< پادىشاھلار 2 23 >
پادىشاھ ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى ئۆز قېشىغا چاقىرتىپ كەلدى. | 1 |
Padishah ademlerni ewetip, Yehuda bilen Yérusalémning hemme aqsaqallirini öz qéshigha chaqirtip keldi.
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن پەيغەمبەرلەر، يەنى بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. | 2 |
Padishah Perwerdigarning öyige chiqti; barliq Yehudadiki er kishiler we Yérusalémda turuwatqanlarning hemmisi, kahinlar bilen peyghemberler, yeni barliq xelq, eng kichikidin tartip chongighiche hemmisi uning bilen bille chiqti. Andin u Perwerdigarning öyide tépilghan ehde kitabining hemme sözlirini ulargha oqup berdi.
پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئەھدىگە ئۆزىنى باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. | 3 |
Padishah tüwrükning yénida turup Perwerdigarning aldida: — Perwerdigargha egiship pütün qelbim we pütkül jénim bilen Uning emrlirini, höküm-guwahliqliri we belgilimilirini tutup, ushbu kitabta pütülgen ehdige emel qilimen dep ehdige özini baghlidi. Shuning bilen xelqning hemmisimu ehde aldida turup uninggha özini baghlidi.
ئاندىن كېيىن پادىشاھ باش كاھىن ھىلقىيا بىلەن ئورۇن باسار كاھىنلارغا ۋە ھەم دەرۋازىۋەنلەرگە: ــ بائالغا، ئاشەراھ بۇتىغا ۋە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدى؛ ئۇ بۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا، كىدرون ئېتىزلىقىدا كۆيدۈردى ۋە كۈللىرىنى بەيت-ئەلگە ئېلىپ باردى. | 4 |
Andin kéyin padishah bash kahin Hilqiya bilen orun basar kahinlargha we hem derwaziwenlerge: — Baalgha, Asherah butigha we asmanning barliq qoshunigha atap yasalghan barliq eswab-üskünilerni Perwerdigarning öyidin chiqiriwétinglar, dep emr qildi; u bularni Yérusalémning sirtida, Kidron étizliqida köydürdi we küllirini Beyt-Elge élip bardi.
ئۇ يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياندۇرۇشقا تىكلىگەن بۇت كاھىنلىرىنى، شۇنىڭدەك بائالغا، قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە ھەمدە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى ئىشتىن ھەيدىۋەتتى. | 5 |
U Yehuda padishahlirining Yehuda sheherliridiki «yuqiri jaylar»da hemde Yérusalémning etrapliridiki «yuqiri jaylar»da xushbuy yandurushqa tikligen but kahinlirini, shuningdek Baalgha, quyashqa, aygha, yultuz türkümlirige hemde asmanning barliq qoshunigha xushbuy yaqquchilarni ishtin heydiwetti.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ئاشەراھ بۇتنى ئېلىپ چىقىپ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ بېرىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ شۇ يەردە كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىپ، توپىسىنى ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە چېچىۋەتتى. | 6 |
U Perwerdigarning öyidin Asherah butni élip chiqip Yérusalémning sirtigha élip bérip, Kidron jilghisigha apirip shu yerde köydürüp kukum-talqan qilip ézip, topisini addiy puqralarning qebriliri üstige chéchiwetti.
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە جايلاشقان بەچچىۋازلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى چېقىپ غۇلاتتى؛ بۇ ئۆيلەردە يەنە ئاياللار ئاشەراھ بۇتقا چېدىر توقۇيتتى. | 7 |
Andin u Perwerdigarning öyige jaylashqan bechchiwazlarning turalghulirini chéqip ghulatti; bu öylerde yene ayallar Asherah butqa chédir toquytti.
ئۇ يەھۇدا شەھەرلىرىدىن بارلىق كاھىنلارنى چاقىرتىپ، ئۆزىگە يىغدى. ئاندىن ئۇ گەبادىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە كاھىنلار خۇشبۇي ياقىدىغان «يۇقىرى جايلار»نى بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ «دەرۋازىلاردىكى يۇقىرى جايلار»نى چېقىپ بۇزدى؛ بۇلار «شەھەر باشلىقى يەشۇئانىڭ قۇۋىقى»نىڭ يېنىدا، يەنى شەھەر قۇۋىقىغا كىرىش يولىنىڭ سول تەرىپىدە ئىدى | 8 |
U Yehuda sheherliridin barliq kahinlarni chaqirtip, özige yighdi. Andin u Gebadin tartip Beer-Shébaghiche kahinlar xushbuy yaqidighan «yuqiri jaylar»ni buzup bulghiwetti; u «derwazilardiki yuqiri jaylar»ni chéqip buzdi; bular «Sheher bashliqi Yeshuaning quwiqi»ning yénida, yeni sheher quwiqigha kirish yolining sol teripide idi
(ئەمدى «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنىڭ يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا چىقىشى چەكلەنگەنىدى؛ لېكىن ئۇلار داۋاملىق ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە پىتىر نانلاردىن يېيىشىگە مۇيەسسەر ئىدى). | 9 |
(emdi «yuqiri jaylar»diki kahinlarning Yérusalémda Perwerdigarning qurban’gahigha chiqishi cheklen’genidi; lékin ular dawamliq öz qérindashliri bilen birge pitir nanlardin yéyishige muyesser idi).
