< پادىشاھلار 2 8 >
ئېلىشا ئۆزى ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن ئايالغا نەسىھەت قىلىپ: ــ سەن ۋە ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن بېرىپ، قەيەردە ئولتۇرغۇدەك جاي تاپساڭ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ ئاچارچىلىق بولسۇن، دەپ بېكىتتى. بۇ ئاچارچىلىق زېمىندا يەتتە يىلغىچە تۈگىمەيدۇ، دېدى. | 1 |
Elixa ɵzi oƣlini tirildürgǝn ayalƣa nǝsiⱨǝt ⱪilip: — Sǝn wǝ ɵz ɵydikiliring bilǝn berip, ⱪǝyǝrdǝ olturƣudǝk jay tapsang, u yǝrdǝ turƣin; qünki Pǝrwǝrdigar: — Aqarqiliⱪ bolsun, dǝp bekitti. Bu aqarqiliⱪ zeminda yǝttǝ yilƣiqǝ tügimǝydu, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ ئادىمى ئېيتقاندەك ئۆز ئۆيدىكىلىرى بىلەن بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە يىلغىچە تۇردى. | 2 |
Xuning bilǝn u ayal Hudaning adimi eytⱪandǝk ɵz ɵydikiliri bilǝn berip, Filistiylǝrning yurtida yǝttǝ yilƣiqǝ turdi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە يىل ئۆتكەندە، ئايال فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدىن يېنىپ كەلدى؛ ئۇ پادىشاھتىن ئۆيى بىلەن زېمىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى باردى. | 3 |
Wǝ xundaⱪ boldiki, yǝttǝ yil ɵtkǝndǝ, ayal Filistiylǝrning yurtidin yenip kǝldi; u padixaⱨtin ɵyi bilǝn zeminini ɵzigǝ ⱪayturup berixni iltimas ⱪilƣili bardi.
شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گەھازى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا: ــ ئېلىشا قىلغان ھەممە ئۇلۇغ ئەمەللەرنى ماڭا بايان قىلىپ بەرگىن، دەۋاتاتتى. | 4 |
Xu waⱪitta padixaⱨ Hudaning adimining hizmǝtkari Gǝⱨazi bilǝn sɵzlixip uningƣa: — Elixa ⱪilƣan ⱨǝmmǝ uluƣ ǝmǝllǝrni manga bayan ⱪilip bǝrgin, dǝwatatti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا ئېلىشانىڭ قانداق قىلىپ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىۋاتقاندا، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن شۇ ئايال پادىشاھتىن ئۆز ئۆيى ۋە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلدى. گەھازى: ــ ئى پادىشاھ غوجام، مانا، بۇلار مەن ئېيتقان ئايال ۋە ئېلىشا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئوغلى دەل شۇ، دېدى. | 5 |
Wǝ xundaⱪ boldiki, u padixaⱨⱪa Elixaning ⱪandaⱪ ⱪilip bir ɵlükni tirildürgǝnlikini dǝp beriwatⱪanda, Elixa oƣlini tirildürgǝn xu ayal padixaⱨtin ɵz ɵyi wǝ zeminini ⱪayturup berixni iltimas ⱪilƣili kǝldi. Gǝⱨazi: — I padixaⱨ ƣojam, mana, bular mǝn eytⱪan ayal wǝ Elixa ɵlümdin tirildürgǝn oƣli dǝl xu, dedi.
پادىشاھ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ شۇ ۋەقەنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر ئاغۋاتنى بەلگىلەپ: ــ ئۇنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى ياندۇرۇپ بەرگىن ۋە شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتىدىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە يېرىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ بارلىق كىرىمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن، دېدى. | 6 |
Padixaⱨ ayaldin soriwidi, u xu wǝⱪǝni uningƣa dǝp bǝrdi. Xuning bilǝn padixaⱨ bir aƣwatni bǝlgilǝp: — Uning ⱨǝmmǝ tǝǝlluⱪatlirini yandurup bǝrgin wǝ xuningdǝk ɵz yurtidin kǝtkǝn kündin tartip bu waⱪitⱪiqǝ yeridin qiⱪⱪan ⱨosulning barliⱪ kirimini uningƣa bǝrgin, dedi.
