< سامۇئىل 2 13 >
داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ تامار دېگەن چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئامنون ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. | 1 |
Hoàng tử Áp-sa-lôm, con Vua Đa-vít có một em gái rất đẹp tên là Ta-ma. Am-nôn, anh cùng cha khác mẹ của nàng, say mê nàng.
ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ ئىشقىدا شۇنچە دەرد تارتتىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ قالدى. ئەمما تامار تېخى قىز ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئامنونغا ئۇنى بىر ئىش قىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈندى. | 2 |
Nhưng vì Công chúa Ta-ma là một trinh nữ nên Am-nôn khó lòng tiếp xúc với nàng. Am-nôn sinh ra tương tư đến bệnh.
لېكىن ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ يوناداب تولىمۇ ھىيلىگەر بىر كىشى ئىدى. | 3 |
Am-nôn có một người bạn rất khôn lanh tên là Giô-na-đáp, con Si-mê-i, anh Đa-vít.
ئۇ ئامنونغا: سەن پادىشاھنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، نېمىشقا كۈندىن كۈنگە بۇنداق جۈدەپ كېتىسەن؟ قېنى، ماڭا ئېيتىپ بەر، دېدى. ئامنون ئۇنىڭغا: مەن ئىنىم ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا ئاشىق بولدۇم، دېدى. | 4 |
Một hôm Giô-na-đáp hỏi Am-nôn: “Sao hoàng tử mỗi ngày một tiều tụy vậy? Có chuyện gì không?” Am-nôn tâm sự: “Tôi yêu say mê Ta-ma, em của Áp-sa-lôm.”
يوناداب ئۇنىڭغا: سەن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان بولۇۋال؛ ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا: سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا تاماق بەرسۇن؛ ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، ئالدىمدا تاماق ئېتىپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماق يەي، دەپ ئېيتقىن، دېدى. | 5 |
Giô-na-đáp bàn kế: “Này nhá, hoàng tử giả bệnh, nằm trên giường, khi vua cha đến thăm, hoàng tử nói: ‘Xin cho Ta-ma đến đây nấu nướng, săn sóc miếng ăn cho con.’”
شۇنىڭ بىلەن ئامنون يېتىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا: ئۆتۈنىمەن، سىڭلىم تامار بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ تەييار قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي، دېدى. | 6 |
Vậy, Am-nôn theo kế thi hành. Khi vua đến, Am-nôn xin vua cho Ta-ma em gái mình đến làm bánh cho mình ăn.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئوردىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ تامارغا: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئاكاڭ ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا يېگۈدەك بىر نېمە تەييارلاپ بەرگىن، دەپ ئېيتتى. | 7 |
Đa-vít sai người gọi Ta-ma, bảo nàng đến nhà Am-nôn, nấu ăn cho anh.
تامار ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئۇ ياتقانىدى. ئۇ ئۇن ئېلىپ يۇغۇرۇپ، قوتۇرماچلارنى كۆز ئالدىدا ئەتتى. | 8 |
Ta-ma đến, lấy bột nhồi, làm bánh đem nướng trước mặt anh mình. Lúc ấy Am-nôn đang nằm trên giường.
ئاندىن ئۇ قوتۇرماچنى قازاندىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن ئۇ يىگىلى ئۇنىمىدى؛ ئۇ: ــ ھەممە ئادەم مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ كەتسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتى. | 9 |
Nhưng khi nàng đem bánh lên, Am-nôn từ chối không ăn, bảo: “Mọi người khác ra đi khỏi đây.” Họ vâng lời, ra khỏi nhà.
ئاندىن ئامنون تامارغا: تائامنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگىن، ئاندىن قولۇڭدىن ئېلىپ يەيمەن، ــ دېدى. تامار ئۆزى ئەتكەن قوتۇرماچنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا، ئاكىسى ئامنوننىڭ قېشىغا ئېلىپ كىردى. | 10 |
Am-nôn nói với Ta-ma: “Bưng bánh vào phòng cho anh ăn.” Ta-ma vâng lời anh.
تامار ئۇلارنى ئۇنىڭغا يېگۈزۈپ قويماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئى سىڭلىم، كەل! مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. | 11 |
Nhưng khi nàng đem bánh tới, Am-nôn nắm lấy nàng, nói: “Ngủ với anh.”
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ياق، ئى ئاكا، مېنى نومۇسقا قويمىغىن! ئىسرائىلدا بۇنداق ئىش يوق! سەن بۇنداق پەسكەشلىك قىلمىغىن! | 12 |
Nàng phản đối: “Đừng anh, đừng ép tôi. Trong Ít-ra-ên không ai làm chuyện ô nhục điên rồ như thế.
مەن بۇ شەرمەندىچىلىكنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟! سەن بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى ئەخمەقلەردىن بولۇپ قالىسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، پەقەت پادىشاھقا دېسەڭلا، ئۇ مېنى ساڭا تەۋە بولۇشتىن توسىمايدۇ، ــ دېدى. | 13 |
Phần tôi, tôi sẽ mang nhục này đi đâu? Còn anh, sẽ bị coi là phường phóng đãng. Vậy, xin anh hãy thưa với vua, chắc vua sẽ không cấm anh cưới tôi đâu.”
