< پادىشاھلار 2 4 >

پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن بىرىنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ئېلىشاغا پەرياد قىلىپ: سېنىڭ قۇلۇڭ بولغان مېنىڭ ئېرىم ئۆلۈپتۇ. بىلىسەنكى، سېنىڭ قۇلۇڭ پەرۋەردىگاردىن قورققان ئادەم ئىدى. ئەمدى قەرز ئىگىسى مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئالغىلى كەلدى. 1
Pǝyƣǝmbǝr xagirtliridin birining tul ⱪalƣan hotuni Elixaƣa pǝryad ⱪilip: Sening ⱪulung bolƣan mening erim ɵlüptu. Bilisǝnki, sening ⱪulung Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪⱪan adǝm idi. Əmdi ⱪǝrz igisi mening ikki oƣlumni ⱪulluⱪⱪa alƣili kǝldi.
ئېلىشا ئۇنىڭدىن: سېنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ دېگىنە، ئۆيۈڭدە نېمەڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: دېدىكىڭنىڭ ئۆيىدە كىچىك بىر كوزا مايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، ــ دېدى. 2
Elixa uningdin: Sening üqün nemǝ ⱪilay? Deginǝ, ɵyüngdǝ nemǝng bar? — dǝp soridi. U: Dedikingning ɵyidǝ kiqik bir koza maydin baxⱪa ⱨeqnǝrsǝ yoⱪ, — dedi.
ئۇ: بېرىپ ھەممە قوشنىلىرىڭدىن چۆگۈن-كوزا، يەنى بوش چۆگۈن-كوزىلارنى ئۆتنە ئالغىن، ئۇلار ئاز بولمىسۇن. 3
U: Berip ⱨǝmmǝ ⱪoxniliringdin qɵgün-koza, yǝni box qɵgün-kozilarni ɵtnǝ alƣin, ular az bolmisun.
ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ ئۆيگە كىرگىن، ئىشىكنى يېپىپ ھەممە چۆگۈن-كوزىلارغا ماي قاچىلىغىن. توشقانلىرىنى بىر چەتكە ئېلىپ قويغىن، ــ دېدى. 4
Andin ɵzüng bilǝn oƣulliring ɵygǝ kirgin, ixikni yepip ⱨǝmmǝ qɵgün-kozilarƣa may ⱪaqiliƣin. Toxⱪanlirini bir qǝtkǝ elip ⱪoyƣin, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئوغۇللىرى چۆگۈن-كوزىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ ماي قۇيدى. 5
Xuning bilǝn u u yǝrdin ayrilip oƣulliri bilǝn ɵygǝ kirip ixikni yapti. Oƣulliri qɵgün-kozilarni uning aldiƣa elip kǝlgǝndǝ, u may ⱪuydi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، چۆگۈن-كوزىلارنىڭ ھەممىسى تولغاندا ئۇ ئوغلىغا: يەنە بىر كوزا ئېلىپ كەل، دېدى. ئەمما ئوغلى: ئەمدى كوزا قالمىدى، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ماي توختاپ قالدى. 6
Wǝ xundaⱪ boldiki, qɵgün-kozilarning ⱨǝmmisi tolƣanda u oƣliƣa: Yǝnǝ bir koza elip kǝl, dedi. Əmma oƣli: Əmdi koza ⱪalmidi, dedi. U waⱪitta may tohtap ⱪaldi.
ئەمدى ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمىگە خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ: بېرىپ ماينى سېتىۋەت، قەرزىڭنى تۈگەتكىن؛ ئاندىن قالغان پۇل بىلەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ جېنىنى بېقىڭلار، دېدى. 7
Əmdi u berip Hudaning adimigǝ hǝwǝr yǝtküzdi. U: Berip mayni setiwǝt, ⱪǝrzingni tügǝtkin; andin ⱪalƣan pul bilǝn ɵzüng wǝ oƣulliringning jenini beⱪinglar, dedi.
بىر كۈنى ئېلىشا شۇنەم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار ئىدى ۋە ئۇ ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تاماققا تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقاچان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ماڭسا، ئۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ غىزالىناتتى. 8
Bir küni Elixa Xunǝm xǝⱨirigǝ bardi. U yǝrdǝ bir bay ayal bar idi wǝ u uni ɵz ɵyidǝ tamaⱪⱪa tutup ⱪaldi. Xuningdin keyin ⱨǝrⱪaqan u yǝrdin ɵtüp mangsa, u uning ɵyigǝ kirip ƣizalinatti.
بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئېرىگە: بۇ يەردىن دائىم ئۆتىدىغان كىشى خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 9
Bir küni u ɵz erigǝ: Bu yǝrdin daim ɵtidiƣan kixi Hudaning bir muⱪǝddǝs adimi ikǝnlikini bilip yǝttim.
بىز ئۆگزىدە ئۇنىڭغا بىر كىچىكرەك ئۆي سالايلى. ئۇنىڭغا ئۆيدە كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغدان تەييارلاپ بېرەيلى؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، ئۇ قاچانلا يېنىمىزغا كەلسە شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، ــ دېدى. 10
Biz ɵgzidǝ uningƣa bir kiqikrǝk ɵy salayli. Uningƣa ɵydǝ kariwat, xirǝ, orunduⱪ wǝ qiraƣdan tǝyyarlap berǝyli; wǝ xundaⱪ bolsunki, u ⱪaqanla yenimizƣa kǝlsǝ xu ɵydǝ tursun, — dedi.
ئەمدى پەيغەمبەر بىر كۈنى ئۇ يەرگە كەلگەندە، شۇ بالىخانىغا كىرىپ يېتىپ قالدى. 11
Əmdi pǝyƣǝmbǝr bir küni u yǝrgǝ kǝlgǝndǝ, xu balihaniƣa kirip yetip ⱪaldi.
ئۇ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: سەن ئۇ شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرغاندا، ئايال ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 12
U ɵz hizmǝtkari Gǝⱨaziƣa: Sǝn u Xunǝmlik ayalni qaⱪirƣin, dedi. U uni qaⱪirƣanda, ayal uning ⱪexiƣa kǝldi.
پەيغەمبەر خىزمەتكارىغا: سەن ئۇنىڭغا: «سىلى بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ مۇشۇنداق ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىلا؛ مەن سىلى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەي؟ پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەردارىغا بىرەر تەلەپلىرىنى يەتكۈزەيمۇ؟» ــ دېگىن، دېدى. ئايال بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز خەلقىم ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن، بولدى! دېدى. 13
Pǝyƣǝmbǝr hizmǝtkariƣa: Sǝn uningƣa: «Sili bizning ƣemimizni yǝp muxundaⱪ ɵzlirini kɵp awarǝ ⱪildila; mǝn sili üqün nemǝ ⱪilip berǝy? Padixaⱨⱪa yaki ⱪoxun sǝrdariƣa birǝr tǝlǝplirini yǝtküzǝymu?» — degin, dedi. Ayal buningƣa jawab berip: — Mǝn ɵz hǝlⱪim arisida yaxawatimǝn, boldi! dedi.
ئەمدى ئېلىشا گەھازىدىن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. گەھازى: ئۇنىڭ ئوغۇل بالىسى يوق ئىكەن، ۋە ئېرىمۇ قېرى ئىكەن، دېدى. 14
Əmdi Elixa Gǝⱨazidin, uningƣa nemǝ ⱪilip berix kerǝk? — dǝp soridi. Gǝⱨazi: Uning oƣul balisi yoⱪ ikǝn, wǝ erimu ⱪeri ikǝn, dedi.
ئۇ: ئۇنى چاقىرغىن، دېدى. ئايالنى چاقىرىۋىدى، ئايال ئىشىككە كېلىپ تۇردى. 15
U: Uni qaⱪirƣin, dedi. Ayalni qaⱪiriwidi, ayal ixikkǝ kelip turdi.
پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: كېلەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتا قۇچاقلىرىدا بىر ئوغۇللىرى بولىدۇ، دېدى. ئۇ: ياق، ئى غوجام! ئى خۇدانىڭ ئادىمى، دېدىكىڭگە يالغان ئېيتمىغىن، دېدى. 16
Pǝyƣǝmbǝr uningƣa: Kelǝr yili tǝhminǝn muxu waⱪitta ⱪuqaⱪlirida bir oƣulliri bolidu, dedi. U: Yaⱪ, i ƣojam! I Hudaning adimi, dedikinggǝ yalƣan eytmiƣin, dedi.
