ئەمدى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب پادىشاھ قەلبىنىڭ ئابشالومغا تەلمۈرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. | 1 |
یۆئابی کوڕی چەرویا زانی کە دڵی پاشا ئارەزووی بینینی ئەبشالۆمی دەکرد. |
شۇنىڭ ئۈچۈن يوئاب تەكوئاغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىن دانىشمەن بىر خوتۇننى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنىڭغا: سەندىن ئۆتۈنەي، ئۆزۈڭنى ماتەم تۇتقان كىشىدەك كۆرسىتىپ قارىلىق كىيىمى كىيىپ، ئۆزۈڭنى ئەتىرلىك ماي بىلەن ياغلىماي، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۆلگۈچى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ھازىدار بولغان ئايالدەك قىلىپ | 2 |
لەبەر ئەوە یۆئاب کەسێکی ناردە تەقۆعە و لەوێوە ژنێکی دانای هێنا و پێی گوت: «تکایە خۆت وەک ماتەمدار نیشان بدە، جلی ماتەم لەبەر بکە و بۆن لە خۆت مەدە، بەڵکو وەک ژنێک دەربکەوە کە ماوەیەکی درێژە ماتەمدارە، |
[داۋۇت] پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۇ ئايالغا ئۆگەتتى. | 3 |
بڕۆ ژوورەوە بۆ لای پاشا و ئەم قسەیەی پێ بڵێ.» جا یۆئاب قسەکەی خستە سەر زاری. |
شۇنىڭ بىلەن تەكوئالىق بۇ ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ، باش ئۇرۇپ: ئى پادىشاھىم، مېنى قۇتقۇزىۋالغايلا، ــ دېدى. | 4 |
کاتێک ژنە تەقۆعییەکە چوو بۆ لای پاشا، خۆی خستە سەر زەوی و کڕنۆشی برد و گوتی: «ئەی پاشا، ڕزگارم بکە!» |
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: مەن دەرۋەقە بىر تۇل خوتۇنمەن! ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى؛ | 5 |
پاشاش پێی گوت: «چیت دەوێ؟» ئەویش گوتی: «من بێوەژنم و پیاوەکەم مردووە، |
دېدەكلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئارىغا چۈشىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. | 6 |
کارەکەرەکەت دوو کوڕی هەبوو کە لە کێڵگەدا بە شەڕ هاتن و کەس نەبوو لێکیان بکاتەوە، یەکێکیان لەوی دیکەیانی دا و کوشتی. |
مانا، ھازىر پۈتۈن ئۆيدىكىلەر دېدەكلىرىگە قارشى قوپۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگىنىنى بىزگە تۇتۇپ بەرگىن؛ ئىنىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، قەتل قىلغىنى ئۈچۈن بىز جانغا جان ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەنمۇ مىراس ئالغۇچىنى يوقىتىمىز، دەۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يالغۇز قالغان چوغۇمنى ئۆچۈرۈپ، ئېرىمگە نە نام نە يەر يۈزىدە ئەۋلادمۇ قالدۇرغىلى قويمايدۇ، ــ دېدى. | 7 |
ئەوەتا هەموو خێڵەکە لە کارەکەرەکەت هەستاون و دەڵێن:”ئەوەمان ڕادەست بکە کە براکەی خۆی کوشتووە، بۆ ئەوەی لە جیاتی گیانی براکەی کە کوشتوویەتی بیکوژینەوە، هەروەها میراتگرەکە لەناو ببەین.“ئەو پشکۆیەم دەکوژێننەوە کە ماوەتەوە، ناو و پاشماوەی پیاوەکەم لەسەر ڕووی زەوی ناهێڵنەوە.» |
پادىشاھ ئايالغا: ئۆيۈڭگە بارغىن، مەن ئەھۋالغا قاراپ سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىمەن، ــ دېدى. | 8 |
پاشاش بە ژنەکەی گوت: «بگەڕێوە ماڵەکەت و من بڕیارێک لەبارەی تۆوە دەردەکەم.» |
تەكوئالىق ئايال پادىشاھقا: ئى، غوجام پادىشاھ، بۇ ئىشتا گۇناھ بولسا، ھەممىسى مېنىڭ بىلەن ئاتامنىڭ جەمەتى ئۈستىدە بولسۇن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەختى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسۇن، ــ دېدى. | 9 |
ژنە تەقۆعییەکەش بە پاشای گوت: «ئەی پاشای گەورەم، با تاوانەکە لە ئەستۆی خۆم و ماڵی باوکم بێت، پاشا و تەختەکەی پاک و بێتاوان بن.» |
