< پادىشاھلار 2 7 >
ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە ۋە ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ، ــ دېدى. | 1 |
Then Elisha saide, Heare ye the worde of the Lord: thus saith the Lord, To morowe this time a measure of fine floure shalbe solde for a shekel, and two measures of barley for a shekel in the gate of Samaria.
ئەمما پادىشاھ بېلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان قوشۇن ئەمەلدارى بولسا، خۇدانىڭ ئادىمىگە: مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟! دېدى. ئۇ: ــ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن، دېدى. | 2 |
Then a prince, on whose hande the King leaned, answered the man of God, and saide, Though the Lord would make windowes in the heauen, could this thing come to passe? And he said, Beholde, thou shalt see it with thine eyes, but thou shalt not eate thereof.
ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ | 3 |
Nowe there were foure leprous men at the entring in of the gate: and they saide one to an other, Why sitte we here vntill we die?
شەھەرگە كىرەيلى دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولغاچقا، ئۇ يەردە ئۆلىمىز؛ بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ ئۆلىمىز. قوپۇپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا كېتەيلى. ئۇلار بىزنى ئايىسا تىرىك قالىمىز؛ بىزنى ئۆلتۈرەيلى دېسە ئۆلىمىز، خالاس، ــ دېيىشتى. | 4 |
If we say, We will enter into the citie, the famine is in the citie, and we shall die there: and if we sit here, we dye also. Nowe therefore come, and let vs fall into the campe of the Aramites: if they saue our liues, we shall liue: and if they kill vs, we are but dead.
شۇنى دەپ ئۇلار كەچقۇرۇن سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا بارغىلى قوپتى. لەشكەرگاھىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، مانا ھېچ كىشى يوق ئىدى. | 5 |
So they rose vp in the twilight, to goe to the campe of the Aramites: and when they were come to the vtmost part of the campe of the Aramites, loe, there was no man there.
چۈنكى پەرۋەردىگار سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور چوڭ قوشۇننىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقانىدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار بىر-بىرىگە: مانا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىشەك ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئۈستىمىزگە ھۇجۇم قىلغىلى ياللىۋاپتۇ، دېيىشتى؛ | 6 |
For the Lord had caused the campe of the Aramites to heare a noyse of charets and a noise of horses, and a noise of a great armie, so that they sayde one to another, Beholde, the King of Israel hath hired against vs the Kings of the Hittites, and the Kings of the Egyptians to come vpon vs.
كەچقۇرۇن قوزغىلىپ چېدىرلىرىنى، ئات بىلەن ئېشەكلىرىنى تاشلاپ لەشكەرگاھنى شۇ پېتى قويۇپ، ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەر قاچقانىدى. | 7 |
Wherefore they arose, and fled in the twilight, and left their tentes and their horses, and their asses, euen the campe as it was, and fledde for their liues.
ماخاۋ كېسىلى بار ئادەملەر لەشكەرگاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ ئۇنىڭدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە كىيىملەرنى ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. ئاندىن ئۇلار يېنىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ ئۇ يەردىكى ئولجىنىمۇ ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. | 8 |
And when these lepers came to the vtmost part of the campe, they entred into one tent, and did eate and drinke, and caryed thence siluer and golde, and raiment, and went and hid it: after they returned, and entred into another tent, and caryed thence also, and went and hid it.
ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز دۇرۇس ئەمەس. بۈگۈن قۇتلۇق خەۋەر بار كۈندۇر، لېكىن بىز تىنماي تۇرۇۋاتىمىز. سەھەرگىچە قالساق بۇ يامانلىق بېشىمىزغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بېرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەيلى، دېدى. | 9 |
Then saide one to another, We doe not well: this day is a day of good tidings, and we holde our peace. if we tary till day light, some mischiefe will come vpon vs. Nowe therefore, come, let vs goe, and tell the Kings housholde.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېرىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىكى پاسىبانلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: بىز سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا چىقساق، مانا ھېچكىم يوق ئىكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ شەپەسىمۇ يوقتۇر؛ بەلكى ئاتلار باغلاقلىق، ئېشەكلەر باغلاقلىق بولۇپ، چېدىرلار ئەينى پېتى تۇرىدۇ، دېدى. | 10 |
So they came, and called vnto the porters of the citie, and tolde them, saying, We came to the campe of the Aramites, and loe, there was no man there, neither voyce of man, but horses tyed and asses tyed: and the tents are as they were.
