پەرۋەردىگار ناتاننى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، يەنە بىرسى كەمبەغەل ئىدى. | 1 |
خداوند، ناتان نبی را نزد داوود فرستاد و ناتان آمده، این حکایت را برایش تعریف کرد: «در شهری دو نفر زندگی میکردند، یکی فقیر بود و دیگری ثروتمند. |
باينىڭ ئىنتايىن تولا قوي ۋە كالا پادىلىرى بار ئىدى. | 2 |
مرد ثروتمند گاو و گوسفند زیادی داشت. |
لېكىن كەمبەغەلنىڭ ئۆزى سېتىۋېلىپ باققان كىچىك بىر ساغلىق قوزىدىن باشقا بىر نەرسىسى يوق ئىدى. قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە بالىلىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. قوزا ئۇنىڭ يېگىنىدىن يەپ، ئۇنىڭ ئىچكىنىدىن ئىچىپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلىدى؛ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئۆز قىزىدەك ئىدى. | 3 |
اما آن فقیر از مال دنیا فقط یک ماده بره داشت که از پول خود خریده بود و او را همراه پسرانش بزرگ میکرد. از بشقاب خود به آن بره خوراک میداد و از کاسهاش به او آب مینوشانید، آن بره را در آغوشش میخوابانید و او را مثل دخترش دوست میداشت. |
بىر كۈنى بىر يولۇچى باينىڭكىگە كەلدى. ئەمما ئۇ ئۆزىگە كەلگەن مېھمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوي ياكى كالا پادىلىرىدىن بىرىنى يېگۈزۈشكە تەييارلاشقا كۆزى قىيماي، بەلكى كەمبەغەلنىڭ قوزىسىنى تارتىۋېلىپ سويۇپ، كەلگەن مېھمان ئۈچۈن تەييارلىدى». | 4 |
روزی مهمانی به خانه آن شخص ثروتمند رفت. ولی او به جای آنکه یکی از گاوان و گوسفندان خود را بکشد تا برای مهمانش غذایی تهیه کند، برهٔ آن مرد فقیر را گرفته، سر برید.» |
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ ناتانغا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، شۇنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە لايىقتۇر! | 5 |
داوود چون این را شنید خشمگین شد و گفت: «به خداوند زنده قسم، کسی که چنین کاری کرده باید کشته شود، |
ئۇ ھېچ رەھىمدىللىق كۆرسەتمەي بۇ ئىشنى قىلغىنى ئۈچۈن قوزىغا تۆت ھەسسە تۆلەم تۆلىسۇن ــ دېدى. | 6 |
و چون دلش به حال آن بیچاره نسوخت، باید به جای آن بره، چهار بره به او پس دهد.» |
ناتان داۋۇتقا: سەن دەل شۇ كىشىدۇرسەن! ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولغىلى مەسىھ قىلدىم ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم؛ | 7 |
آنگاه ناتان به داوود گفت: «آن مرد تو هستی!» و بعد اضافه کرد که خداوند، خدای اسرائیل چنین میفرماید: «من تو را به پادشاهی بر اسرائیل مسح کردم و از دست شائول نجات دادم. |
مەن غوجاڭنىڭ جەمەتىنى ساڭا بېرىپ، غوجاڭنىڭ ئاياللىرىنى قۇچىقىڭغا ياتقۇزۇپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن يەھۇدانىڭ جەمەتىنى ساڭا بەردىم. ئەگەر سەن بۇنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، مەن ساڭا يەنە ھەسسىلەپ بېرەتتىم؛ | 8 |
کاخ و حرمسرای او را به تو بخشیدم و تو را بر یهودا و اسرائیل پادشاه ساختم. اگر این چیزها برای تو کافی نبود بیشتر از اینها هم به تو میدادم. |
نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدىڭ؟ سەن ھىتتىي ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلدىڭ، سەن ئۇنى ئاممونىيلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەتل قىلدىڭ. | 9 |
پس چرا قوانین مرا زیر پا گذاشتی و مرتکب این عمل زشت شدی؟ تو اوریا را به دست عمونیها کشتی و زن او را تصاحب نمودی. |
ئەمدى سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلغىنىڭ ئۈچۈن، قىلىچ سېنىڭ ئۆيۈڭدىن ئايرىلمايدۇ». | 10 |
بنابراین، از این پس، کشت و کشتار از خانوادهٔ تو دور نخواهد شد، زیرا با گرفتن زن اوریا، به من اهانت کردهای. |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا ئۆز ئۆيۈڭدىن ساڭا يامانلىق كەلتۈرۈپ، كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئاياللىرىڭنى ئېلىپ، ساڭا يېقىن بىرسىگە بېرىمەن، ئۇ بولسا كۈپكۈندۈزدە ئاياللىرىڭ بىلەن ياتىدۇ. | 11 |
