< پېترۇس 2 3 >
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ھازىر سىلەرگە بۇ يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە سىلەرنىڭ ساپ كۆڭلۈڭلارنى ئويغىتىپ، شۇ ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئىنتىلدىمكى، | 1 |
Ta siiqo ishato, hayssi ta hinttew xaafida dabddaabbey nam77antho. Taani ha nam77u dabddaabbetakka hinttew xaafiday, hintte suure qofaa qoppanaada hinttena denthethanaassa.
مۇقەددەس پەيغەمبەرلەر بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرگە ۋە رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ روسۇللىرىڭلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن. | 2 |
Qassi geeshsha nabeti beni odida qaalanne nuna ashshiya Goday, hawaareta baggara kiittida kiitta hintte hassayana mela koyays.
ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان مازاقچىلار چىقىپ: | 3 |
Ubbaafe kasetidi, wode wurssethan bantta amuwaa kaallidi ase toochcheyssati, toochchishe yaanayssa erite.
«قېنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن ۋەدىسى؟! ئاتا-بوۋىلىرىمىز [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغاندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. | 4 |
Entti, “Ta yaana gidayssi awun de7ii? Nu aawati hayqqidosona, shin ubbabay sa7ay medhettosappe doomidi de7eyssada de7ees” yaagosona.
ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ. | 5 |
Daro wodeppe kase saloy Xoossaa qaalan medhettidayssa; qassi sa7ay haathafenne haathan medhettidayssa erishe kaddoosona.
شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى. | 6 |
He wode de7iya sa7ay haathan mitettidi dhays.
ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ. | 7 |
Shin ha77i de7iya saloynne sa7ay, geellati pirddettiya gallasaynne dhayiya gallasay gakkanaw he qaalan tamas naagettidi de7oosona.
ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. | 8 |
Shin ta siiqo ishato, ha issibaa dogoppite. Godaa matan issi gallasi mukulu laytha mela gideyssanne mukulu laythi issi gallasa mela gideyssa dogoppite.
رەب ئۆز ۋەدىسىنى [ئورۇنداشنى] (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ [ۋاقىتنى سوزماقتا]. | 9 |
Issoti issoti gam77is gidi qoppeyssada, Goday ba ufayssa qaala gisho gam77enna. Shin oonikka dhayonna mela koyidi, ubbay bantta nagaraappe simmana mela hintte gisho gidi genccees.
لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك [كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا] بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ. | 10 |
Shin Godaa gallasay kaysoda yaana. He gallasan saloti wolqqaama guunthan dhayana; salo medhetethati taman xuugettana; sa7aynne iya bollan de7iya ubbay dhayana.
ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئېرىپ يوقىلىدىغان يەردە، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ ــ ھاياتىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ۋە ئىخلاسمەنلىكتە ئۆتكۈزۈپ، | 11 |
Hiza, ubbabay hessada hanida dhayiyabaa gidikko hintte ay mela asi gidanaw bessii? Hintte geeshshinne Xoossaa daaniya de7o daanaw bessees.
خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ. | 12 |
Hintte sinthara yaa Xoossaa gallasaa naagishe hinttew dandda7ettiyaba ubbaa oothidi he gallasaa eesoyite. He gallas salotinne iyan de7iyabay taman xuugettana; wolqqaama suulan til77ana.
لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر. | 13 |
Shin nuuni xillotethi haariya ooratha salonne ooratha sa7a Xoossaa ufayssa qaalada naagoos.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، [شۇ تاپتا] خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار. | 14 |
Hessa gisho, ta siiqo ishato, nu he gallasaa naagiya gisho pokkoynne borey baynnayssata gididi, Godaara saron daanaw minnite.
ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار، دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان؛ | 15 |
Asi ubbay attana mela koyidi Goday dandda7eyssa dogoppite. Qassi nu siiqo ishay, Phawuloosi, Xoossay iyaw immida cinccatethan hessada hinttew xaafis.
بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. | 16 |
I ba dabddaabbeta ubban hessatabaa xaafis. Iya dabddaabbeta giddon akeekanaw waaysiya qofati de7oosona. Tamaariboonnanne minniboonna asati hara Xoossaa qaala mirqeyssada ha kiitatakka dhayanaw machchidi mirqoosona.
شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، [مەن ئېيتقان] بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. | 17 |
Hessa gisho, ta siiqo ishato, hintte hessa eriya gisho makkalata balan cimettidi, dhayonna melanne minnidi de7iya bessaafe kunddonna mela naagettite.
ئەكسىچە، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار. ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) | 18 |
Shin hintte nuna ashshiya nu Godaa, Yesuus Kiristtoosa aadho keehatethaaninne eratethan diccite. Iyaw ha77ika merinawukka bonchchoy gido. Amin7i. (aiōn )