< پادىشاھلار 2 8 >

ئېلىشا ئۆزى ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن ئايالغا نەسىھەت قىلىپ: ــ سەن ۋە ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن بېرىپ، قەيەردە ئولتۇرغۇدەك جاي تاپساڭ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ ئاچارچىلىق بولسۇن، دەپ بېكىتتى. بۇ ئاچارچىلىق زېمىندا يەتتە يىلغىچە تۈگىمەيدۇ، دېدى. 1
Élisha özi oghlini tirildürgen ayalgha nesihet qilip: — Sen we öz öydikiliring bilen bérip, qeyerde olturghudek jay tapsang, u yerde turghin; chünki Perwerdigar: — Acharchiliq bolsun, dep békitti. Bu acharchiliq zéminda yette yilghiche tügimeydu, dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ ئادىمى ئېيتقاندەك ئۆز ئۆيدىكىلىرى بىلەن بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە يىلغىچە تۇردى. 2
Shuning bilen u ayal Xudaning adimi éytqandek öz öydikiliri bilen bérip, Filistiylerning yurtida yette yilghiche turdi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە يىل ئۆتكەندە، ئايال فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدىن يېنىپ كەلدى؛ ئۇ پادىشاھتىن ئۆيى بىلەن زېمىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى باردى. 3
We shundaq boldiki, yette yil ötkende, ayal Filistiylerning yurtidin yénip keldi; u padishahtin öyi bilen zéminini özige qayturup bérishni iltimas qilghili bardi.
شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گەھازى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا: ــ ئېلىشا قىلغان ھەممە ئۇلۇغ ئەمەللەرنى ماڭا بايان قىلىپ بەرگىن، دەۋاتاتتى. 4
Shu waqitta padishah Xudaning adimining xizmetkari Gehazi bilen sözliship uninggha: — Élisha qilghan hemme ulugh emellerni manga bayan qilip bergin, dewatatti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا ئېلىشانىڭ قانداق قىلىپ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىۋاتقاندا، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن شۇ ئايال پادىشاھتىن ئۆز ئۆيى ۋە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلدى. گەھازى: ــ ئى پادىشاھ غوجام، مانا، بۇلار مەن ئېيتقان ئايال ۋە ئېلىشا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئوغلى دەل شۇ، دېدى. 5
We shundaq boldiki, u padishahqa Élishaning qandaq qilip bir ölükni tirildürgenlikini dep bériwatqanda, Élisha oghlini tirildürgen shu ayal padishahtin öz öyi we zéminini qayturup bérishni iltimas qilghili keldi. Gehazi: — I padishah ghojam, mana, bular men éytqan ayal we Élisha ölümdin tirildürgen oghli del shu, dédi.
پادىشاھ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ شۇ ۋەقەنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر ئاغۋاتنى بەلگىلەپ: ــ ئۇنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى ياندۇرۇپ بەرگىن ۋە شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتىدىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە يېرىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ بارلىق كىرىمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن، دېدى. 6
Padishah ayaldin soriwidi, u shu weqeni uninggha dep berdi. Shuning bilen padishah bir aghwatni belgilep: — Uning hemme teelluqatlirini yandurup bergin we shuningdek öz yurtidin ketken kündin tartip bu waqitqiche yéridin chiqqan hosulning barliq kirimini uninggha bergin, dédi.
ئەمدى ئېلىشا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد كېسەل ياتقىنىدا دەمەشققە كەلدى. پادىشاھقا: خۇدانىڭ ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى، دەپ خەۋەر بېرىلدى. 7
Emdi Élisha Suriyening padishahi Ben-Hadad késel yatqinida Demeshqqe keldi. Padishahqa: Xudaning adimi bu yerge keldi, dep xewer bérildi.
