< سامۇئىل 2 15 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابشالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى تەييارلاتتى ھەم ئۆز ئالدىدا يۈگۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى بېكىتتى. 1
igitur post haec fecit sibi Absalom currum et equites et quinquaginta viros qui praecederent eum
ئابشالوم تاڭ سەھەردە قوپۇپ، دەرۋازىغا بارىدىغان يولنىڭ يېنىدا تۇراتتى. قاچان بىرسى دەۋايىمنى كەسسۇن دەپ، پادىشاھقا ئەرز تۇتقىلى كەلسە، ئابشالوم ئۇنى چاقىرىپ: سەن قايسى شەھەردىن كەلدىڭ، ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى: قۇلۇڭ ئىسرائىلنىڭ پالانچى قەبىلىسىدىن كەلدى، دېسە، 2
et mane consurgens Absalom stabat iuxta introitum portae et omnem virum qui habebat negotium ut veniret ad regis iudicium vocabat Absalom ad se et dicebat de qua civitate es tu qui respondens aiebat ex una tribu Israhel ego sum servus tuus
ئابشالوم ئۇنىڭغا: مانا، دەۋايىڭلار دۇرۇس ۋە ھەق ئىكەن، لېكىن پادىشاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەرزىڭنى ئاڭلاشقا قويۇلغان ئادەم يوق، دەيتتى. 3
respondebatque ei Absalom videntur mihi sermones tui boni et iusti sed non est qui te audiat constitutus a rege dicebatque Absalom
ئاندىن ئابشالوم يەنە: كاشكى، مەن زېمىندا سوراقچى قىلىنسامىدى، ھەر كىمنىڭ ئەرزى ياكى دەۋايى بولۇپ، مېنىڭ قېشىمغا كەلسە، ئۇنىڭغا ئادالەت كۆرسىتەتتىم! ــ دەيتتى. 4
quis me constituat iudicem super terram ut ad me veniant omnes qui habent negotium et iuste iudicem
بىركىم ئۇنىڭغا تەزىم قىلغىلى ئالدىغا بارسا، ئابشالوم قولىنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنى تۇتۇپ سۆيەتتى. 5
sed et cum accederet ad eum homo ut salutaret illum extendebat manum suam et adprehendens osculabatur eum
ئابشالوم شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا كەلگەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇتۇۋالاتتى. 6
faciebatque hoc omni Israhel qui veniebat ad iudicium ut audiretur a rege et sollicitabat corda virorum Israhel
تۆت يىل ئۆتكەندە، ئابشالوم پادىشاھقا: مېنىڭ ھېبروندا پەرۋەردىگارغا ئىچكەن قەسىمىمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن، شۇ يەرگە بېرىشقا ئىجازەت بەرسەڭ؛ 7
post quattuor autem annos dixit Absalom ad regem vadam et reddam vota mea quae vovi Domino in Hebron
چۈنكى قۇلۇڭ سۇرىيەدىكى گەشۇردا تۇرغىنىمدا قەسەم ئىچىپ: ئەگەر پەرۋەردىگار مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرسا، مەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمەن، دەپ ئېيتقانىدى، ــ دېدى. 8
vovens enim vovit servus tuus cum esset in Gessur Syriae dicens si reduxerit me Dominus in Hierusalem sacrificabo Domino
پادىشاھ ئۇنىڭغا: تىنچ-ئامان بېرىپ كەلگىن، دېۋىدى، ئۇ قوزغىلىپ ھېبرونغا كەتتى. 9
dixitque ei rex vade in pace et surrexit et abiit in Hebron
لېكىن ئابشالوم ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىگە مەخپىي ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا: «ئابشالوم ھېبروندا پادىشاھ بولدى!» دەپ ئېلان قىلىڭلار، دېدى. 10
misit autem Absalom exploratores in universas tribus Israhel dicens statim ut audieritis clangorem bucinae dicite regnavit Absalom in Hebron
ئەمدى ئىككى يۈز ئادەم تەكلىپ بىلەن ئابشالوم بىلەن بىرگە يېرۇسالېمدىن بارغانىدى. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالدىن بىخەۋەر بولغاچقا، ساددىلىق بىلەن بارغانىدى. 11
porro cum Absalom ierunt ducenti viri de Hierusalem vocati euntes simplici corde et causam penitus ignorantes
ئابشالوم قۇربانلىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان گىلوھلۇق ئاھىتوفەلنى ئۆز شەھىرى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن قەست بارغانسېرى كۈچەيدى، ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر بارغانسېرى كۆپۈيۈۋاتاتتى. 12
accersivit quoque Absalom Ahitofel Gilonitem consiliarium David de civitate sua Gilo cum immolaret victimas et facta est coniuratio valida populusque concurrens augebatur cum Absalom
داۋۇتقا بىر خەۋەرچى كېلىپ: ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرى ئابشالومغا مايىل بولدى، ــ دېدى. 13
venit igitur nuntius ad David dicens toto corde universus Israhel sequitur Absalom