بنابراین من هم به دست افراد خانوادهات، بر سرت بلا نازل میکنم. زنانت را پیش چشمانت به همسایهات میدهم و او در روز روشن با آنها همبستر میشود. |
سەن بولساڭ ئۇ ئىشنى مەخپىي قىلدىڭ، لېكىن مەن بۇ ئىشنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا كۈندۈزدە قىلىمەن» ــ دېدى. | 12 |
تو این کار را مخفیانه کردی، اما من در روز روشن و در برابر چشمان همهٔ بنیاسرائیل این بلا را بر سر تو خواهم آورد.» |
داۋۇت ناتانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدىم ــ دېدى. ناتان داۋۇتقا: پەرۋەردىگار ھەم گۇناھىڭدىن ئۆتتى؛ سەن ئۆلمەيسەن. | 13 |
داوود اعتراف کرده، به ناتان گفت: «در حق خداوند گناه کردهام.» ناتان گفت: «بله، خداوند هم تو را بخشیده است و به سبب این گناهت تو را هلاک نخواهد کرد. |
ھالبۇكى، بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلىشقا پۇرسەت بەرگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بالا چوقۇم ئۆلىدۇ ، ــ دېدى. | 14 |
ولی چون با این کارت باعث شدهای که دشمنان خداوند به او کفر گویند، پس این بچهای هم که به دنیا آمده، خواهد مرد.» |
شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن داۋۇتقا تۇغۇلغان بالىنى شۇنداق ئۇردىكى، ئۇ قاتتىق كېسەل بولدى. | 15 |
بعد ناتان به خانهٔ خود برگشت و خداوند، پسری را که بَتشِبَع زاییده بود سخت بیمار کرد. |
داۋۇت بالا ھەققىدە خۇداغا يېلىندى. ئۇ روزا تۇتۇپ، كېچىلەردە ئىچكىرىگە كىرىپ يەردە دۈم ياتاتتى. | 16 |
داوود به خدا التماس کرد که بچه را زنده نگاه دارد، و بدین منظور روزه گرفت و به اتاق خود رفته، تمام شب روی زمین دراز کشید. |
ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئاقساقاللىرى قوپۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى يەردىن قوپۇرماقچى بولدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى ۋە ئۇلار بىلەن تاماق يېيىشنى رەت قىلدى. | 17 |
درباریان از او خواهش کردند از زمین بلند شود و با آنها غذا بخورد، اما قبول نکرد، |
يەتتىنچى كۈنى بالا ئۆلدى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى بالا ئۆلدى، دېگەن خەۋەرنى ئۇنىڭغا بېرىشتىن قورقۇپ: «بالا تىرىك ۋاقىتىدا پادىشاھ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سالمىدى، ئەمدى بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا بالا ئۆلدى، دەپ خەۋەر بېرىمىز؟ ئۇ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن!» ــ دېيىشتى. | 18 |
تا اینکه در روز هفتم، آن بچه مرد. درباریان میترسیدند این خبر را به او بدهند. آنها میگفتند: «وقتی آن بچه هنوز زنده بود داوود از شدت ناراحتی با ما حرف نمیزد، حال اگر به او خبر بدهیم که بچه مرده است، معلوم نیست چه بلایی بر سر خود خواهد آورد؟» |
لېكىن داۋۇت خىزمەتكارلىرىنىڭ پىچىرلاشقىنىنى كۆرۈپ، بالىنىڭ ئۆلگىنىنى ئۇقتى. شۇڭا داۋۇت خىزمەتكارلىرىدىن: بالا ئۆلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ئۆلدى، ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 19 |
ولی وقتی داوود دید آنها با هم نجوا میکنند، فهمید چه شده است و پرسید: «آیا بچه مرده است؟» گفتند: «بله.» |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يەردىن قوپۇپ، يۇيۇنۇپ، [خۇشبۇي] ماي بىلەن مەسىھلىنىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىبادەت قىلدى؛ ئاندىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ ئۆزىگە تاماق ئەكەلتۈرۈپ يېدى. | 20 |
آنگاه داوود از زمین بلند شد، شستشو نمود، سرش را شانه کرد، لباسهایش را عوض نمود و به خیمهٔ عبادت رفت و خداوند را پرستش کرد. سپس به کاخش برگشت و خوراک خورد. |
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: سىلىنىڭ بۇ نېمە قىلغانلىرى؟ بالا تىرىك چاغدا روزا تۇتۇپ يىغلىدىلا، لېكىن بالا ئۆلگەندىن كېيىن قوپۇپ تاماق يېدىلا، ــ دېدى. | 21 |