دەرۋازىدىكى پاسىبانلار شۇ خەۋەرنى توۋلاپ ئېلان قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا خەۋەر يەتكۈزدى. | 11 |
And the porters cryed and declared to the Kings house within.
پادىشاھ كېچىسى قوپۇپ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن سۇرىيلەرنىڭ بىزگە نېمە قىلماقچى بولغىنىنى سىلەرگە دەپ بېرەي. ئۇلار بىزنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغىنىمىزنى بىلىپ، لەشكەرگاھدىن چىقىپ دالادا مۆكۈنۈۋېلىپ: ــ ئىسرائىللار شەھەردىن چىقسا، بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرەلەيمىز، دېيىشكەن گەپ، دېدى. | 12 |
Then the King arose in the night, and saide vnto his seruants, I wil shew you now, what the Aramites haue done vnto vs. They know that we are affamished, therefore they are gone out of the campe to hide them selues in the fielde, saying, When they come out of the citie, we shall catch them aliue, and get into the citie.
خىزمەتكارلىرىدىن بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ بىرنەچچە كىشىنى شەھەردە قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ (ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بۇ يەردە قالغان ئىسرائىلنىڭ بارلىق كىشىلىرىنىڭكىدىن، ھەتتا ھالاك بولغانلارنىڭكىدىن بەتتەر بولمايدۇ!)، ئۇلارنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتەيلى، دېدى. | 13 |
And one of his seruants answered, and said, Let me take now fiue of the horses that remaine, and are left in the citie, (behold, they are euen as all the multitude of Israel that are left therein: beholde, I say, they are as the multitude of the Israelites that are consumed) and we wil send to see.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئۇلارغا قاتىدىغان ئاتلارنى تەييار قىلدى. پادىشاھ ئۇلارنى سۇرىيلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ كەينىدىن ئەۋەتىپ: ــ بېرىپ ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. | 14 |
So they tooke two charets of horses, and the King sent after the hoste of the Aramites, saying, Goe and see.
بۇلار ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئىئوردان دەرياسىغىچە قوغلاپ باردى؛ ۋە مانا، پۈتكۈل يول بويى سۇرىيلەر ئالدىراپ قاچقاندا تاشلىۋەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولغانىدى. ئەلچىلەر يېنىپ كېلىپ پادىشاھقا شۇنى خەۋەر قىلدى. | 15 |
And they went after them vnto Iorden, and loe, all the way was full of clothes and vessels which the Aramites had cast from them in their hast: and the messengers returned, and told ye King.
ئۇ ۋاقىتتا خەلق چىقىپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئولجىلارنى تالىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزىدەك، بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە، ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلدى. | 16 |
Then the people went out and spoyled the campe of the Aramites: so a measure of fine floure was at a shekel, and two measures of barley at a shekel according to the word of the Lord.
ئەمدى پادىشاھ بىلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان ھېلىقى ئەمەلدارنى دەرۋازىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەپ قويغانىدى. ئەمدى خالايىق دەرۋازىدىن [ئېتىلىپ چىققاندا] ئۇنى دەسسەپ-چەيلىۋەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. بۇ ئىش پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنى تۇتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا، دەل ئېلىشا ئېيتقاندەك بولدى. | 17 |
And the King gaue the prince (on whose hande he leaned) the charge of the gate, and the people trode vpon him in the gate, and he dyed, as the man of God had saide, which spake it, when the King came downe to him.
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقان شۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە ۋە بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ». | 18 |
And it came to passe, as the man of God had spoken to the King, saying, Two measures of barley at a shekel, and a measure of fine floure shall be at a shekel, to morowe about this time in the gate of Samaria.
ئەمما ھېلىقى ئەمەلدار خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ «مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟!» دېگەنىدى. ئۇ: ــ «سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن»، دېگەنىدى. | 19 |
But the prince had answered the man of God, and saide, Though the Lord would make windowes in the heauen, coulde it come so to passe? And he said, Behold, thou shalt see it with thine eyes, but thou shalt not eate thereof.
ئۇنىڭغا ھەم دەل شۇنداق بولدى؛ چۈنكى خەلق ئۇنى دەرۋازىدا دەسسەپ ئۆلتۈرگەنىدى. | 20 |
And so it came vnto him: for the people trode vpon him in the gate, and he dyed.