< پېترۇس 2 1 >
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇستىن خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام! | 1 |
Simon Peter, a servant and apostle of Jesus Christ, To those who through the righteousness of our God and Savior Jesus Christ have received a faith as precious as ours:
سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي! | 2 |
Grace and peace be multiplied to you through the knowledge of God and of Jesus our Lord.
بۇ [دۇئايىمنىڭ] ئاساسى ــ بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى. | 3 |
His divine power has given us everything we need for life and godliness through the knowledge of Him who called us by His own glory and excellence.
ئۇ مۇشۇ پەزىلەتلىرى ئارقىلىق بىزگە قىممەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىلەرنى بەردى، بۇلار بىلەن سىلەر بۇ دۇنيادىكى ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن بولغان ئىپلاسلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدالىق تەبىئەتكە ئورتاق نېسىپ بولالايسىلەر. | 4 |
Through these He has given us His precious and magnificent promises, so that through them you may become partakers of the divine nature, now that you have escaped the corruption in the world caused by evil desires.
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى، | 5 |
For this very reason, make every effort to add to your faith virtue; and to virtue, knowledge;
بىلىمىڭلارغا تەمكىنلىكنى، تەمكىنلىكىڭلارغا چىداملىقنى، چىداملىقىڭلارغا ئىخلاسمەنلىكنى، | 6 |
and to knowledge, self-control; and to self-control, perseverance; and to perseverance, godliness;
ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقنى، قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار. | 7 |
and to godliness, brotherly kindness; and to brotherly kindness, love.
چۈنكى بۇ خۇسۇسىيەتلەر سىلەردە بار بولسا، شۇنداقلا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇلار سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا [ئىنتىلىشتە] ئىش-ئەمەلسىز ۋە مېۋىسىز قالدۇرمايدۇ. | 8 |
For if you possess these qualities and continue to grow in them, they will keep you from being ineffective and unproductive in your knowledge of our Lord Jesus Christ.
ئەممە ئەگەر بىرسىدە بۇلار كەم بولسا، ئۇ كور ئادەمدۇر ــ ئۇ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغىنىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. | 9 |
But whoever lacks these traits is nearsighted to the point of blindness, having forgotten that he has been cleansed from his past sins.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر [خۇدا تەرىپىدىن] چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر. | 10 |
Therefore, brothers, strive to make your calling and election sure. For if you practice these things you will never stumble,
شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. (aiōnios ) | 11 |
and you will receive a lavish reception into the eternal kingdom of our Lord and Savior Jesus Christ. (aiōnios )
شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلارمۇ، شۇنداقلا بىزگە ئىگە قىلىنغان ھەقىقەتتە مۇستەھكەملەنگەن بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەردائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. | 12 |
Therefore I will always remind you of these things, even though you know them and are established in the truth you now have.
دەرۋەقە، مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا، بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆرىمەن. | 13 |
I think it is right to refresh your memory as long as I live in the tent of my body,
چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. | 14 |
because I know that this tent will soon be laid aside, as our Lord Jesus Christ has made clear to me.
بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن. | 15 |
And I will make every effort to ensure that after my departure, you will be able to recall these things at all times.
چۈنكى بىز سىلەرگە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشىنى ئۇقتۇرغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىكتىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرگە ئەگەشمىدۇق، بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز. | 16 |
For we did not follow cleverly devised fables when we made known to you the power and coming of our Lord Jesus Christ, but we were eyewitnesses of His majesty.
چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى. | 17 |
For He received honor and glory from God the Father when the voice came to Him from the Majestic Glory, saying, “This is My beloved Son, in whom I am well pleased.”
مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق. | 18 |
And we ourselves heard this voice from heaven when we were with Him on the holy mountain.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر). | 19 |
We also have the word of the prophets as confirmed beyond doubt. And you will do well to pay attention to it, as to a lamp shining in a dark place, until the day dawns and the morning star rises in your hearts.
شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. | 20 |
Above all, you must understand that no prophecy of Scripture comes from one’s own interpretation.
چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر. | 21 |
For no such prophecy was ever brought forth by the will of man, but men spoke from God as they were carried along by the Holy Spirit.