درباریان تعجب کردند و به او گفتند: «ما از رفتار تو سر در نمیآوریم. وقتی بچه هنوز زنده بود گریه میکردی و غذا نمیخوردی. اما حال که بچه مرده است، دست از گریه برداشته، غذا میخوری!» |
ئۇ: مەن: «كىم بىلسۇن، پەرۋەردىگار ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ، بالىنى تىرىك قالدۇرارمىكىن» دەپ ئويلاپ، بالا تىرىك ۋاقىتتا روزا تۇتۇپ يىغلىدىم. | 22 |
داوود جواب داد: «وقتی بچه زنده بود، روزه گرفتم و گریستم، چون فکر میکردم شاید خداوند به من رحم کند و بچه را زنده نگه دارد. |
لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن نېمىشقا روزا تۇتاي؟ مەن ئۇنى ياندۇرۇپ ئالالايمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ يېنىمغا يېنىپ كېلەلمەيدۇ، ــ دېدى | 23 |
اما حال که بچه مرده است دیگر چرا روزه بگیرم؟ آیا میتوانم او را زنده کنم؟ من پیش او خواهم رفت، ولی او نزد من باز نخواهد گشت.» |
داۋۇت ئايالى بات-شېباغا تەسەللى بەردى. ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى؛ ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىۋىدى، داۋۇت ئۇنى سۇلايمان دەپ ئاتىدى. پەرۋەردىگار ئۇنى سۆيدى، | 24 |
سپس داوود بَتشِبَع را دلداری داد. بَتشِبَع بار دیگر از داوود حامله شده، پسری زایید و اسم او را سلیمان گذاشت. خداوند سلیمان را دوست میداشت |
ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار ئۈچۈن «يەدىدىيا» دەپ ئىسىم قويدى. | 25 |
و به همین سبب ناتان نبی را فرستاد تا سلیمان را یدیدیا (یعنی «محبوب خداوند») لقب دهد. |
يوئاب ئاممونىيلارنىڭ شاھانە پايتەختى رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى. | 26 |
در این بین، یوآب به شهر ربه پایتخت عمون حمله برد و آن را محاصره کرد. او قاصدانی نزد داوود فرستاد تابه او بگویند: «ربه و مخازن آب آن در اختیار ماست. |
ئاندىن يوئاب خەۋەرچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ: مەن رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ بار قىسمىنى ئالدىم. | 27 |
ھازىر سەن قالغان ئەسكەرلەرنى يىغىپ، شەھەرنى قامال قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلغىن؛ بولمىسا مەن شەھەرنى ئالسام، مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئاتىلىشى مۇمكىن ــ دېدى. | 28 |
پس بقیهٔ سربازان را بیاور و شهر را تصرف کن تا پیروزی به نام تو تمام شود.» |
شۇڭا داۋۇت ھەممە خەلقنى جەم قىلىپ، رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى. | 29 |
پس داوود به ربه لشکر کشید و آن را تسخیر کرده، غنیمت زیادی از آنجا به اورشلیم برد. داوود تاج گرانبهای پادشاه عمونی را از سرش برداشت و بر سر خودش گذاشت. این تاج، حدود سی و پنج کیلو وزن داشت و از طلا و جواهرات قیمتی ساخته شده بود. |
ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ تاجىنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئالدى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇننىڭ ئېغىرلىغى بىر تالانت ئىدى، ۋە ئۇنىڭ كۆزىدە بىر گۆھەر بار ئىدى. كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيگۈزدى، داۋۇت بولسا ئۇ شەھەردىن نۇرغۇن ئولجا ئالدى. | 30 |
ئەمما ئۇ يەردىكى خەلقنى شەھەردىن چىقىرىپ ئۇلارنى ھەرە، خامان تېپىدىغان تىرنىلار ۋە تۆمۈر پالتىلار بىلەن ئىشلەتتى ياكى خۇمداندا قاتتىق ئەمگەككە سالدى؛ داۋۇت ئاممونىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە شۇنداق قىلدى؛ ئاندىن داۋۇت بارلىق خەلق بىلەن يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. | 31 |
داوود، مردم آن شهر را اسیر کرده، اره و تیشه و تبر به دستشان داد و آنها را به کارهای سخت گماشت. او در کورههای آجرپزی از ایشان کار میکشید. او با اهالی شهرهای دیگر عمون نیز همین گونه عمل کرد. سپس داوود و لشکر او به اورشلیم بازگشتند. |