< پادىشاھلار 2 5 >
سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇن سەردارى نائامان ئۆز غوجىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ قەدىرلەندى ۋە ئىززەتلەندى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سۇرىيەگە نۇسرەتلەر بەرگەنىدى. ئۇ باتۇر جەڭچى بولغىنى بىلەن، لېكىن ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. | 1 |
И беше Неман војвода цара сирског човек велик у господара свог и у части, јер преко њега сачува Господ Сирију; али тај велики јунак беше губав.
ئەمدى سۇرىيلەر توپ-توپ بولۇپ، بۇلاڭچىلىققا چىقىپ ئىسرائىلدىن بىر كىچىك قىزنى تۇتۇپ كەلگەنىدى؛ بۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. | 2 |
А из Сирије изађе чета и зароби у земљи израиљској малу девојку, те она служаше жену Неманову.
ئۇ خانىمغا: كاشكى، مېنىڭ غوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەرنىڭ قېشىدا بولسىدى! ئۇ ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتاتتى، دېدى. | 3 |
И она рече својој госпођи: О да би мој господар отишао к пророку у Самарији! Он би га опростио од губе.
نائامان بېرىپ خوجىسىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ يۇرتىدىن بولغان كىچىك قىز مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى، دېدى. | 4 |
Тада он отиде к свом господару и јави му говорећи: Тако и тако каже девојка из земље израиљске.
سۇرىيە پادىشاھى: ياخشى! سەن بارغىن، مەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، دېدى. نائامان ئون تالانت كۈمۈش بىلەن ئالتە مىڭ شەكەل ئالتۇن ۋە ھەم ئون كىشىلىك كىيىمنى ئېلىپ ئىسرائىلغا باردى. | 5 |
А цар сирски рече му: Хајде иди, а ја ћу послати књигу цару Израиљевом. И он отиде, и понесе десет таланата сребра и шест хиљада сикала злата и десеторе стајаће хаљине.
ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بەردى. مەكتۇپتا: ــ «بۇ مەكتۇپ ساڭا يەتكەندە بىلگەيسەنكى، مەن ئۆز خىزمەتكارىم نائاماننى سېنىڭ قېشىڭغا ماڭدۇردۇم. سەن ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقايسەن»، دەپ پۈتۈلگەنىدى. | 6 |
И однесе књигу цару Израиљевом која овако говораше: Ето, кад ти дође ова књига, знај да шаљем к теби Немана, слугу свог, да га опростиш губе.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى ۋە: ــ مەن خۇدامۇ؟ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ھەم تىرىلدۈرەلەيمەنمۇ؟ نېمىشقا ئۇ كىشى: ــ بۇ ئادەمنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقىن، دەپ ھاۋالە قىلىدۇ؟ قېنى، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار، ئۇ دەرۋەقە مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى باھانە ئىزدەيدۇ، دېدى. | 7 |
А кад цар Израиљев прочита књигу, раздре хаљине своје и рече: Зар сам ја Бог да могу убити и повратити живот, те шаље к мени да опростим човека губе! Пазите и видите како тражи задевице са мном.
ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقىنىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھقا ئادەم ئەۋىتىپ: نېمىشقا ئۆز كىيىملىرىڭنى يىرتتىڭ؟ ئۇ كىشى ھازىر بۇ يەرگە كەلسۇن، ئاندىن ئۇ ئىسرائىلدا بىر پەيغەمبەر بار ئىكەن دەپ بىلىدۇ، دېدى. | 8 |
А кад чу Јелисије, човек Божји, да је цар Израиљев раздро хаљине своје, посла к цару и поручи: Зашто си раздро хаљине своје? Нека дође к мени, да позна да има пророк у Израиљу.
نائامان ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىسى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. | 9 |
И тако дође Неман с коњима и колима својим, и стаде на вратима дома Јелисијева.
ئېلىشا بىر خەۋەرچىنى ماڭدۇرۇپ نائامانغا: ــ بېرىپ ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنۇپ كەلگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئەتلىرىڭ ئەسلىگە كېلىپ پاكىز بولىسەن، دېدى. | 10 |
А Јелисије посла к њему и поручи: Иди и окупај се седам пута у Јордану, и оздравиће тело твоје, и очистићеш се.