لېكىن ئۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ئۇنىڭدىن كۈچلۈك كېلىپ، ئۇنى زورلاپ ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. | 14 |
Nhưng Am-nôn không chịu nghe nàng và dùng sức mạnh cưỡng hiếp nàng.
ئاندىن ئامنون ئۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى ئۇنىڭغا بولغان ئەسلىدىكى مۇھەببىتىدىن زىيادە بولدى. ئامنون ئۇنىڭغا: قوپۇپ، يوقال! ــ دېدى. | 15 |
Rồi bỗng nhiên, Am-nôn đổi yêu ra ghét. Bây giờ Am-nôn ghét nàng còn hơn khi say mê nàng nữa, nên quay sang đuổi nàng: “Đi ra khỏi đây!”
تامار ئۇنىڭغا: ياق! مېنى ھەيدىگەن گۇناھىڭ سەن ھېلى ماڭا قىلغان شۇ ئىشتىن بەتتەردۇر، دېدى. لېكىن ئامنون ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى، | 16 |
Ta-ma nói: “Đừng anh, đừng làm một việc xấu hơn việc anh vừa mới làm.” Nhưng Am-nôn không nghe,
بەلكى خىزمىتىدىكى ياش يىگىتنى چاقىرىپ: بۇ [خوتۇننى] ماڭا چاپلاشتۇرماي، سىرتقا چىقىرىۋەت، ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ قوي، دېدى. | 17 |
gọi đầy tớ bảo đuổi nàng ra rồi đóng cửa lại.
تامار تولىمۇ رەڭدار بىر كۆڭلەك كىيگەنىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىم كىيەتتى. ئامنوننىڭ خىزمەتكارى ئۇنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. | 18 |
Vậy, đầy tớ kéo nàng ra ngoài và đóng cửa lại. Lúc ấy nàng mặc một chiếc áo dài có tay cũng như các công chúa trinh trắng khác thường mặc.
تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، كىيگەن رەڭدار كۆڭلىكىنى يىرتىپ، قولىنى بېشىغا قويۇپ يىغلىغان پېتى كېتىۋاتاتتى. | 19 |
Ta-ma lấy tro bỏ lên đầu, xé rách áo dài đang mặc, hai tay ôm đầu, vừa đi vừa khóc.
ئاكىسى ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن ياتتىمۇ؟ ھازىرچە جىم تۇرغىن، سىڭلىم. ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى كۆڭلۈگگە ئالمىغىن، ــ دېدى. تامار ئاكىسى ئابشالومنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى سۇنۇق ھالدا تۇرۇپ قالدى. | 20 |
Áp-sa-lôm, anh Ta-ma, hỏi nàng: “Am-nôn cưỡng hiếp em phải không? Từ giờ em hãy giữ im lặng. Dù sao người ấy cũng là anh của em. Không cần phải lo lắng.” Từ đó, Ta-ma sống cô đơn buồn thảm trong nhà Áp-sa-lôm, anh mình.
داۋۇت پادىشاھمۇ بولغان بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. | 21 |
Vua Đa-vít nghe được chuyện này, rất tức giận.
ئابشالوم بولسا ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان ھېچ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم سىڭلىسى تامارنى ئامنوننىڭ خورلىغانلىقىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى. | 22 |
Còn Áp-sa-lôm ghét cay ghét đắng Am-nôn về việc người ấy đã làm với em mình.
تولۇق ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەفرائىمغا يېقىن بائال-ھازوردا ئابشالومنىڭ قىرقىغۇچىلىرى قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى تەكلىپ قىلدى. | 23 |
Hai năm sau, nhân dịp Áp-sa-lôm có cuộc xén lông chiên ở Ba-anh Hát-so, gần Ép-ra-im, Áp-sa-lôm sai mời tất cả các hoàng tử đến dự.
ئابشالوم پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: مانا قۇللىرى قويلىرىنى قىرقىتىۋاتىدۇ، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ سىلىنىڭ قۇللىرى بىلەن بىللە بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. | 24 |
Ông đến thưa với vua: “Nhân ngày con tổ chức xén lông chiên, xin mời vua và quần thần đến chơi.”
پادىشاھ ئابشالومغا: ياق، ئوغلۇم، بىز ھەممىمىز بارمايلى، ساڭا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن، ــ دېدى. ئابشالوم شۇنچە دېسىمۇ، ئۇ بارغىلى ئۇنىمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا ئامەت تىلىدى. | 25 |
Vua đáp: “Không nên, nếu mọi người kéo tới thì con sẽ không lo xuể.” Dù Áp-sa-lôm năn nỉ, vua chỉ chúc phước cho chứ không nhận lời.
لېكىن ئابشالوم: ئەگەر بېرىشقا ئۇنىمىسىلا، ئاكام ئامنوننى بىز بىلەن بارغىلى قويسىلا، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا ئۇ سېنىڭ بىلەن بارىدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. | 26 |
Áp-sa-lôm lại thưa: “Nếu cha không đi, xin cho anh Am-nôn đi vậy.” Vua hỏi: “Tại sao Am-nôn phải đi?”