پادىشاھ: بىرەر كىم ساڭا [بۇ توغرۇلۇق] گەپ قىلسا، ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، ئۇ سېنى يەنە ئاۋارە قىلمايدىغان بولىدۇ، ــ دېدى. | 10 |
پاشاش گوتی: «ئەگەر کەسێک قسەی لەگەڵ کردیت، بیهێنە لام بۆ ئەوەی دیسان بێزارت نەکات.» |
ئايال جاۋاب بېرىپ: ئۇنداقتا پادىشاھ پەرۋەردىگار خۇدالىرىنى ياد قىلغايلا، قانغا قان ئىنتىقام ئالغۇچىلارنىڭ ئوغلۇمنى يوقاتماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىشىغا يول قويمىغايلا، ــ دېدى. پادىشاھ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال چېچى يەرگە چۈشمەيدۇ، ــ دېدى. | 11 |
ژنەکەش گوتی: «ئەی پاشا، تکایە ناوی یەزدانی پەروەردگارت بهێنە، هەتا خوێنگری تۆڵەسێنەر زۆر نەبن بۆ کوشتنەوە و کوڕەکەم نەفەوتێت.» ئەویش گوتی: «بە یەزدانی زیندوو، تاڵە مووێکی کوڕەکەت ناکەوێتە سەر زەوی.» |
لېكىن ئايال: دېدەكلىرى غوجام پادىشاھقا يەنە بىر سۆزنى دېگىلى قويغايلا، دېۋىدى، ئۇ: ئېيتقىن ــ دېدى. | 12 |
ئینجا ژنەکەش گوتی: «تکایە با کارەکەرەکەت قسەیەکی دیکە بۆ پاشای گەورەی بکات.» ئەویش گوتی: «قسە بکە.» |
ئايال يەنە مۇنداق دېدى: ئەمدى سىلى نېمىشقا خۇدانىڭ خەلقىگە شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانلىق بىر ئىشنى نىيەت قىلدىلا؟ پادىشاھ شۇ گېپى بىلەن ئۆزىنى گۇناھكار قىلىپ بېكىتىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى پالىغان كىشىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدى. | 13 |
ژنەکەش گوتی: «ئەی بۆچی بیرت لە کارێکی وا کردووەتەوە لە دژی گەلی خودا؟ کە پاشا ئەمە دەڵێت خۆی تاوانبار دەکات، لەبەر ئەوەی پاشا کوڕە دوورخراوەکەی خۆی نەگەڕاندووەتەوە! |
دەرۋەقە ھەممىمىز چوقۇم ئۆلۈپ، يەرگە تۆكۈلگەن، قايتىدىن يىغىۋالغىلى بولمايدىغان سۇدەك بولىمىز. لېكىن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۆز پالانغىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئىلاج قىلىدۇ. | 14 |
وەک ئاوێکی ڕژاو لەسەر زەوی کە کۆناکرێنەوە، بێگومان دەمرین. بەڵام خودا گیان ناکێشێت، بەڵکو چەند ڕێگایەک دادەڕژێت هەتا ئەوەی لێی دوورخراوەتەوە بە دوورخراوەیی نەمێنێتەوە. |
ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ غوجام پادىشاھقا شۇ ئىش توغرىسىدىن سۆز قىلغىلى كېلىشىمنىڭ سەۋەبى، خەلق مېنى قورقاتتى. لېكىن دېدەكلىرى: بۇ گەپنى پادىشاھقا ئېيتاي! پادىشاھ بەلكىم ئۆز چۆرىسىنىڭ ئىلتىماسىنى بەجا كەلتۈرەر، دېگەن ئويدا بولدى. | 15 |
«ئێستاش من هاتم هەتا لەو بارەیەوە قسە لەگەڵ پاشای گەورەم بکەم، چونکە گەل منیان ترساند. کارەکەرەکەت گوتی:”قسە لەگەڵ پاشا دەکەم، بەڵکو پاشا بە گوێی کارەکەرەکەی بکات. |
چۈنكى پادىشاھ ئاڭلىشى مۇمكىن، چۆرىسىنى ھەم ئوغلۇمنى خۇدانىڭ مىراسىدىن تەڭ يوقاتماقچى بولغان كىشىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالار. | 16 |
لەوانەیە پاشا گوێ بگرێت بۆ ئەوەی کارەکەرەکەی لە دەست ئەو پیاوە دەرباز بکات کە دەیەوێت خۆم و کوڕەکەم پێکەوە لە میراتی خودا بسڕێتەوە.“ |
شۇڭا دېدەكلىرى، غوجام پادىشاھنىڭ سۆزى ماڭا ئاراملىق بېرەر، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ياخشى-ياماننى پەرق ئەتكۈچىدۇر. پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلى بىلەن بىللە بولغاي! | 17 |
«هەروەها کارەکەرەکەت دەڵێت:”بەڵکو وتەی پاشای گەورەم دڵنەوایی بێت بۆم، چونکە پاشای گەورەم وەک فریشتەی خودایە لە تێگەیشتنی چاکە و خراپە، با یەزدانی پەروەردگارت لەگەڵت بێت.“» |