لېكىن نائامان ئاچچىقلىنىپ يېنىپ كېلىپ: ــ مانا، ئۇ چوقۇم چىقىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ، [يارا] جاينىڭ ئۈستىدە قولىنى سىلكىپ، ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. | 11 |
Тада се расрди Неман и пође говорећи: Гле! Ја мишљах, он ће изаћи к мени, и стаће, и призваће име Господа Бога свог, и метнути руку своју на место, и очистити губу.
دەمەشقنىڭ دەريالىرى، يەنى ئابارنا بىلەن فارپار [دەرياسىنىڭ سۇلىرى] ئىسرائىلنىڭ ھەممە سۇلىرىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇلاردا يۇيۇنسام پاكىز بولمامدىم؟ ــ دېدى. ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇرۇلۇپ يولغا چىقتى. | 12 |
Нису ли Авана и Фарфар воде у Дамаску боље од свих вода израиљских? Не бих ли се могао у њима окупати и очистити? И окренувши се отиде гневан.
لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر پەيغەمبەر سىلىگە ئېغىر بىر ئىشنى تاپىلىغان بولسا، قىلماسمىدىلا؟ ئۇنداق بولغان يەردە، ئۇ سىلىگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ، پاكىز بولىسىلا، دېگەن بولسا شۇنداق قىلماملا؟ ــ دېيىشتى. | 13 |
Али слуге његове приступивши рекоше му говорећи: Оче, да ти је казао пророк шта велико, не би ли учинио? А зашто не би кад ти рече: Окупај се, па ћеш се очистити?
شۇڭا ئۇ چۈشۈپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىگە بىنائەن ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتى پاكلىنىپ، كىچىك بالىنىڭ ئېتىدەك بولۇپ ساقايدى. | 14 |
И тако сиђе, и зарони у Јордан седам пута по речима човека Божијег, и тело његово поста као у малог детета, и очисти се.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: ــ مانا ئەمدى پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئىسرائىلدىن باشقا يەردە خۇدا يوق ئىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم؛ ئەمدى ھازىر، ئۆز كەمىنەڭدىن بىر سوۋغاتنى قوبۇل قىلغىن، دېدى. | 15 |
Тада се врати к човеку Божијем са пратњом својом и дошав стаде пред њим, и рече: Ево сад видим да нема Бога нигде на земљи до у Израиљу. Него узми дар од слуге свог.
لېكىن ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھېچ نېمىنى قوبۇل قىلماسمەن، دېدى. [نائامان] تولا چىڭ تۇرۇۋالسىمۇ، ھېچ قوبۇل قىلمىدى. | 16 |
Али он рече: Тако да је жив Господ, пред којим стојим, нећу узети. И он наваљиваше на њ да узме; али он не хте.
ئاندىن نائامان مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر قوبۇل قىلمىساڭ، كەمىنەڭگە توپىدىن ئىككى قېچىر يۈك بېرىلسۇن؛ چۈنكى كەمىنەڭ بۇندىن كېيىن پەرۋەردىگاردىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈمەيدۇ. | 17 |
Тада рече Неман: Кад нећеш, а оно нека се да слузи твом ове земље колико могу понети две мазге. Јер слуга твој неће више приносити жртава паљеница ни других жртава другим боговима, него Господу.
لېكىن پەرۋەردىگار كەمىنەڭنىڭ شۇ بىر ئىشىنى كەچۈرۈم قىلغاي: غوجامنىڭ ئۆزى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا سەجدە قىلماق ئۈچۈن كىرگەندە، مېنىڭ قولۇمغا يۆلەنسە مەن رىمموننىڭ بۇتخانىسىدا تىز پۈكسەم، مۇشۇ ئامالسىز تىز پۈككىنىم ئۈچۈن پەرۋەردىگار مەن كەمىنەڭنى كەچۈرگەي، دېدى. | 18 |
А Господ нека опрости ово слузи твом: Кад господар мој уђе у дом Римонов да се поклони онде, па се прихвати за моју руку, да се и ја поклоним у дому Римоновом, нека опрости Господ слузи твом кад се тако поклоним у дому Римоновом.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ سەن ئامان-خاتىرجەملىتكە كەتكىن، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئازغىنە يول ماڭدى. | 19 |
А он му рече: Иди с миром. И он отиде од њега, и пређе једно потркалиште.
لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گەھازى كۆڭلىدە: ــ مانا، ئۇ سۇرىيەلىك نائامان ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىن غوجام ھېچنېمىنى ئالماي، ئۇنى بىكار كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئازراق بىر نەرسە ئالاي، دەپ ئويلىدى. | 20 |
Тада рече Гијезије, слуга Јелисија човека Божијег: Гле, господар мој не хте примити из руку тог Немана Сирца шта беше донео. Али тако да је жив Господ, потрчаћу за њим и узећу шта од њега.
شۇنى دەپ گەھازى نائاماننىڭ كەينىدىن باردى. نائامان بىر كىمنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 21 |
И Гијезије отрча за Неманом. А кад га виде Неман где трчи за њим, скочи с кола својих и срете га, па му рече: Је ли добро?
ئۇ: ــ تىنچلىق، ــ دېدى، ــ ئەمما غوجام مېنى ماڭدۇرۇپ: مانا ئەمدى ئەفرائىم تاغلىقىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت قېشىمغا كەلدى. بۇلارغا بىر تالانت كۈمۈش بىلەن ئىككى كىشلىك كىيىم بەرسىلە، دەپ ئېيتتى، ــ دېدى. | 22 |
А он рече: Добро је. Господар мој посла ме да ти кажем: Ево, баш сад дођоше к мени два младића из горе Јефремове, пророчки синови, дај за њих таланат сребра и двоје стајаће хаљине.
نائامان: ــ ئىككى تالانت كۈمۈشنى قوبۇل قىلغىن، دەپ ئۇنى زورلاپ ئىككى تالانت كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا چېگىپ، ئىككى كىشىلىك كىيىمنى چىقىرىپ بەردى. بۇلارنى نائامان غۇلاملىرىدىن ئىككى يىگىتكە يۈدكۈزدى؛ ئۇلار گەھازىنىڭ ئالدىدا بۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. | 23 |
А Неман рече: Узми и два таланта. И натера га; и свеза два таланта сребра у два тобоца, и двоје стајаће хаљине, и даде двојици момака својих, да носе пред њим.
ئۇ تۇرغان دۆڭگە يەتكەندە بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ ئۆيىگە تىقىپ قويدى؛ ئاندىن بۇ ئادەملەرنى كەتكۈزۈۋەتتى. | 24 |
А он кад дође на брдо, узе из руку њихових и остави у једној кући, а људе отпусти, те отидоше.
ئاندىن ئۇ غوجىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ تۇردى. ئېلىشا ئۇنىڭدىن: ــ ئى گەھازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: قۇلۇڭ ھېچيەرگە بارمىدى، ــ دېدى. | 25 |
Потом дошавши стаде пред господарем својим. А Јелисије му рече: Откле Гијезије? А он рече: Није ишао слуга твој никуда.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ مەلۇم بىر كىشى ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، كەينىگە يېنىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەندە، مېنىڭ روھىم شۇ چاغدا سېنىڭ بىلەن بىرگە بارغان ئەمەسمۇ؟ بۇ كىشىلەر كۈمۈش بىلەن كىيىم، زەيتۇن باغلىرى بىلەن ئۈزۈمزارلار، قوي بىلەن كالا، مالايلار بىلەن كېنىزەكلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتمۇ؟ | 26 |
Али му он рече: Зар срце моје није ишло онамо кад се човек врати с кола својих преда те? Зар је то било време узимати сребро и узимати хаљине, маслинике, винограде, овце, говеда, слуге и слушкиње?
لېكىن ھازىر نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىققاندا قاردەك ئاق بولۇپ قالدى. | 27 |
Зато губа Неманова нека прионе за те и за семе твоје довека. И отиде од њега губав, бео као снег.