< پادىشاھلار 2 3 >
يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى، ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. | 1 |
In the eighteenth year of Jehoshaphat’s reign over Judah, Jehoram son of Ahab became king of Israel, and he reigned in Samaria twelve years.
ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئاتىسى بىلەن ئانىسى قىلغان دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان «بائال تۈۋرۈكى»نى ئېلىپ تاشلىدى. | 2 |
And he did evil in the sight of the LORD, but not as his father and mother had done. He removed the sacred pillar of Baal that his father had made.
لېكىن ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچ يانمىدى. | 3 |
Nevertheless, he clung to the sins that Jeroboam son of Nebat had caused Israel to commit; he did not turn away from them.
موئابنىڭ پادىشاھى مېشا ناھايىتى چوڭ قويچى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز مىڭ قوزا ھەم يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان قىلاتتى. | 4 |
Now Mesha king of Moab was a sheep breeder, and he would render to the king of Israel a hundred thousand lambs and the wool of a hundred thousand rams.
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئاھاب ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن موئابنىڭ پادىشاھى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز ئۆرۈدى. | 5 |
But after the death of Ahab, the king of Moab rebelled against the king of Israel.
ئۇ ۋاقىتتا يەھورام پادىشاھ سامارىيەدىن چىقىپ ھەممە ئىسرائىلنى [جەڭ ئۈچۈن] ئېدىتلىدى. | 6 |
So at that time King Jehoram set out from Samaria and mobilized all Israel.
ئۇ يەنە ئادەم ئەۋىتىپ يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا خەۋەر بېرىپ: موئابنىڭ پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرىدى؛ موئاب بىلەن سوقۇشقىلى چىقامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: چىقىمەن؛ بىزدە مېنىڭ-سېنىڭ دەيدىغان گەپ يوقتۇر، مېنىڭ خەلقىم سېنىڭ خەلقىڭدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سېنىڭ ئاتلىرىڭدۇر، دېدى. | 7 |
And he sent a message to Jehoshaphat king of Judah: “The king of Moab has rebelled against me. Will you go with me to fight against Moab?” “I will go,” replied Jehoshaphat. “I am like you, my people are your people, and my horses are your horses.”
ئۇ يەنە: قايسى يول بىلەن چىقايلى، دەپ سورىدى. يەھورام: بىز ئېدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى، دەپ جاۋاب بەردى. | 8 |
Then he asked, “Which way shall we go up?” “By way of the Desert of Edom,” replied Joram.
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا قوشۇلۇپ ماڭدى. ئۇلار يەتتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇن ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئات-ئۇلاغلارغا سۇ قالمىدى. | 9 |
So the king of Israel, the king of Judah, and the king of Edom set out, and after they had traveled a roundabout route for seven days, they had no water for their army or for their animals.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئاپلا! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ، بىر يەرگە جەم قىلغان ئوخشايدۇ، دېدى. | 10 |
“Alas,” said the king of Israel, “for the LORD has summoned these three kings to deliver them into the hand of Moab!”
لېكىن يەھوشافات: پەرۋەردىگاردىن يول سورىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ چاكارلىرىدىن بىرى: ئىلىياسنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرگەن شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا بۇ يەردە بار، دېدى. | 11 |
But Jehoshaphat asked, “Is there no prophet of the LORD here? Let us inquire of the LORD through him.” And one of the servants of the king of Israel answered, “Elisha son of Shaphat is here. He used to pour water on the hands of Elijah.”
يەھوشافات: پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭدا بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ باردى. | 12 |
Jehoshaphat affirmed, “The word of the LORD is with him.” So the king of Israel and Jehoshaphat and the king of Edom went down to him.
ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ مېنىڭ سېنىڭ بىلەن نېمە كارىم! ئۆز ئاتاڭنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئاناڭنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قېشىغا بارغىن، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئۇنداق دېمىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن جەم قىلغان ئوخشايدۇ، ــ دېدى. | 13 |
Elisha, however, said to the king of Israel, “What have we to do with each other? Go to the prophets of your father and of your mother!” “No,” replied the king of Israel, “for it is the LORD who has summoned these three kings to deliver them into the hand of Moab.”
ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولسام، سېنى كۆزگە ئىلمىغان ياكى ساڭا قارىمىغان بولاتتىم. | 14 |
Then Elisha said, “As surely as the LORD of Hosts lives, before whom I stand, were it not for my regard for the presence of Jehoshaphat king of Judah, I would not look at you or acknowledge you.
