß mich doch hinübergehen und ihm den Kopf wegnehmen!
لېكىن پادىشاھ: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ ئۇ قارغىسا قارغىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا، داۋۇتنى قارغىغىن، دەپ ئېيتقان بولسا، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭغا: نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ــ دېيەلىسۇن؟ | 10 |
Aber der König sprach: Was haben wir miteinander zu schaffen, ihr Söhne der Zeruja? Ja, mag er fluchen! denn wenn Jehova [O. wenn er flucht, und wenn Jehova] ihm gesagt hat: Fluche David! wer darf dann sagen: Warum tust du also?
داۋۇت ئابىشايغا ۋە بارلىق خىزمەتكارلىرىغا: مانا ئۆز پۇشتۇمدىن بولغان ئوغلۇم مېنىڭ جېنىمنى ئىزدىگەن يەردە، بۇ بىنيامىن كىشى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قىلمامدۇ؟ ئۇنى قارغىغىلى قويغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق بۇيرۇپتۇ. | 11 |
Und David sprach zu Abisai und zu allen seinen Knechten: Siehe, mein Sohn, der aus meinem Leibe hervorgegangen ist, trachtet mir nach dem Leben; wieviel mehr nun dieser Benjaminiter! Laßt ihn, daß er fluche; denn Jehova hat es ihn geheißen.
پەرۋەردىگار بەلكىم مېنىڭ دەردلىرىمنى نەزىرىگە ئېلىپ، بۇ ئادەمنىڭ بۈگۈن مېنى قارغىغانلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا ياخشىلىق ياندۇرار، دېدى. | 12 |
Vielleicht wird Jehova mein Elend ansehen, und Jehova mir Gutes erstatten dafür, daß mir geflucht wird an diesem Tage.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن يولدا مېڭىۋەردى. شىمەي بولسا داۋۇتنىڭ ئۇدۇلدىكى تاغ باغرىدا ماڭغاچ قارغايتتى ھەم تاش ئېتىپ توپا-چاڭ چاچاتتى. | 13 |
Und David und seine Männer zogen auf dem Wege; Simei aber ging an der Seite des Berges, ihm gegenüber, [d. h. indem er gleichen Schrittes mit ihm hielt] immerfort fluchend, und warf mit Steinen gegen ihn [Eig. ihm gegenüber; der gleiche Sinn wie vorher] und warf Staub empor.
پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ھېرىپ، مەنزىلگە بارغاندا ئۇ يەردە ئارام ئالدى. | 14 |
Und der König und alles Volk, das bei ihm war, kamen ermattet an; und er erholte sich daselbst.
ئەمدى ئابشالوم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئاھىتوفەل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. | 15 |
Absalom aber und alles Volk, die Männer von Israel, kamen nach Jerusalem, und Ahitophel mit ihm.
داۋۇتنىڭ دوستى ئاركىلىق ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئابشالومغا: پادىشاھ ياشىسۇن! پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دېدى. | 16 |
Und es geschah, als Husai, der Arkiter, der Freund Davids, zu Absalom kam, da sprach Husai zu Absalom: Es lebe der König! es lebe der König!
ئابشالوم ھۇشايغا: بۇ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسىتىدىغان ھىممىتىڭمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دېدى. | 17 |
Und Absalom sprach zu Husai: Ist das deine Güte an deinem Freunde? Warum bist du nicht mit deinem Freunde gegangen?
ھۇشاي ئابشالومغا: ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كىمنى تاللىسا، مەن ئۇنىڭغا تەۋە بولاي ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمەن. | 18 |
Und Husai sprach zu Absalom: Nein, sondern wen Jehova erwählt hat und dieses Volk und alle Männer von Israel, dessen will ich sein, und bei ihm will ich bleiben;
شۇنىڭدىن باشقا كىمنىڭ خىزمىتىدە بولاي؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلمامدىم؟ سېنىڭ ئاتاڭنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قېشىڭدا خىزمەت قىلاي، ــ دېدى. | 19 |
und zum anderen, wem sollte ich dienen? nicht vor seinem Sohne? Wie ich vor deinem Vater gedient habe, also will ich vor dir sein.
ئاندىن ئابشالوم ئاھىتوفەلگە: مەسلىھەتلىشىپ يول كۆرسىتىڭلار؛ قانداق قىلساق بولار؟ ــ دېدى. | 20 |
Und Absalom sprach zu Ahitophel: Schaffet Rat, was wir tun sollen!
ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ئاتاڭنىڭ ئوردىسىغا قارىغىلى قويغان كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە ياتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ ئۆزۈڭنى ئاتاڭغا نەپرەتلىك قىلغانلىقىڭنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرى كۈچلەندۈرۈلىدۇ، دېدى. | 21 |
Und Ahitophel sprach zu Absalom: Gehe ein zu den Kebsweibern deines Vaters, die er zurückgelassen hat, um das Haus zu bewahren; so wird ganz Israel hören, daß du dich bei deinem Vater stinkend gemacht hast, und die Hände aller derer, die mit dir sind, werden erstarken.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئابشالوم ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكتى؛ ئابشالوم ھەممە ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە بولدى. | 22 |
Da schlug man für Absalom ein Zelt auf dem Dache auf; und Absalom ging ein zu den Kebsweibern seines Vaters vor den Augen von ganz Israel.
ئۇ كۈنلەردە ئاھىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى خۇددى كىشى خۇدادىن سوراپ ئېرىشكەن سۆز-كالامدەك ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ داۋۇتقا ۋە ئابشالومغا بەرگەن ھەممە مەسلىھەتىمۇ ھەم شۇنداق قارىلاتتى. | 23 |
Der Rat Ahitophels aber, den er in jenen Tagen riet, war, wie wenn man das Wort Gottes befragte; also war jeder Rat Ahitophels, sowohl für David als auch für Absalom.