پادىشاھ ھازائەلگە: ــ ئۆزۈڭ بىر سوۋغا ئېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن مېنىڭ توغرامدا: «ئۇ بۇ كېسەلدىن ساقىيامدۇ، ساقايمايدۇ» دەپ سورىغىن، ــ دېدى. 8
Padishah Hazaelge: — Özüng bir sowgha élip, Xudaning adimining aldigha bérip uning bilen körüshüp, u arqiliq Perwerdigardin méning toghramda: «U bu késeldin saqiyamdu, saqaymaydu» dep sorighin, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن ھازائەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە باردى. ئۇ ئۆزى بىلەن دەمەشقتىكى ھەرخىل ئېسىل ماللاردىن قىرىق تۆگە سوۋغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئوغلۇڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد مېنى ئەۋەتىپ، بۇ كېسەلدىن ساقىيىمەنمۇ، ساقايمايمەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ــ دېدى. 9
Shuning bilen Hazael uning bilen körüshüshke bardi. U özi bilen Demeshqtiki herxil ésil mallardin qiriq töge sowgha élip, uning aldigha bérip: «Oghlung Suriyening padishahi Ben-Hadad méni ewetip, bu késeldin saqiyimenmu, saqaymaymenmu?» dep soraydu, — dédi.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ چوقۇم ساقىيىسەن، دەپ ئېيتقىن. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا قانداقلا بولمىسۇن ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، دەپ ۋەھىي قىلدى، دېدى. 10
Élisha uninggha: — Bérip uninggha: — Choqum saqiyisen, dep éytqin. Lékin Perwerdigar manga qandaqla bolmisun u choqum ölidu, dep wehiy qildi, dédi.
خۇدانىڭ ئادىمى تاكى ھازائەل خىجىل بولۇپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى يىغلاشقا باشلىدى. 11
Xudaning adimi taki Hazael xijil bolup ketküche uninggha tikilip qarap turdi, andin Xudaning adimi yighlashqa bashlidi.
ھازائەل: ــ غوجام نېمىشقا يىغلايلا! دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن سېنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يىگىتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇششاق بالىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يېرىۋېتىسەن، دېدى. 12
Hazael: — Ghojam némishqa yighlayla! dep soridi. U: — Men séning Israillargha qilidighan yaman ishliringni bilimen; chünki sen ularning qorghanlirini köydürüp, yigitlirini qilich bilen öltürüp, ushshaq balilirini chörüp tashlap, hamilidar ayallirining qarnini yériwétisen, dédi.
ھازائەل: ــ مەنكى ئىتتەك بىر قۇلۇڭ نېمە ئىدىم، ئۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالامتىم؟ ئېلىشا: ــ پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىڭنى مەلۇم قىلدى، دېدى. 13
Hazael: — Menki ittek bir qulung néme idim, undaq ulugh ishlarni qilalamtim? Élisha: — Perwerdigar manga séning Suriyening padishahi bolidighanliqingni melum qildi, dédi.
ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىقىپ غوجىسىنىڭ يېنىغا باردى. بەن-ھاداد ئۇنىڭدىن: ــ ئېلىشا ساڭا نېمە دېدى، دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئۇ ماڭا سىلىنىڭ توغرىلىرىدا، چوقۇم ساقىيدۇ، دەپ ئېيتتى، دېدى. 14
U Élishaning qéshidin chiqip ghojisining yénigha bardi. Ben-hadad uningdin: — Élisha sanga néme dédi, dep soridi. U: — U manga silining toghrilirida, choqum saqiydu, dep éytti, dédi.
ئەتىسى ھازائەل بىر پارچە بۆزنى ئېلىپ، سۇغا چىلاپ پادىشاھنىڭ يۈزىنى ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى؛ ۋە ھازائەل ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 15
Etisi Hazael bir parche bözni élip, sugha chilap padishahning yüzini etti. Shuning bilen u öldi; we Hazael uning ornida padishah boldi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا، يەھوشافات تېخى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ۋاقتىدا، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورام يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. 16
Israilning padishahi, Ahabning oghli Yoramning seltenitining beshinchi yilida, Yehoshafat téxi Yehudaning padishahi waqtida, Yehoshafatning oghli Yehoram Yehudaning padishahi boldi.
ئۇ پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى. 17
U padishah bolghanda ottuz ikki yashta bolup, Yérusalémda sekkiz yil seltenet qildi.
ئۇ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا يۈردى (چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئاھابنىڭ قىزى ئىدى)؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 18
U Ahabning jemeti qilghandek Israil padishahlirining yolida yürdi (chünki uning ayali Ahabning qizi idi); u Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qildi.
لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ سېنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭغا «مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان چىراغ» بېرىمەن دېگەن ۋەدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يەھۇدانى خاراب قىلىشنى خالىمىدى. 19
Lékin Perwerdigar Dawutqa: — Séning bilen oghulliringgha «menggü öchmeydighan chiragh» bérimen dégen wedisi tüpeylidin u Yehudani xarab qilishni xalimidi.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ئېدوم يەھۇدانىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئازاد بولۇپ ئۆز ئالدىغا بىر پادىشاھلىق تىكلىدى. 20
Uning künliride Édom Yehudaning idare qilishigha isyan kötürüp, azad bolup öz aldigha bir padishahliq tiklidi.
شۇنىڭ بىلەن يورام ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن يولغا چىقىپ زائىر شەھىرىگە ئۆتتى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرىنى قورشىۋالغان ئېدوملارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى؛ لېكىن ئاخىرىدا [يەھۇدا] لەشكەرلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى. 21
Shuning bilen Yoram hemme jeng harwiliri bilen yolgha chiqip Zair shehirige ötti. U kéchisi ornidin turup, özini we jeng harwilirining serdarlirini qorshiwalghan Édomlargha hujum qilip, ularni meghlup qildi; lékin axirida [Yehuda] leshkerliri öz öylirige qéchip ketti.
شۇنىڭ بىلەن ئېدوملار يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بۈگۈنگىچە ئازاد بولدى. ئۇ ۋاقىتتا لىبناھمۇ ئىسيان كۆتۈرۈپ ئازاد بولدى. 22
Shuning bilen Édomlar Yehudaning hökümranliqidin bügün’giche azad boldi. U waqitta Libnahmu isyan kötürüp azad boldi.
ئەمدى يورامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 23
Emdi Yoramning bashqa ishliri hem qilghanlirining hemmisi bolsa «Yehuda padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
يورام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 24
Yoram öz ata-bowiliri arisida uxlidi we «Dawutning shehiri»de ata-bowilirining yénida depne qilindi. Oghli Ahaziya uning ornida padishah boldi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 25
Israilning padishahi, Ahabning oghli Yoramning seltenitining on ikkinchi yili, Yehuda padishahi Yehoramning oghli Ahaziya Yehudagha padishah boldi.
ئاھازىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھى ئومرىنىڭ قىزى ئىدى. 26
Ahaziya padishah bolghanda yigirme ikki yashta bolup, Yérusalémda bir yil seltenet qildi. Uning anisining ismi Ataliya idi; u Israil padishahi Omrining qizi idi.
[ئاھازىيا] ئاھابنىڭ جەمەتىنىڭ يولىدا يۈرۈپ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك، خۇدانىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمجەمەت ئىدى. 27
[Ahaziya] Ahabning jemetining yolida yürüp Ahabning jemeti qilghandek, Xudaning neziride rezil bolghanni qildi; chünki u Ahabning küy’oghli bolup uninggha hemjemet idi.
ئاھابنىڭ ئوغلى يورام سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن گىلېئادتىكى راموتتا سوقۇشقاندا ئاھازىيا ئۇنىڭغا ھەمدەملىشىپ سوقۇشقا چىققانىدى. سۇرىيلەر يورامنى زەخىملەندۈردى. 28
Ahabning oghli Yoram Suriyening padishahi Hazael bilen Giléadtiki Ramotta soqushqanda Ahaziya uninggha hemdemliship soqushqa chiqqanidi. Suriyler Yoramni zeximlendürdi.
يورام پادىشاھ راماھدا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، يىزرەئەلگە يېنىپ كەلدى. ئاھابنىڭ ئوغلى يورام كېسەل بولغاچقا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى، يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگىمۇ باردى. 29
Yoram padishah Ramahda Suriye padishahi Hazael bilen soqushqanda Suriylerdin yégen zexmini dawalitish üchün, Yizreelge yénip keldi. Ahabning oghli Yoram késel bolghachqa, Yehudaning padishahi, Yehoramning oghli Ahaziya uni yoqlighili Yizreelgimu bardi.

< پادىشاھلار 2 8 >