ئەمدى ئېلىشا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد كېسەل ياتقىنىدا دەمەشققە كەلدى. پادىشاھقا: خۇدانىڭ ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى، دەپ خەۋەر بېرىلدى. | 7 |
Əmdi Elixa Suriyǝning padixaⱨi Bǝn-Ⱨadad kesǝl yatⱪinida Dǝmǝxⱪⱪǝ kǝldi. Padixaⱨⱪa: Hudaning adimi bu yǝrgǝ kǝldi, dǝp hǝwǝr berildi.
پادىشاھ ھازائەلگە: ــ ئۆزۈڭ بىر سوۋغا ئېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن مېنىڭ توغرامدا: «ئۇ بۇ كېسەلدىن ساقىيامدۇ، ساقايمايدۇ» دەپ سورىغىن، ــ دېدى. | 8 |
Padixaⱨ Ⱨazaǝlgǝ: — Ɵzüng bir sowƣa elip, Hudaning adimining aldiƣa berip uning bilǝn kɵrüxüp, u arⱪiliⱪ Pǝrwǝrdigardin mening toƣramda: «U bu kesǝldin saⱪiyamdu, saⱪaymaydu» dǝp soriƣin, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ھازائەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە باردى. ئۇ ئۆزى بىلەن دەمەشقتىكى ھەرخىل ئېسىل ماللاردىن قىرىق تۆگە سوۋغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئوغلۇڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد مېنى ئەۋەتىپ، بۇ كېسەلدىن ساقىيىمەنمۇ، ساقايمايمەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ــ دېدى. | 9 |
Xuning bilǝn Ⱨazaǝl uning bilǝn kɵrüxüxkǝ bardi. U ɵzi bilǝn Dǝmǝxⱪtiki ⱨǝrhil esil mallardin ⱪiriⱪ tɵgǝ sowƣa elip, uning aldiƣa berip: «Oƣlung Suriyǝning padixaⱨi Bǝn-Ⱨadad meni ǝwǝtip, bu kesǝldin saⱪiyimǝnmu, saⱪaymaymǝnmu?» dǝp soraydu, — dedi.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ چوقۇم ساقىيىسەن، دەپ ئېيتقىن. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا قانداقلا بولمىسۇن ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، دەپ ۋەھىي قىلدى، دېدى. | 10 |
Elixa uningƣa: — Berip uningƣa: — Qoⱪum saⱪiyisǝn, dǝp eytⱪin. Lekin Pǝrwǝrdigar manga ⱪandaⱪla bolmisun u qoⱪum ɵlidu, dǝp wǝⱨiy ⱪildi, dedi.
خۇدانىڭ ئادىمى تاكى ھازائەل خىجىل بولۇپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى يىغلاشقا باشلىدى. | 11 |
Hudaning adimi taki Ⱨazaǝl hijil bolup kǝtküqǝ uningƣa tikilip ⱪarap turdi, andin Hudaning adimi yiƣlaxⱪa baxlidi.
ھازائەل: ــ غوجام نېمىشقا يىغلايلا! دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن سېنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يىگىتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇششاق بالىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يېرىۋېتىسەن، دېدى. | 12 |
Ⱨazaǝl: — Ƣojam nemixⱪa yiƣlayla! dǝp soridi. U: — Mǝn sening Israillarƣa ⱪilidiƣan yaman ixliringni bilimǝn; qünki sǝn ularning ⱪorƣanlirini kɵydürüp, yigitlirini ⱪiliq bilǝn ɵltürüp, uxxaⱪ balilirini qɵrüp taxlap, ⱨamilidar ayallirining ⱪarnini yeriwetisǝn, dedi.