ئەمما ئابشالوم ئۇنى كۆپ زورلىغىنى ئۈچۈن ئۇ ئامنوننىڭ، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلدى. | 27 |
Nhưng Áp-sa-lôm năn nỉ mãi cho đến khi vua bằng lòng cho Am-nôn và các hoàng tử đi.
ئابشالوم ئۆز غۇلاملىرىغا بۇيرۇپ: سەگەك تۇرۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ خۇش كەيپ بولغاندا، مەن سىلەرگە ئامنوننى ئۇرۇڭلار دېسەم، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار. قورقماڭلار! بۇلارنى سىلەرگە بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار ــ دېدى. | 28 |
Áp-sa-lôm dặn các đầy tớ mình: “Hãy đợi khi Am-nôn uống say; ta sẽ ra dấu thì các ngươi giết hắn! Đừng sợ, vì các ngươi chỉ vâng theo lệnh ta.”
شۇنىڭ بىلەن ئابشالومنىڭ غۇلاملىرى ئامنونغا ئابشالوم ئۆزى بۇيرۇغاندەك قىلدى. شۇئان پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى قوپۇپ، ھەر بىرى ئۆز قېچىرىغا مىنىپ قاچتى. | 29 |
Vậy, các đầy tớ Áp-sa-lôm giết Am-nôn theo lệnh chủ. Các hoàng tử khác vội vàng cưỡi la chạy trốn.
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تېخى يولدا قېچىپ كېتىۋاتقاندا، «ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى قالمىدى» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى. | 30 |
Họ chưa về tới, Đa-vít được tin báo “Áp-sa-lôm giết hết các hoàng tử, không sót một người.”
پادىشاھ قوپۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ يەردە دۈم ياتتى؛ ئۇنىڭ ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرى بولسا كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يېنىدا تۇراتتى. | 31 |
Vua đứng dậy, xé áo mình, rồi phủ phục dưới đất. Quần thần có mặt tại đó cũng đều xé áo mình.
ئەمما داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا: ــ غوجام، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ھەممە يىگىتلەرنى ئۆلتۈردى، دەپ خىيال قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنون ئۆلدى؛ ئۇ ئىش ئامنوننىڭ ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارنى خار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئابشالومنىڭ ئاغزىدىن چىقارمىغان نىيىتى ئىدى. | 32 |
Lúc ấy, Giô-na-đáp, con Si-mê-i, anh Đa-vít, lên tiếng: “Không phải tất cả các hoàng tử đều bị giết đâu. Chỉ một mình Am-nôn chết mà thôi. Vì Áp-sa-lôm đã chủ tâm xếp đặt việc này từ ngày Ta-ma bị Am-nôn cưỡng hiếp.
ئەمدى غوجام پادىشاھ «پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلدى» دېگەن ئويدا بولۇپ كۆڭۈللىرىنى بىئارام قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنونلا ئۆلدى ــ دېدى. | 33 |
Vậy xin đừng buồn phiền quá về chuyện ấy vì tưởng rằng các con trai vua đều chết hết. Chỉ một mình Am-nôn chết mà thôi”
ئابشالوم بولسا قېچىپ كەتكەنىدى. [يېرۇسالېمدىكى] كۆزەتچى غۇلام قارىۋىدى، مانا، غەرب تەرىپىدىن تاغنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىۋاتاتتى. | 34 |
Lúc ấy, Áp-sa-lôm bỏ trốn. Người lính đứng trên vọng canh nhìn ra, thấy một đám đông từ xa đi tới theo lối ven đồi.
يوناداب پادىشاھقا: مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كەلدى. دەل قۇللىرى دېگەندەك بولدى ــ دېدى. | 35 |
Giô-na-đáp thưa với Đa-vít: “Các hoàng tử về đó! Đúng như tôi vừa nói.”
سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىۋىدى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ قاتتىق يىغا-زار قىلدى. پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاشتى. | 36 |
Vừa lúc ấy các hoàng tử chạy vào, khóc lóc. Vua và quần thần cũng khóc.
لېكىن ئابشالوم بولسا گەشۇرنىڭ پادىشاھى، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى تالماينىڭ قېشىغا باردى. داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن ھەر كۈنى ھازا تۇتۇپ قايغۇردى. | 37 |
Đa-vít ngày ngày khóc thương con mình là Am-nôn. Còn Áp-sa-lôm chạy đến Ghê-sua, ở với vua Thanh-mai, con A-mi-hút.
ئابشالوم قېچىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. | 38 |
Áp-sa-lôm ở lại Ghê-sua ba năm.
داۋۇت پادىشاھنىڭ قەلبى ئابشالومنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىنتىزار بولدى؛ چۈنكى ئۇ ئامنونغا نىسبەتەن تەسەللى تاپقانىدى، چۈنكى ئۇ ئۆلگەنىدى. | 39 |
Lúc ấy, Vua Đa-vít bắt đầu nguôi ngoai việc Am-nôn mất, ông chạnh nhớ đến Áp-sa-lôm.