< پېترۇس 2 2 >

لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. 1
Amma Allahın xalqı arasında yalançı peyğəmbərlər də ortaya çıxdı. Eləcə də sizin aranızda yanlış təlim yayanlar ortaya çıxacaq. Bunlar hətta özlərini satın alan Sahibini inkar edib gizlicə aranıza dağıdıcı və təfriqəçi təlim gətirəcəklər. Belələri öz başlarına tezliklə həlak gətirəcək.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. 2
Hətta çoxları onların pozğunluğuna qoşulacaq və onların üzündən həqiqət yoluna küfr ediləcək.
ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ. 3
Tamahkarlıqlarından uydurma sözlərlə sizi istismar edəcəklər. Onların mühakiməsi çoxdan davam edir və həlakı hazırdır.
چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە، (Tartaroō g5020) 4
Çünki Allah günahkar mələkləri cəzasız qoymadı, onları qiyamət gününə qədər saxlanmaq üçün cəhənnəmə ataraq zülmətdə buxovladı. (Tartaroō g5020)
شۇنداقلا قەدىمكى دۇنيادىكىلەرنىمۇ ئاياپ قويماي، خۇداسىزلىققا بېرىلگەن دۇنيانى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە ــ 5
O, allahsız adamların yaşadığı qədim dünyaya daşqın göndərərək o dünyanı cəzasız qoymadı, amma səkkiz nəfəri, o cümlədən, salehliyi bəyan edən Nuhu qoruyub saxladı.
ھەمدە كېيىن سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى خۇداسىزلىققا بېرىلگەنلەرگە ئىبرەت بولسۇن دەپ بېكىتىپ، بېشىغا كۈلپەتلىك جازانى چۈشۈرۈپ كۈل قىلغان، 6
O, Sodom və Homorra şəhərlərini yandırıb-yaxaraq viran olmağa məhkum etdi və beləliklə, gələcəkdə olan allahsız adamlara nümunə göstərdi.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىدىن يىرگىنىپ ئازابلانغان، ھەققانىي بولغان لۇتنى ئۇلار ئارىسىدىن قۇتۇلدۇرغان يەردە ــ 7
Pozğun insanların əxlaqsız həyat tərzindən əziyyət çəkən saleh Lutu isə qurtardı.
(ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغان ھەققانىي لۇتنىڭ ھەققانىي قەلبى ھەر كۈنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىتائەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن ئازابلىناتتى) 8
Çünki onların arasında yaşayan bu saleh insan günbəgün onların qanunsuz əməllərini görüb-eşidib öz saleh ruhunda iztirab çəkirdi.
ئەمدى شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رەب ئىخلاسمەنلەرنى دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزۇشنى ۋە شۇنىڭدەك ھەققانىيسىزلارنى سوراق كۈنىگىچە جازالىنىشقا ساقلاپ قويۇشنى بىلىدۇ. 9
Əlbəttə ki, Rəbb möminləri sınaqdan necə qurtarmağı, haqsızları isə qiyamət gününə kimi cəza altında necə saxlamağı bilir.
بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «[روھىي] ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر. 10
O, xüsusilə, cismani murdar ehtirasına uyaraq ağalığa xor baxanları belə saxlayır. Belə adamlar həyasız və dikbaşdırlar, ehtişamlı varlıqlara şər atmaqdan qorxmurlar.
ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «[ئۇلۇغلار]»[نى] ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ. 11
Halbuki onlardan qüvvət və qüdrətdə üstün olan mələklər Rəbbin önündə ehtişamlı varlıqlara şər ataraq ittiham etməz.
ئەمما بۇلار خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك كېلىپ، ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە ھاقارەتلىك سۆز قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى بىلەن تولۇق ھالاك بولىدۇ، 12
Bu adamlarsa sanki dərrakəsiz, qeyri-iradi surətdə aparılan heyvanlardır ki, tutulub kəsilmək üçün doğulublar. Onlar başa düşmədiyi şeylərə şər atırlar. Heyvanlar necə kəsilirsə, onlar da elə kəsiləcəklər.
شۇنداقلا ئۆز ھەققانىيسىزلىقىغا تۇشلۇق جازانىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلار [سىلەرگە] نومۇس ۋە داغ كەلتۈرۈپ سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئۆز مەككارلىقلىرىدىن زوقلىنىدۇ. 13
Etdikləri zərərin əvəzini alacaqlar. Gündüz kef çəkməyi əyləncə sayırlar. Sizinlə yeyib-içərkən sanki aranızda ləkələr və nöqsanlar olaraq öz hiylələrindən zövq alırlar.
ئۇلارنىڭ زىناخورلۇق بىلەن تولغان كۆزلىرى گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئۈزۈلمەيدۇ؛ ئۇلار تۇتامى يوق كىشىلەرنى ئېزىقتۇرىدۇ؛ ئۇلار قەلبىنى ئاچكۆزلۈككە كۆندۈرگەن، لەنەتكە يېقىن بالىلاردۇر! 14
Onların gözləri zina ilə doludur, günahdan doymurlar. Qərarsız insanları yoldan çıxarırlar. Ürəkləri tamahkarlığa alışdırılmış lənətli insanlardır.
ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى، 15
Haqsızlıqla əldə etdiyi qazancı sevən Beor oğlu Bilamın yolunu tutaraq düz yolu qoyub azdılar.
لېكىن ئۇ قىلغان قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن تەنبىھىنى يېدى (زۇۋانسىز ئېشەك ئىنساننىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ پەيغەمبەرنىڭ ئەخمىقانە ئىشىنى توستى). 16
Bilam işlədiyi günaha görə ifşa olundu: dilsiz-ağızsız eşşək insan səsi ilə danışıb bu peyğəmbəri dəlilik etməkdən çəkindirdi.
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان. (questioned) 17
Bu insanlar susuz bulaqlar, qasırğanın dağıtdığı buludlar kimidir. Allah qatı qaranlığı onlar üçün saxlayır.
چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ. 18
Çünki boş və lovğa sözlər söyləyərək səhv yolla gedənlərin arasından çətinliklə qaçanları cismani ehtiraslarla və əxlaqsızlıqla yoldan azdırırlar.
ئۇلار مۇشۇ كىشىلەرگە «سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز» دەپ ۋەدە قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە بۇزۇقلۇقنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. 19
Onlara azadlıq vəd edirlər, halbuki özləri pozğunluğun köləsidirlər. Çünki insan nəyə məğlub olarsa, onun köləsi olar.
چۈنكى ئەگەر ئۇلار رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ پاسىقلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇلارغا يەنە باغلىنىپ، بويسۇندۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ. 20
Rəbbimiz və Xilaskarımız İsa Məsihi tanımaqla dünyanın çirkabından qaçdıqdan sonra yenə həmin işlərlə məşğul olub məğlub olarlarsa, son vəziyyətləri əvvəlkindən betər olar.
چۈنكى ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى ئەسلىدىنلا بىلمىگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 21
Çünki salehlik yolunu tanıyıb özlərinə əmanət edilən müqəddəs əmrdən geri dönməkdənsə bu yolu tanımamaq onlar üçün daha yaxşı olardı.
مۇشۇ ئىشەنچلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۇلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: ــ «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا قايتىدىن پاتقاقتا ئېغىنار». 22
Bu doğru məsəllərdə deyilənlər onların öz başına gəldi: «İt öz qusuntusuna qayıdar» və «çimdirilmiş donuz palçıqda ağnamağa qayıdar».

< پېترۇس 2 2 >