ئەمدى ئېلىشا ئۇنىڭغا دېگەندەك ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى يىلى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئوغۇل تۇغدى. 17
Əmdi Elixa uningƣa degǝndǝk u ayal ⱨamilidar bolup, ikkinqi yili bekitilgǝn waⱪitta oƣul tuƣdi.
بالا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئاتىسى بار يەرگە، ئورمىچىلارنىڭ قېشىغا چىقىپ كەتتى. 18
Bala ɵsüp qong boldi. Bir küni xundaⱪ boldiki, u atisi bar yǝrgǝ, ormiqilarning ⱪexiƣa qiⱪip kǝtti.
ئۇ ئاتىسىغا: ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم، دەپ ۋايسىدى. ئۇ خىزمەتكارىغا، ئۇنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارغىن، دېدى. 19
U atisiƣa: Way bexim, way bexim, dǝp waysidi. U hizmǝtkariƣa, uni anisining ⱪexiƣa elip barƣin, dedi.
ئۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى. بالا ئانىسىنىڭ ئېتىكىدە چۈشكىچە ئولتۇردى، ئاندىن ئۆلۈپ قالدى. 20
U uni kɵtürüp anisining yeniƣa apirip ⱪoydi. Bala anisining etikidǝ qüxkiqǝ olturdi, andin ɵlüp ⱪaldi.
ئاندىن ئانىسى چىقىپ، ئۇنى خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۆيىدىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. 21
Andin anisi qiⱪip, uni Hudaning adimining ɵyidiki kariwatⱪa yatⱪuzup ⱪoyup, ixikni yepip qiⱪip kǝtti.
ئۇ ئېرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: غۇلاملاردىن بىرىنى ماڭدۇرغىن، ئۇ بىر ئېشەكنى ئېلىپ كەلسۇن؛ مەن ئۇنى چاپتۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا دەرھال بېرىپ كېلەي، دېدى. 22
U erini qaⱪirip uningƣa: Ƣulamlardin birini mangdurƣin, u bir exǝkni elip kǝlsun; mǝn uni qapturup, Hudaning adimining ⱪexiƣa dǝrⱨal berip kelǝy, dedi.
ئېرى ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئۇنىڭ قېشىغا بۈگۈن بارىسەن؟ بۈگۈن يا يېڭى ئاي يا شابات كۈنى بولمىسا، دېدى. ئايالى ئۇنىڭغا، ھەممە ئىش تىنچلىق ــ دېدى. 23
Eri uningƣa: Nemixⱪa uning ⱪexiƣa bügün barisǝn? Bügün ya yengi ay ya xabat küni bolmisa, dedi. Ayali uningƣa, Ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪ — dedi.
ئۇ ئېشەكنى توقۇتۇپ غۇلامىغا: ئىتتىك ھەيدەپ ماڭ؛ مەن دېمىگۈچە توختىمىغىن، دېدى. 24
U exǝkni toⱪutup ƣulamiƣa: Ittik ⱨǝydǝp mang; mǝn demigüqǝ tohtimiƣin, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارمەل تېغىغا بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمى ئالدىغا كەلدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: مانا شۇنەملىك ئايال كېلىۋاتىدۇ؛ 25
Xuning bilǝn u Karmǝl teƣiƣa berip Hudaning adimi aldiƣa kǝldi. Wǝ xundaⱪ boldiki, Hudaning adimi uni yiraⱪtinla kɵrüp ɵz hizmǝtkari Gǝⱨaziƣa: Mana Xunǝmlik ayal keliwatidu;
سەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭدىن: سىلى تىنچلىقمۇ؟ ئەرلىرى تىنچلىقمۇ؟ بالىلىرى تىنچلىقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن، دېدى. ــ ھەممە ئىش تىنچلىق، دەپ ئېيتتى ئايال. 26
Sǝn uning aldiƣa yügürüp berip uningdin: Sili tinqliⱪmu? Ərliri tinqliⱪmu? Baliliri tinqliⱪmu?» — dǝp soriƣin, dedi. — Ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪ, dǝp eytti ayal.
ئەمدى تاغقا چىقىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلىدى. گەھازى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى؛ لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى: ــ ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن سۇنۇق ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ماڭا دېمەي يوشۇرۇپتۇ، دېدى. 27
Əmdi taƣⱪa qiⱪip Hudaning adimining ⱪexiƣa kǝlgǝndǝ, u uning putlirini ⱪuqaⱪlidi. Gǝⱨazi uning yeniƣa berip uni ittiriwǝtmǝkqi boldi; lekin Hudaning adimi: — Uni ɵz ihtiyariƣa ⱪoyƣin; qünki uning kɵngli intayin sunuⱪ wǝ Pǝrwǝrdigar bu ixni manga demǝy yoxuruptu, dedi.
