< پادىشاھلار 2 24 >
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار [يەھۇداغا] ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى؛ يەھوئاكىم ئۇنىڭغا ئۈچ يىلغىچە بېقىندى بولدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن تېنىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى. | 1 |
In his days came up Nebuchadnezzar the king of Babylon, and Jehoyakim became his servant for three years: and then he returned and rebelled against him.
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا كالدىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، سۇرىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، موئابىيلار بۇلاڭچىلار شايكىسى، ۋە ئاممونىيلار بۇلاڭچىلار شايكىلىرىنى قوزغىدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەھۇدانى ھالاك قىلىش ئۈچۈن قوزغىدى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھ قىلغان سۆز-كالامىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. | 2 |
And the Lord sent against him predatory bands of the Chaldeans, and predatory bands of the Syrians, and predatory bands of the Moabites, and predatory bands of the children of 'Ammon, and sent them against Judah to destroy it, according to the word of the Lord, which he had spoken by means of his servants the prophets.
دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ماناسسەھنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدانى ئۆز كۆزلىرىدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى. | 3 |
But only at the order of the Lord came this upon Judah, to remove the same out of his sight, for the sins of Menasseh, in accordance with all that he had done;
چۈنكى [ماناسسەھنىڭ] ناھەق قان تۆكۈپ، يېرۇسالېمنى ناھەق قانلار بىلەن تولدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار [يەھۇدالارنى] ئەپۇ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. | 4 |
And also for the innocent blood that he had shed; for he had filled Jerusalem with innocent blood; wherefore the Lord would not pardon.
يەھوئاكىمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 5 |
Now the rest of the acts of Jehoyakim, and all that he did, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Judah.
يەھوئاكىم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخىلدى؛ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 6 |
And Jehoyakim slept with his fathers: and Jehoyachin his son became king in his stead.
مىسىرنىڭ پادىشاھى بولسا ئۆز يۇرتىدىن ئىككىنچى چىقمىدى. چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى «مىسىر ئېقىنى»دىن تارتىپ ئەفرات دەرياسىغىچە بولغان مىسىر پادىشاھىغا تەۋە زېمىننى تارتىۋالغانىدى. | 7 |
And the king of Egypt came no more again out of his land; for the king of Babylon had taken from the brook of Egypt unto the river Euphrates all that had pertained to the king of Egypt.
يەھوئاكىن پادىشاھ بولغاندا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نەھۇشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى ئىدى. | 8 |
Eighteen years old was Jehoyachin when he became king, and three months did he reign in Jerusalem. And his mother's name was Nechushta, the daughter of Elnathan of Jerusalem.
يەھوئاكىن ئاتىسىنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. | 9 |
And he did what is evil in the eyes of the Lord, all just as that his father had done.
بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ سەردارلىرى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغىلى چىقىپ، شەھەرنى قامال قىلدى. | 10 |
At that time the servants of Nebuchadnezzar the king of Babylon came up against Jerusalem, and the city was put in a state of siege.
ئۇنىڭ سەردارلىرى شەھەرنى قامال قىلىپ تۇرغاندا نېبوقادنەسار ئۆزىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقتى. | 11 |
And Nebuchadnezzar the king of Babylon came against the city, while his servants were besieging it.
ئاندىن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىن بىلەن ئانىسى، بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئاغۋاتلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا تەن بەردى. شۇنداق قىلىپ بابىلنىڭ پادىشاھى ئۆز سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلىدا ئۇنى ئەسىر قىلىپ تۇتتى. | 12 |
And Jehoyachin the king of Judah went out to the king of Babylon, he, and his mother, and his servants, and his princes, and his court-officers: and the king of Babylon took him [captive] in the eighth year of his reign.
نېبوقادنەسار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەزىنىلەر بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەرنى ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار ئاگاھ بەرگىنىدەك، ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ياساتقان ھەممە ئالتۇن قاچا-ئەسۋابلارنى كېسىپ سۆكتى. | 13 |
And he carried out thence all the treasures of the house of the Lord, and the treasures of the king's house, and cut in pieces all the vessels of gold which Solomon the king of Israel had made in the temple of the Lord, as the Lord had spoken.
يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئاھالىسىنى، جۈملىدىن ھەممە ئەمەلدارلار، ھەممە باتۇر پالۋانلار، جەمئىي بولۇپ ئون مىڭ ئەسىرنى ۋە بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنىمۇ ئېلىپ كەتتى؛ يۇرتتىكى خەلقتىن ئەڭ نامراتلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. | 14 |
And he led away as exiles all Jerusalem, and all the princes, and all the mighty men of valor, ten thousand exiles, and all the craftsmen and locksmiths: there was none left, save the poorest sort of the people of the land.
ئۇ يەھوئاكىننى بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ ئاغۋاتلىرى ۋە يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ باردى. | 15 |
And he led away Jehoyachin as exile to Babylon; and the king's mother, and the king's wives, and his court-officers, and the mighty men of the land, he led into exile from Jerusalem to Babylon.
ئۇ باتۇر-پالۋانلارنىڭ ھەممىسىنى (يەتتە مىڭ ئىدى)، ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنى (جەمئىي بىر مىڭ ئىدى) ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگىۋار ئادەملەر بولۇپ، بابىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. | 16 |
And all the men of might, seven thousand [in number], and the craftsmen and the locksmiths a thousand [in number], all strong men, apt for war; and the king of Babylon brought them into exile to Babylon.
ئاندىن بابىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ تاغىسى ماتتانىيانى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى زەدەكىياغا ئۆزگەرتتى. | 17 |
And the king of Babylon made Mattanyah his uncle king in his stead, and changed his name to Zedekiah.
زەدەكىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى. | 18 |
Twenty and one years old was Zedekiah when he became king, and eleven years did he reign in Jerusalem. And his mother's name was Chamutal, the daughter of Jeremiah of Libnah.
زەدەكىيا يەھوئاكىمنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. | 19 |
And he did what is evil in the eyes of the Lord, all just as Jehoyakim had done.
پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ ئاۋۋال، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى. | 20 |
For through the anger of the Lord it occurred in Jerusalem and Judah, until he had cast them out from his presence, that Zedekiah rebelled against the king of Babylon.