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرىغا: قوپۇپ قاچايلى! بولمىسا، ئابشالومدىن قۇتۇلالمايمىز. ئىتتىك كېتەيلى؛ بولمىسا، ئۇ تۇيۇقسىز ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىپ، بىزگە بالا كەلتۈرۈپ شەھەر خەلقىنى قىلىچ بىسى بىلەن ئۇرىدۇ، دېدى. 14
et ait David servis suis qui erant cum eo in Hierusalem surgite fugiamus neque enim erit nobis effugium a facie Absalom festinate egredi ne forte veniens occupet nos et inpellat super nos ruinam et percutiat civitatem in ore gladii
پادىشاھنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ نېمە بېكىتسە، شۇنى قىلىمىز، دېدى. 15
dixeruntque servi regis ad eum omnia quaecumque praeceperit dominus noster rex libenter exsequimur servi tui
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى؛ ئەمما پادىشاھ كېنىزەكلىرىدىن ئوننى ئوردىغا قاراشقا قويدى. 16
egressus est ergo rex et universa domus eius pedibus suis et dereliquit rex decem mulieres concubinas ad custodiendam domum
پادىشاھ چىقىپ كەتكەندە ھەممە خەلق ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ ئۇلار بەيت-مەرھاكتا تۇرۇپ قالدى. 17
egressusque rex et omnis Israhel pedibus suis stetit procul a domo
ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە [كىدرون ئېقىنىدىن] ئۆتۈۋاتاتتى؛ بارلىق كەرەتىيلەر، بارلىق پەلەتىيلەر، بارلىق گاتلىقلار، يەنى گات شەھىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى. 18
et universi servi eius ambulabant iuxta eum et legiones Cherethi et Felethi et omnes Getthei sescenti viri qui secuti eum fuerant de Geth praecedebant regem
پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: سەن نېمىشقا بىز بىلەن بارىسەن؟ يېنىپ بېرىپ پادىشاھنىڭ قېشىدا تۇرغىن؛ چۈنكى سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن مۇساپىر بولۇپ پالانغانسەن. 19
dixit autem rex ad Ethai Gettheum cur venis nobiscum revertere et habita cum rege quia peregrinus es et egressus de loco tuo
سەن پەقەت تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ، مەن بۈگۈن قانداقسىگە سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە سەرسان قىلاي؟ مەن بولسام، نەگە بارالىسام، شۇ يەرگە بارىمەن. قېرىنداشلىرىڭنى ئېلىپ يېنىپ كەتكىن؛ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ساڭا يار بولغاي! ــ دېدى. 20
heri venisti et hodie inpelleris nobiscum egredi ego autem vadam quo iturus sum revertere et reduc tecum fratres tuos ostendisti gratiam et fidem
لېكىن ئىتتاي پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە غوجام پادىشاھنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەيلى ھايات ياكى مامات بولسۇن، غوجام پادىشاھ قەيەردە بولسا، قۇلۇڭ شۇ يەردىمۇ بولىدۇ! ــ دېدى. 21
et respondit Ethai regi dicens vivit Dominus et vivit dominus meus rex quoniam in quocumque loco fueris domine mi rex sive in morte sive in vita ibi erit servus tuus
داۋۇت ئىتتايغا: ئەمدى سەنمۇ بېرىپ [ئېقىندىن] ئۆتكىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن گاتلىق ئىتتاي ھەممە ئادەملىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ماڭغان بارلىق بالا-چاقىلىرى ئۆتۈپ كەتتى. 22
et ait David Ethai veni et transi et transivit Ethai Gettheus et omnes viri qui cum eo erant et reliqua multitudo
ھەممە خەلق ئۆتۈۋاتقاندا، پۈتكۈل شۇ يۇرتتىكىلەر قاتتىق ئاۋاز بىلەن يىغلىدى. پادىشاھ ئۆزىمۇ كىدرون ئېقىنىدىن ئۆتكەندە، بارلىق خەلق چۆللۈك تەرىپىگە قاراپ يول ئالدى. 23
omnesque flebant voce magna et universus populus transiebat rex quoque transgrediebatur torrentem Cedron et cunctus populus incedebat contra viam quae respicit ad desertum
ۋە مانا، زادوك بىلەن لاۋىيلارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ بىللە كەلدى؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەردە قويدى. بارلىق خەلق شەھەردىن چىقىپ ئۆتكۈچە ئابىياتار بولسا، قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇراتتى. 24
venit autem et Sadoc et universi Levitae cum eo portantes arcam foederis Dei et deposuerunt arcam Dei et ascendit Abiathar donec expletus est omnis populus qui egressus fuerat de civitate