ھازائەل: ــ مەنكى ئىتتەك بىر قۇلۇڭ نېمە ئىدىم، ئۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالامتىم؟ ئېلىشا: ــ پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىڭنى مەلۇم قىلدى، دېدى. | 13 |
Ⱨazaǝl: — Mǝnki ittǝk bir ⱪulung nemǝ idim, undaⱪ uluƣ ixlarni ⱪilalamtim? Elixa: — Pǝrwǝrdigar manga sening Suriyǝning padixaⱨi bolidiƣanliⱪingni mǝlum ⱪildi, dedi.
ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىقىپ غوجىسىنىڭ يېنىغا باردى. بەن-ھاداد ئۇنىڭدىن: ــ ئېلىشا ساڭا نېمە دېدى، دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئۇ ماڭا سىلىنىڭ توغرىلىرىدا، چوقۇم ساقىيدۇ، دەپ ئېيتتى، دېدى. | 14 |
U Elixaning ⱪexidin qiⱪip ƣojisining yeniƣa bardi. Bǝn-ⱨadad uningdin: — Elixa sanga nemǝ dedi, dǝp soridi. U: — U manga silining toƣrilirida, qoⱪum saⱪiydu, dǝp eytti, dedi.
ئەتىسى ھازائەل بىر پارچە بۆزنى ئېلىپ، سۇغا چىلاپ پادىشاھنىڭ يۈزىنى ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى؛ ۋە ھازائەل ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 15 |
Ətisi Ⱨazaǝl bir parqǝ bɵzni elip, suƣa qilap padixaⱨning yüzini ǝtti. Xuning bilǝn u ɵldi; wǝ Ⱨazaǝl uning ornida padixaⱨ boldi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا، يەھوشافات تېخى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ۋاقتىدا، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورام يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. | 16 |
Israilning padixaⱨi, Aⱨabning oƣli Yoramning sǝltǝnitining bǝxinqi yilida, Yǝⱨoxafat tehi Yǝⱨudaning padixaⱨi waⱪtida, Yǝⱨoxafatning oƣli Yǝⱨoram Yǝⱨudaning padixaⱨi boldi.
ئۇ پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى. | 17 |
U padixaⱨ bolƣanda ottuz ikki yaxta bolup, Yerusalemda sǝkkiz yil sǝltǝnǝt ⱪildi.
ئۇ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا يۈردى (چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئاھابنىڭ قىزى ئىدى)؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. | 18 |
U Aⱨabning jǝmǝti ⱪilƣandǝk Israil padixaⱨlirining yolida yürdi (qünki uning ayali Aⱨabning ⱪizi idi); u Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪildi.
لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ سېنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭغا «مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان چىراغ» بېرىمەن دېگەن ۋەدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يەھۇدانى خاراب قىلىشنى خالىمىدى. | 19 |
Lekin Pǝrwǝrdigar Dawutⱪa: — Sening bilǝn oƣulliringƣa «mǝnggü ɵqmǝydiƣan qiraƣ» berimǝn degǝn wǝdisi tüpǝylidin u Yǝⱨudani harab ⱪilixni halimidi.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ئېدوم يەھۇدانىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئازاد بولۇپ ئۆز ئالدىغا بىر پادىشاھلىق تىكلىدى. | 20 |
Uning künliridǝ Edom Yǝⱨudaning idarǝ ⱪilixiƣa isyan kɵtürüp, azad bolup ɵz aldiƣa bir padixaⱨliⱪ tiklidi.
شۇنىڭ بىلەن يورام ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن يولغا چىقىپ زائىر شەھىرىگە ئۆتتى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرىنى قورشىۋالغان ئېدوملارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى؛ لېكىن ئاخىرىدا [يەھۇدا] لەشكەرلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى. | 21 |
Xuning bilǝn Yoram ⱨǝmmǝ jǝng ⱨarwiliri bilǝn yolƣa qiⱪip Zair xǝⱨirigǝ ɵtti. U keqisi ornidin turup, ɵzini wǝ jǝng ⱨarwilirining sǝrdarlirini ⱪorxiwalƣan Edomlarƣa ⱨujum ⱪilip, ularni mǝƣlup ⱪildi; lekin ahirida [Yǝⱨuda] lǝxkǝrliri ɵz ɵylirigǝ ⱪeqip kǝtti.