ئايال: مەن غوجامدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ ماڭا يالغان سۆز قىلمىغىن، دەپ سەندىن ئۆتۈنمىدىممۇ؟ ــ دېدى. 28
Ayal: Mǝn ƣojamdin bir oƣul tilidimmu? Manga yalƣan sɵz ⱪilmiƣin, dǝp sǝndin ɵtünmidimmu? — dedi.
پەيغەمبەر گەھازىغا: ــ بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، مېنىڭ ھاسامنى ئېلىپ ماڭغىن. بىرسىگە ئۇچرىساڭ، ئۇنىڭغا سالام قىلمىغىن، بىرسى ساڭا سالام قىلسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن. مېنىڭ ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغىن، دېدى. 29
Pǝyƣǝmbǝr Gǝⱨaziƣa: — Belingni qing baƣlap, mening ⱨasamni elip mangƣin. Birsigǝ uqrisang, uningƣa salam ⱪilmiƣin, birsi sanga salam ⱪilsa, sǝn uningƣa jawab bǝrmigin. Mening ⱨasamni balining yüzigǝ ⱪoyƣin, dedi.
بالىنىڭ ئانىسى: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن، دېدى. ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. 30
Balining anisi: Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn wǝ sening ⱨayating bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, sǝndin ayrilmaymǝn, dedi. Elixa ornidin turup uning kǝynidin ǝgǝxti.
گەھازى ئۇلاردىن بۇرۇن بېرىپ ھاسىسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغانىدى. ئەمما ھېچ ئاۋاز ياكى تىۋىش چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىپ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بالا ئويغانمىدى، دېدى. 31
Gǝⱨazi ulardin burun berip ⱨasisini balining yüzigǝ ⱪoyƣanidi. Əmma ⱨeq awaz yaki tiwix qiⱪmidi. Xuning bilǝn u yenip Elixaning aldiƣa berip uningƣa: Bala oyƣanmidi, dedi.
ئېلىشا ئۆيگە كېلىپ قارىسا، مانا، بالا ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئۆلۈك ياتاتتى. 32
Elixa ɵygǝ kelip ⱪarisa, mana, bala uning kariwitida ɵlük yatatti.
ئۇ بالا بىلەن ئۆزىنى ئايرىم قالدۇرۇپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 33
U bala bilǝn ɵzini ayrim ⱪaldurup, ixikni yepiwetip Pǝrwǝrdigarƣa dua ⱪildi.
ئاندىن ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى قويۇپ ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا، كۆزلىرنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، قوللىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا يېقىپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى. 34
Andin u kariwatⱪa qiⱪip balining üstigǝ ɵzini ⱪoyup aƣzini uning aƣziƣa, kɵzlirni uning kɵzlirigǝ, ⱪollirini uning ⱪolliriƣa yeⱪip yatti. Xuning bilǝn balining bǝdini issixⱪa baxlidi.
ئۇ چۈشۈپ ئۆيدە ئۇ ياق-بۇ ياققا مېڭىپ ئاندىن يەنە كارىۋاتقا چىقىپ يەنە بالىنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. ئۇ ۋاقىتتا بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى، ئاندىن كۆزلىرىنى ئاچتى. 35
U qüxüp ɵydǝ u yaⱪ-bu yaⱪⱪa mengip andin yǝnǝ kariwatⱪa qiⱪip yǝnǝ balining üstigǝ egildi. U waⱪitta bala yǝttǝ ⱪetim qüxkürdi, andin kɵzlirini aqti.
پەيغەمبەر گەھازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرىپ قويدى. ئۇ ئېلىشانىڭ يېنىغا كەلگەندە. ئۇ ئۇنىڭغا: ئوغۇللىرىنى كۆتۈرۈپ ئالسىلا، دېدى. 36
Pǝyƣǝmbǝr Gǝⱨazini qaⱪirip uningƣa: Xunǝmlik ayalni qaⱪirƣin, dedi. U uni qaⱪirip ⱪoydi. U Elixaning yeniƣa kǝlgǝndǝ. U uningƣa: Oƣullirini kɵtürüp alsila, dedi.
ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا يىقىلىپ دۈم ياتتى، بېشى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز ئوغلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. 37
U ɵyigǝ kiripla uning ayiƣi aldiƣa yiⱪilip düm yatti, bexi yǝrgǝ tǝgküdǝk tǝzim ⱪildi. Andin ɵz oƣlini kɵtürüp qiⱪip kǝtti.
ئېلىشا گىلگالغا يېنىپ باردى. شۇ چاغدا يۇرتتا ئاچارچىلىق بولغانىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئۆز خىزمەتكارىغا: سەن چوڭ قازاننى ئېسىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىغا شورپا پىشۇرۇپ بەرگىن، دېدى. 38
Elixa Gilgalƣa yenip bardi. Xu qaƣda yurtta aqarqiliⱪ bolƣanidi. Pǝyƣǝmbǝrlǝrning xagirtliri Elixaning yenida olturƣanda u ɵz hizmǝtkariƣa: Sǝn qong ⱪazanni esip pǝyƣǝmbǝrlǝrning xagirtliriƣa xorpa pixurup bǝrgin, dedi.
ئۇلاردىن بىرسى ئوتياش تەرگىلى دالاغا چىقىپ ياۋا قاپاق پېلىكىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ياۋا قاپاق ئۈزۈپ ئېتىكىنى تولدۇرۇپ كېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 39
Ulardin birsi otyax tǝrgili dalaƣa qiⱪip yawa ⱪapaⱪ pelikini tepip, uningdin yawa ⱪapaⱪ üzüp etikini toldurup kelip, toƣrap ⱪazanƣa saldi; qünki ular bularning ziyanliⱪ ikǝnlikini bilmǝytti.
ئاندىن ئۇلار يەڭلار دەپ ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەردى. لېكىن ئۇلار تاماقنى يېگىلى باشلىغاندا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، قازاندا ئۆلۈم بار، دەپ ۋارقىراشتى. ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېيەلمىدى. 40
Andin ular yǝnglar dǝp adǝmlǝrgǝ usup bǝrdi. Lekin ular tamaⱪni yegili baxliƣanda: I Hudaning adimi, ⱪazanda ɵlüm bar, dǝp warⱪiraxti. Ⱨeqkim uningdin yeyǝlmidi.
ئېلىشا: ئازراققىنە ئۇن ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇ شۇنى قازانغا تاشلاپ: خەلققە ئۇسۇپ بەرگىن، يېسۇن، دېدى. ۋە مانا، قازاندا ھېچ زەھەر قالمىدى. 41
Elixa: Azraⱪⱪinǝ un elip kelinglar, dedi. U xuni ⱪazanƣa taxlap: Hǝlⱪⱪǝ usup bǝrgin, yesun, dedi. Wǝ mana, ⱪazanda ⱨeq zǝⱨǝr ⱪalmidi.
ئەمدى بائال-شالىشاھدىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە ئارپا ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسىدىن ئاش-نان، يەنى يىگىرمە ئارپا ناننى ۋە بىر خالتا كۆك باشنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇ: خەلققە يېگىلى ئالدىغا قويغىن، دېدى. 42
Əmdi Baal-Xalixaⱨdin bir adǝm kelip, Hudaning adimigǝ arpa ⱨosulining tunji mewisidin ax-nan, yǝni yigirmǝ arpa nanni wǝ bir halta kɵk baxni elip keliwidi, u: Hǝlⱪⱪǝ yegili aldiƣa ⱪoyƣin, dedi.
ئۇنىڭ خىزمەتكارى: شۇنى بىر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا قانداق قويالايمەن؟ دېدى. ئېلىشا: خەلققە يېگىلى بەرگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار يەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالىدۇ، دېدى. 43
Uning hizmǝtkari: Xuni bir yüz adǝmning aldida ⱪandaⱪ ⱪoyalaymǝn? dedi. Elixa: Hǝlⱪⱪǝ yegili bǝrgin; qünki Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: Ular yǝydu wǝ uningdin exip ⱪalidu, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويدى؛ ئۇلار يېدى ۋە دەل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالدى. 44
Xuning bilǝn u xuni ularning aldida ⱪoydi; ular yedi wǝ dǝl Pǝrwǝrdigarning deginidǝk, uningdin exip ⱪaldi.

< پادىشاھلار 2 4 >