< پادىشاھلار 2 25 >
ئاندىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ھەمدە ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى. | 1 |
La neuvième année de son règne, le dixième jour du mois, Nebucadnetsar, roi de Babylone, vint, lui et toute son armée, contre Jérusalem, et il campa devant elle; il construisit des forts tout autour.
شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى. | 2 |
La ville fut ainsi assiégée jusqu'à la onzième année du roi Sédécias.
شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى. | 3 |
Le neuvième jour du quatrième mois, la famine sévit dans la ville, de sorte qu'il n'y eut pas de pain pour le peuple du pays.
شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەريېنىدا تۇراتتى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى. | 4 |
Alors une brèche fut ouverte dans la ville, et tous les hommes de guerre s'enfuirent de nuit par le chemin de la porte entre les deux murs, qui était près du jardin du roi (les Chaldéens étaient maintenant contre la ville tout autour); et le roi s'en alla par le chemin de la plaine.
لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى. | 5 |
Mais l'armée chaldéenne poursuivit le roi et l'atteignit dans les plaines de Jéricho, et toute son armée fut dispersée devant lui.
ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇلار شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردى. | 6 |
Puis ils capturèrent le roi et le firent monter vers le roi de Babylone, à Ribla, et ils le jugèrent.
[بابىل پادىشاھى] زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، بابىلغا ئېلىپ باردى. | 7 |
Ils tuèrent sous ses yeux les fils de Sédécias, puis ils crevèrent les yeux de Sédécias, le lièrent de chaînes et le transportèrent à Babylone.
ۋە بەشىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارى، پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. | 8 |
Au cinquième mois, le septième jour du mois, qui était la dix-neuvième année du roi Nebucadnetsar, roi de Babylone, Nebuzaradan, chef des gardes, serviteur du roi de Babylone, vint à Jérusalem.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. | 9 |
Il brûla la maison de Yahvé, la maison du roi et toutes les maisons de Jérusalem. Il brûla au feu toutes les grandes maisons.
ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى. | 10 |
Toute l'armée des Chaldéens, qui était avec le chef des gardes, abattit les murs d'enceinte de Jérusalem.
پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. | 11 |
Nebuzaradan, chef des gardes, emmena en captivité le reste du peuple qui était resté dans la ville et ceux qui s'étaient rendus au roi de Babylone - tout le reste de la multitude.
لېكىن پاسىبان بېگى زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. | 12 |
Mais le chef des gardes laissa quelques-uns des plus pauvres du pays pour travailler les vignes et les champs.
كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. | 13 |
Les Chaldéens brisèrent les colonnes d'airain qui étaient dans la maison de l'Éternel, les socles et la mer d'airain qui étaient dans la maison de l'Éternel, et ils emportèrent les morceaux d'airain à Babylone.
ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛ | 14 |
Ils emportèrent les marmites, les pelles, les éteignoirs, les cuillères et tous les ustensiles d'airain avec lesquels on faisait le service.
خۇشبۇيدانلار ۋە قاچىلارنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى. | 15 |
Le chef des gardes emporta les poêles à feu, les bassins, ce qui était d'or, pour l'or, et ce qui était d'argent, pour l'argent.
ۋە سۇلايمان [پادىشاھ] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»نى، شۇنداقلا داس تەگلىكلىرىنى ئېلىپ كەتتى؛ بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. | 16 |
Les deux colonnes, la mer unique et les bases, que Salomon avait faites pour la maison de Yahvé, le bronze de tous ces ustensiles ne fut pas pesé.
بىرىنچى تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاجى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى. | 17 |
La hauteur de l'une des colonnes était de dix-huit coudées, et il y avait sur elle un chapiteau d'airain. La hauteur du chapiteau était de trois coudées, avec un réseau et des grenades sur le chapiteau tout autour, le tout en bronze; et le second pilier avec son réseau était semblable à ceux-ci.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. | 18 |
Le chef des gardes prit Seraja, le souverain sacrificateur, Sophonie, le second sacrificateur, et les trois gardiens du seuil;
ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن بەشىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى. | 19 |
et il prit dans la ville un officier préposé aux hommes de guerre, cinq hommes de ceux qui avaient vu le visage du roi et qui se trouvaient dans la ville, le scribe, le chef de l'armée qui rassemblait le peuple du pays, et soixante hommes du peuple du pays qui se trouvaient dans la ville.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى. | 20 |
Nebuzaradan, chef des gardes, les prit et les amena au roi de Babylone, à Ribla.
بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. | 21 |
Le roi de Babylone les attaqua et les fit mourir à Ribla, dans le pays de Hamath. Et Juda fut emmené captif hors de son pays.
يەھۇدا زېمىنىدا قالغان كىشىلەرنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار قالدۇرغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇ ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى تەيىنلىدى. | 22 |
Quant au peuple qui était resté dans le pays de Juda et que Nebucadnetsar, roi de Babylone, avait laissé, il établit comme gouverneur Guedalia, fils d'Ahikam, fils de Shaphan.
دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى؛ شۇنىڭ بىلەن [بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن] مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلار بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، نەتوفاتلىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە مائاكات جەمەتىدىن بىرسىنىڭ ئوغلى جائازانىيا ئىدى. | 23 |
Lorsque tous les chefs des troupes, eux et leurs hommes, apprirent que le roi de Babylone avait établi Guedalia comme gouverneur, ils se rendirent auprès de Guedalia à Mitspa, Ismaël, fils de Nethania, Johanan, fils de Karéa, Seraia, fils de Tanhumeth, le Netophathien, et Jaazania, fils du Maacathien, eux et leurs hommes.
گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ» دەپ قەسەم قىلدى. | 24 |
Guedaliah leur jura, ainsi qu'à leurs hommes, et leur dit: « N'ayez pas peur à cause des serviteurs des Chaldéens. Demeurez dans le pays et servez le roi de Babylone, et tout ira bien pour vous. »
ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ كېلىپ، گەدالىيانى ھەم مىزپاھدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان يەھۇدىيلار ۋە كالدىيلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. | 25 |
Mais au septième mois, Ismaël, fils de Nethania, fils d'Elishama, de la race royale, vint, avec dix hommes, et frappa Guedalia, qui mourut, avec les Juifs et les Chaldéens qui étaient avec lui à Mitspa.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن، ۋە لەشكەر باشلىقلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ مىسىرغا كىردى؛ چۈنكى ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى. | 26 |
Tout le peuple, petits et grands, et les chefs des troupes se levèrent et allèrent en Égypte, car ils avaient peur des Chaldéens.
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى مۇنۇ ئىش يۈز بەردى؛ ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛ | 27 |
La trente-septième année de la captivité de Jojakin, roi de Juda, le vingt-septième jour du douzième mois, Evilmérodac, roi de Babylone, l'année où il avait commencé à régner, fit sortir de prison Jojakin, roi de Juda,
ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆزى بىلەن بىرگە بابىلدا تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛ | 28 |
lui parla avec bienveillance, plaça son trône au-dessus du trône des rois qui étaient avec lui à Babylone,
شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى. | 29 |
et changea ses vêtements de prison. Jehoïachin mangea du pain devant lui continuellement tous les jours de sa vie;
ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، [بابىل] پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇنىڭغا ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان. | 30 |
et pour sa pension, le roi lui donna continuellement une pension, chaque jour une portion, tous les jours de sa vie.