لېكىن ئەمدى بېرىپ بىر سازچىنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. سازچى ساز چالغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. | 15 |
But now, bring me a harpist.” And while the harpist played, the hand of the LORD came upon Elisha
ئۇ: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «بۇ ۋادىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورا كولاڭلار» دېدى، ــ دېدى ئاندىن يەنە: | 16 |
and he said, “This is what the LORD says: ‘Dig this valley full of ditches.’
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يا شامال يا يامغۇر كۆرمىسەڭلارمۇ، بۇ ۋادى سۇغا تولۇپ، ئۆزۈڭلار بىلەن ئات-ئۇلاغلىرىڭلار ھەممىسى سۇ ئىچىسىلەر». | 17 |
For the LORD says, ‘You will not see wind or rain, but the valley will be filled with water, and you will drink—you and your cattle and your animals.’
لېكىن بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە كىچىك ئىش بولۇپ، ئۇ موئابنىمۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرىدۇ. | 18 |
This is a simple matter in the sight of the LORD, and He will also deliver the Moabites into your hand.
سىلەر بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە بارلىق ئېسىل شەھەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، ھەممە بۇلاقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تاشلار بىلەن قاپلاپ خاراب قىلىسىلەر» ــ دېدى. | 19 |
And you shall attack every fortified city and every city of importance. You shall cut down every good tree, stop up every spring, and ruin every good field with stones.”
ۋە ئەتىسى ئەتىگەنلىك قۇربانلىق سۇنۇلغان ۋاقتىدا، مانا، سۇ ئېدوم زېمىنى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، ھەممە يەرنى سۇغا توشقۇزدى. | 20 |
The next morning, at the time of the morning sacrifice, water suddenly flowed from the direction of Edom and filled the land.
ئەمما موئابلارنىڭ ھەممىسى: پادىشاھلار بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان بولۇپ، ساۋۇت-قالقان كۆتۈرەلىگۈدەك چوڭ-كىچىك ھەممىسى چېگرادا تىزىلىپ سەپتە تۇردى. | 21 |
Now all the Moabites had heard that the kings had come up to fight against them. So all who could bear arms, young and old, were summoned and stationed at the border.
ئۇلار ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ قارىسا، كۈن نۇرى ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۇ ئۈستىگە چۈشكەنىدى؛ كۈننىڭ شولىسىدا سۇ ئۇلارغا قاندەك كۆرۈندى. ئۇلار: ــ | 22 |
When they got up early in the morning, the sun was shining on the water, and it looked as red as blood to the Moabites across the way.
بۇ قان ئىكەن! پادىشاھلار ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى قىرغان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! دەرھال ئولجىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بۆلىشىۋالايلى! دېدى. | 23 |
“This is blood!” they exclaimed. “The kings have clashed swords and slaughtered one another. Now to the plunder, Moab!”
لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يەتكەندە، ئىسرائىللار ئورنىدىن قوپۇپ موئابلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار بەدەر قاچتى. ئىسرائىللار ئۇلارنى سۈرۈپ-توقاي قىلىۋەتتى. | 24 |
But when the Moabites came to the camp of Israel, the Israelites rose up and attacked them, and they fled before them. So the Israelites invaded their land and struck down the Moabites.
ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، ھەربىر ئادەم تاش ئېلىپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تولدۇرۇۋەتكۈچە تاش تاشلىدى. ئۇلار ھەممە بۇلاق-قۇدۇقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە ياخشى دەرەخلەرنى كېسىۋەتتى. ئۇلار كىر-ھارەسەت شەھىرىدىكى تاشلاردىن باشقا ھېچ نېمىنى قالدۇرمىدى. شۇ شەھەرگە بولسا، سالغا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا چۆرگىلەپ ھۇجۇم قىلدى. | 25 |
They destroyed the cities, and each man threw stones on every good field until it was covered. They stopped up every spring and cut down every good tree. Only Kir-haraseth was left with stones in place, but men with slings surrounded it and attacked it as well.
موئابنىڭ پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە زىيادە قاتتىق كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆزى بىلەن يەتتە يۈز قىلىچۋازنى ئېلىپ ئېدومنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئاتلاندى؛ لېكىن ئۇلار بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. | 26 |
When the king of Moab saw that the battle was too fierce for him, he took with him seven hundred swordsmen to break through to the king of Edom, but they could not prevail.
شۇنىڭ بىلەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى تۇنجى ئوغلىنى ئېلىپ، سېپىلنىڭ تۆپىسىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق قەھرىگە ئۇچرىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ پادىشاھ موئاب پادىشاھتىن ئايرىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز يۇرتىغا كېتىشتى. | 27 |
So he took his firstborn son, who was to succeed him, and offered him as a burnt offering on the city wall. And there was great fury against the Israelites, so they withdrew and returned to their own land.