پادىشاھ ئايالغا جاۋاب بېرىپ: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سەندىن سورىماقچى بولغان ئىشنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن، دېدى. ئايال: غوجام پادىشاھ سۆز قىلسىلا، دېدى. | 18 |
پاشا وەڵامی دایەوە و بە ژنەکەی گوت: «شتێکت لێ دەپرسم، لێم مەشارەوە.» ژنەکەش گوتی: «تکایە، با پاشای گەورەم بفەرموێت.» |
پادىشاھ: بۇ گەپلىرىڭنىڭ ھەممىسى يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ، قانداق؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ئى، غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام پادىشاھ ئېيتقانلىرى ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ قايمايدىغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە سىلىنىڭ قۇللىرى يوئاب ماڭا شۇنى تاپىلاپ، بۇ سۆزلەرنى دېدەكلىرىنىڭ ئاغزىغا سالدى. | 19 |
ئەوسا پاشا گوتی: «ئایا لە هەموو ئەمانەدا دەستی یۆئاب لەگەڵتدایە؟» ژنەکەش وەڵامی دایەوە و گوتی: «پاشای گەورەم، بە گیانی تۆ هیچ کەس ناتوانێت نە بەلای ڕاست و نە بەلای چەپدا لابدات لە هەموو ئەو شتانەی کە پاشای گەورەم فەرموویەتی، چونکە یۆئابی خزمەتکارت فەرمانی پێ کردم و هەر ئەو هەموو ئەم قسانەی خستە سەر زاری کارەکەرەکەتەوە. |
يوئابنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. غوجامنىڭ دانالىقى خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭكىدەك ئىكەن، زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىكەن، ــ دېدى. | 20 |
یۆئابی خزمەتکارت ئەم کارەی کرد بۆ ئەوەی دۆخەکە بگۆڕێت. دانایی گەورەم وەک دانایی فریشتەی خودایە هەتا هەموو ئەو شتانەش بزانێت کە لە خاکەکە هەیە.» |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يوئابقا: ماقۇل! مانا، بۇ ئىشقا ئىجازەت بەردىم. بېرىپ ئۇ يىگىت ئابشالومنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. | 21 |
ئیتر پاشا بە یۆئابی گوت: «ئێستا من بڕیارم دا و بڕۆ ئەو کوڕە گەنجە، ئەبشالۆم بهێنەرەوە.» |
يوئاب يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ، پادىشاھقا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. ئاندىن يوئاب: ئى غوجام پادىشاھ، ئۆز قۇلۇڭنىڭ تەلىپىگە ئىجازەت بەرگىنىڭدىن، ئۆز قۇلۇڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپقىنىنى بۈگۈن بىلدىم، ــ دېدى. | 22 |
یۆئابیش کەوتە سەر زەوی و کڕنۆشی برد و داوای بەرەکەتی بۆ پاشای کرد، یۆئاب گوتی: «ئەی پاشای گەورەم، ئەمڕۆ خزمەتکارەکەت دەزانێت کە لەلای تۆ پەسەندە، چونکە پاشا بە قسەی خزمەتکاری خۆی کرد.» |
ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئابشالومنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. | 23 |
ئینجا یۆئاب هەستا و چوو بۆ گەشوور و ئەبشالۆمی هێنایەوە ئۆرشەلیم. |
ئەمما پادىشاھ: ــ ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە بارسۇن، دېگەنىدى. شۇڭا ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى. | 24 |
بەڵام پاشاش گوتی: «با بچێتە ماڵەکەی خۆی و ڕووم نەبینێت.» لەبەر ئەوە ئەبشالۆم چووە ماڵەکەی خۆی و ڕووی پاشای نەبینی. |
ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىل تەۋەسىدە ئابشالومدەك چىرايلىق دەپ ماختالغان ئادەم يوق ئىدى. تاپىنىدىن تارتىپ چوققۇسىغىچە ئۇنىڭدا ھېچ ئەيىب يوق ئىدى. | 25 |
لە هەموو ئیسرائیلدا لە قۆزی کەس نەبوو وەک ئەبشالۆم بە شانوباڵیدا هەڵبدرێت، لە بنی پێیەوە هەتا تەپڵی سەری بێ کەموکوڕی بوو. |
ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە (ئۇ ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا چېچىنى چۈشۈرەتتى؛ چېچى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، شۇڭا ئۇنى چۈشۈرەتتى)، چېچىنى پادىشاھنىڭ «ئۆلچەم تارازا»سى بىلەن تارتسا ئىككى يۈز شەكەل چىقاتتى. | 26 |
لە کۆتایی هەموو ساڵێک سەری دەتاشی، چونکە سەری قورس دەبوو، کێشی مووی سەری بەپێی کێشی پاشایەتی دوو سەد شاقل دەبوو. |
ئابشالومدىن ئۈچ ئوغۇل ۋە تامار ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇلدى. قىزى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. | 27 |
هەروەها ئەبشالۆم سێ کوڕ و کچێکی بوو، ناوی کچەکەش تامار بوو، بووە ئافرەتێکی زۆر جوان. |
ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، يېرۇسالېمدا توپتوغرا ئىككى يىل توشقۇچە تۇردى؛ | 28 |
ئەبشالۆم دوو ساڵ لە ئۆرشەلیم مایەوە، بەبێ ئەوەی ڕووی پاشا ببینێت. |
ئابشالۇم يوئابقا ئادەم ماڭدۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئەۋەتىشىنى ئۆتۈندى، ئەمما ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابشالوم ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتتى، لېكىن يوئاب كېلىشنى خالىمىدى. | 29 |
لەبەر ئەوە ئەبشالۆم بەدوای یۆئابدا ناردی تاکو بینێرێتە لای پاشا، بەڵام ئەو نەیویست بێتە لای. دووبارە بەدوایدا ناردییەوە، بەڵام ئەو نەیویست بێت. |
شۇنىڭ بىلەن ئابشالوم ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ يوئابنىڭ مېنىڭكىگە يانداش ئارپا تېرىقلىق بىر پارچە ئېتىزلىقى بار. بېرىپ ئۇنىڭغا ئوت قويۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابنىڭ بۇ بىر پارچە ئېتىزلىقىغا ئوت قويدى. | 30 |
لەبەر ئەوە بە خزمەتکارەکانی گوت: «تەماشا بکەن، کێڵگەکەی یۆئاب لەتەنیشت ئەوەی منەوەیە و جۆ لەوێ هەیە. بڕۆن و ئاگری تێبەردەن.» ئینجا خزمەتکارەکانی ئەبشالۆم ئاگریان لە کێڵگەکە بەردا. |
ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ ئابشالومنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا خىزمەتكارلىرىڭ ئېتىزلىقىمغا ئوت قويدى! ــ دەپ سورىدى. | 31 |
ئیتر یۆئاب هەستا و چوو بۆ لای ئەبشالۆم بۆ ماڵەوە و پێی گوت: «بۆچی خزمەتکارەکانت ئاگریان لە کێڵگەکەی من بەردا؟» |
ئابشالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: مانا، مەن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ: قېشىمغا كەلسۇن، ئاندىن پادىشاھنىڭ قېشىغا ماڭا ۋاكالىتەن بارغۇزۇپ ئۇنىڭغا: مەن نېمىشقا گەشۇردىن يېنىپ كەلگەندىمەن؟ ئۇ يەردە قالسام، ياخشى بولاتتىكەن، دەپ ئېيتقۇزماقچى ئىدىم. ئەمدى پادىشاھ بىلەن دىدارلاشسام دەيمەن؛ مەندە قەبىھلىك بولسا، ئۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن، ــ دېدى. | 32 |
ئەبشالۆمیش بە یۆئابی گوت: «من بەدوای تۆدا ناردم و گوتم:”وەرە ئێرە، هەتا بتنێرمە لای پاشا و بڵێیت،’من بۆچی لە گەشوورەوە هاتمەوە؟ بۆ من چاکتر بوو لەوێ بمێنمەوە!‘“ئێستاش دەمەوێت چاوم بە پاشا بکەوێت، ئەگەر تاوانێکی تێمدا بەدیی کرد، با بمکوژێت.» |
شۇنىڭ بىلەن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پادىشاھ ئابشالومنى چاقىردى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئابشالومنى سۆيدى. | 33 |
ئیتر یۆئاب چوو بۆ لای پاشا و پێی ڕاگەیاند. ئەویش ئەبشالۆمی بانگکرد و هاتە لای پاشا، لەبەردەم ئەودا کڕنۆشی برد و سەری خستە سەر زەوی، پاشاش ئەبشالۆمی ماچکرد. |