پادىشاھ زادوكقا: خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شەھەرگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كىرگىن. مەن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرىدە ئىلتىپات تاپسام، ئۇ چوقۇم مېنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئۇ ماڭا ئەھدە ساندۇقىنى ۋە ئۆز ماكانىنى يەنە كۆرگۈزىدۇ؛ 25
et dixit rex ad Sadoc reporta arcam Dei in urbem si invenero gratiam in oculis Domini reducet me et ostendet mihi eam et tabernaculum suum
لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا: سەندىن خۇرسەنلىكىم يوق، دېسە، مانا مەن؛ ئۇ مېنى قانداق قىلىشنى لايىق كۆرسە، شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى. 26
si autem dixerit non places praesto sum faciat quod bonum est coram se
پادىشاھ كاھىن زادوكقا: سەن ئالدىن كۆرگۈچى ئەمەسمۇ؟ سەن ۋە ئۆز ئوغلۇڭ ئاخىمائاز ۋە ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان، يەنى ئىككىڭلارنىڭ ئىككى ئوغلۇڭلار ساڭا ھەمراھ بولۇپ تىنچ-ئامان شەھەرگە قايتقىن. 27
et dixit rex ad Sadoc sacerdotem o videns revertere in civitatem in pace et Achimaas filius tuus et Ionathan filius Abiathar duo filii vestri sint vobiscum
مانا، مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە چۆلدىكى ئۆتكەللەردە كۈتۈپ تۇراي، ــ دېدى. 28
ecce ego abscondar in campestribus deserti donec veniat sermo a vobis indicans mihi
شۇنىڭ بىلەن زادوك بىلەن ئابىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇ يەردە قالدى. 29
reportaverunt igitur Sadoc et Abiathar arcam Dei Hierusalem et manserunt ibi
لېكىن داۋۇت زەيتۇن تېغىغا چىققاندا، بېشىنى يېپىپ يالاڭ ئاياغ بولۇپ يىغلاۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلقنىڭ ھەربىرى بېشىنى يېپىپ يىغلاپ چىقىۋاتاتتى. 30
porro David ascendebat clivum Olivarum scandens et flens operto capite et nudis pedibus incedens sed et omnis populus qui erat cum eo operto capite ascendebat plorans
بىرسى كېلىپ داۋۇتقا: ئاھىتوفەلمۇ ئابشالومنىڭ قەستىگە قاتناشقانلار ئىچىدە ئىكەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئەخمەقانىلىككە ئايلاندۇرغايسەن، دېدى. 31
nuntiatum est autem David quod et Ahitofel esset in coniuratione cum Absalom dixitque David infatua quaeso consilium Ahitofel Domine
داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىغا، يەنى ئادەتتە ئۇ مەخسۇس خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا يەتكەندە، ئاركىلىق ھۇشاي تونى يىرتىق، بېشىغا توپا-چاڭ چېچىلغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. 32
cumque ascenderet David summitatem montis in quo adoraturus erat Dominum ecce occurrit ei Husai Arachites scissa veste et terra pleno capite
داۋۇت ئۇنىڭغا: مېنىڭ بىلەن بارساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن؛ 33
et dixit ei David si veneris mecum eris mihi oneri
لېكىن شەھەرگە قايتىپ بېرىپ ئابشالومغا: ئى پادىشاھ، مەن بۈگۈنگە قەدەر ئاتاڭنىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قۇل-خىزمەتكارىڭ بولاي، دىسەڭ، سەن مەن ئۈچۈن ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى بىكار قىلىۋېتەلەيسەن. 34
si autem in civitatem revertaris et dixeris Absalom servus tuus sum rex sicut fui servus patris tui sic ero servus tuus dissipabis consilium Ahitofel
مانا زادوك ۋە ئابىياتار دېگەن كاھىنلارمۇ شۇ يەردە سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن نېمە ئاڭلىساڭ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئېيتقىن. 35
habes autem tecum Sadoc et Abiathar sacerdotes et omne verbum quodcumque audieris de domo regis indicabis Sadoc et Abiathar sacerdotibus
مانا، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتانمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ھەرنېمە ئاڭلىساڭ، ئۇلار ئارقىلىق ماڭا خەۋەر يەتكۈزگىن ــ دېدى. 36
sunt autem cum eis duo filii eorum Achimaas Sadoc et Ionathan Abiathar et mittetis per eos ad me omne verbum quod audieritis
شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ دوستى ھۇشاي شەھەرگە باردى؛ ئابشالوممۇ دەل شۇ چاغدا يېرۇسالېمغا كىردى. 37
veniente ergo Husai amico David in civitatem Absalom quoque ingressus est Hierusalem

< سامۇئىل 2 15 >