شۇنىڭ بىلەن ئېدوملار يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بۈگۈنگىچە ئازاد بولدى. ئۇ ۋاقىتتا لىبناھمۇ ئىسيان كۆتۈرۈپ ئازاد بولدى. | 22 |
Xuning bilǝn Edomlar Yǝⱨudaning ⱨɵkümranliⱪidin bügüngiqǝ azad boldi. U waⱪitta Libnaⱨmu isyan kɵtürüp azad boldi.
ئەمدى يورامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 23 |
Əmdi Yoramning baxⱪa ixliri ⱨǝm ⱪilƣanlirining ⱨǝmmisi bolsa «Yǝⱨuda padixaⱨlirining tarih-tǝzkiriliri» degǝn kitabta pütülgǝn ǝmǝsmidi?
يورام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 24 |
Yoram ɵz ata-bowiliri arisida uhlidi wǝ «Dawutning xǝⱨiri»dǝ ata-bowilirining yenida dǝpnǝ ⱪilindi. Oƣli Aⱨaziya uning ornida padixaⱨ boldi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. | 25 |
Israilning padixaⱨi, Aⱨabning oƣli Yoramning sǝltǝnitining on ikkinqi yili, Yǝⱨuda padixaⱨi Yǝⱨoramning oƣli Aⱨaziya Yǝⱨudaƣa padixaⱨ boldi.
ئاھازىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھى ئومرىنىڭ قىزى ئىدى. | 26 |
Aⱨaziya padixaⱨ bolƣanda yigirmǝ ikki yaxta bolup, Yerusalemda bir yil sǝltǝnǝt ⱪildi. Uning anisining ismi Ataliya idi; u Israil padixaⱨi Omrining ⱪizi idi.
[ئاھازىيا] ئاھابنىڭ جەمەتىنىڭ يولىدا يۈرۈپ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك، خۇدانىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمجەمەت ئىدى. | 27 |
[Aⱨaziya] Aⱨabning jǝmǝtining yolida yürüp Aⱨabning jǝmǝti ⱪilƣandǝk, Hudaning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪildi; qünki u Aⱨabning küy’oƣli bolup uningƣa ⱨǝmjǝmǝt idi.
ئاھابنىڭ ئوغلى يورام سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن گىلېئادتىكى راموتتا سوقۇشقاندا ئاھازىيا ئۇنىڭغا ھەمدەملىشىپ سوقۇشقا چىققانىدى. سۇرىيلەر يورامنى زەخىملەندۈردى. | 28 |
Aⱨabning oƣli Yoram Suriyǝning padixaⱨi Ⱨazaǝl bilǝn Gileadtiki Ramotta soⱪuxⱪanda Aⱨaziya uningƣa ⱨǝmdǝmlixip soⱪuxⱪa qiⱪⱪanidi. Suriylǝr Yoramni zǝhimlǝndürdi.
يورام پادىشاھ راماھدا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، يىزرەئەلگە يېنىپ كەلدى. ئاھابنىڭ ئوغلى يورام كېسەل بولغاچقا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى، يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگىمۇ باردى. | 29 |
Yoram padixaⱨ Ramaⱨda Suriyǝ padixaⱨi Ⱨazaǝl bilǝn soⱪuxⱪanda Suriylǝrdin yegǝn zǝhmini dawalitix üqün, Yizrǝǝlgǝ yenip kǝldi. Aⱨabning oƣli Yoram kesǝl bolƣaqⱪa, Yǝⱨudaning padixaⱨi, Yǝⱨoramning oƣli Aⱨaziya uni yoⱪliƣili Yizrǝǝlgimu bardi.