يوسىيا ھېچكىم ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى مولەككە ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزمىسۇن دەپ، ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىمۇ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. | 10 |
Yosiya héchkim öz oghli yaki qizini Molekke atap ottin ötküzmisun dep, Hinnomning oghlining jilghisidiki Tofetnimu buzup bulghiwetti.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان يولنىڭ ئېغىزىدا يەھۇدا پادىشاھلىرى قۇياشقا تەقدىم قىلىپ قويغان ئاتلارنى شۇ يەردىن يۆتكەپ، «قۇياش ھارۋىلىرى»نى ئوتتا كۆيدۈردى (ئۇلار [ئىبادەتخانىنىڭ] ھويلىلىرىغا جايلاشقان، ناتان-مەلەك دېگەن ئاغۋاتنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇراتتى). | 11 |
Perwerdigarning öyige kiridighan yolning éghizida Yehuda padishahliri quyashqa teqdim qilip qoyghan atlarni shu yerdin yötkep, «quyash harwiliri»ni otta köydürdi (ular [ibadetxanining] hoylilirigha jaylashqan, Natan-Melek dégen aghwatning öyining yénida turatti).
پادىشاھ يەنە يەھۇدا پادىشاھلىرى ئاھازنىڭ بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سالدۇرغان قۇربانگاھلارنى ۋە ماناسسەھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىغا ياساتقان قۇربانگاھلارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ توپىسىنى ئۇ يەردىن ئېلىپ، كىدرون جىلغىسىغا چېچىۋەتتى. | 12 |
Padishah yene Yehuda padishahliri Ahazning balixanisining ögziside saldurghan qurban’gahlarni we Manasseh Perwerdigarning öyining ikki hoylisigha yasatqan qurban’gahlarni chéqip kukum-talqan qiliwetti; u ularning topisini u yerdin élip, Kidron jilghisigha chéchiwetti.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مەشرىق تەرىپىگە ۋە «ھالاك تېغى»نىڭ جەنۇبىغا زىدونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى ئاشتاروت، موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى كېموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى مىلكومغا ئاتاپ ياساتقان «يۇقىرى جايلار»نىمۇ پادىشاھ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. | 13 |
Israilning padishahi Sulayman Yérusalémning meshriq teripige we «Halak téghi»ning jenubigha Zidoniylarning yirginchlik buti Ashtarot, Moabiylarning yirginchlik buti Kémosh we Ammonlarning yirginchlik buti Milkomgha atap yasatqan «yuqiri jaylar»nimu padishah buzup bulghiwetti.
ئۇ بۇت تۈۋرۈكلەرنى پارچىلاپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ يىقىتىپ، ئۇلار تۇرغان يەرلەرنى ئادەم سۆڭەكلىرى بىلەن تولدۇردى. | 14 |
U but tüwrüklerni parchilap, Asherah butlirini késip yiqitip, ular turghan yerlerni adem söngekliri bilen toldurdi.
ئۇ يەنە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام بەيت-ئەلدە سالدۇرغان قۇربانگاھ بىلەن «يۇقىرى جاي»نى، ئۇلارنى بۇزۇپ چاقتى، ئاندىن كېيىن «يۇقىرى جاي»نى كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، ئاشەراھ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. | 15 |
U yene Israilni gunahqa putlashturghan, Nibatning oghli Yeroboam Beyt-Elde saldurghan qurban’gah bilen «yuqiri jay»ni, ularni buzup chaqti, andin kéyin «yuqiri jay»ni köydürüp kukum-talqan qiliwetti, Asherah butinimu köydürüwetti.
يوسىيا بۇرۇلۇپ قاراپ، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆرۈپ، ئادەم ئەۋەتىپ قەبرىلەردىكى سۆڭەكلەرنى كولاپ چىقىرىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى، شۇ يول بىلەن ئۇنى بۇلغىۋەتتى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزۈپ، دەل ئۇلارنى ئالدىنئالا بېشارەت قىلىپ جاكارلىغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. | 16 |
Yosiya burulup qarap, taghdiki qebrilerni körüp, adem ewetip qebrilerdiki söngeklerni kolap chiqirip, qurban’gah üstide köydürdi, shu yol bilen uni bulghiwetti. Bu ishlar Perwerdigarning kalamini yetküzüp, del ularni aldin’ala bésharet qilip jakarlighan Xudaning adimining sözining emelge ashurulushi idi.
ئاندىن يوسىيا: كۆز ئالدىمدىكى بۇ قەبرە تېشى كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەھەردىكىلەر ئۇنىڭغا: بۇ يەھۇدادىن كەلگەن، سىلىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھنى بۇزغان مۇشۇ ئىشلىرىنى بېشارەت قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قەبرىسى ئىكەن، دېدى. | 17 |
Andin Yosiya: Köz aldimdiki bu qebre téshi kimning? — dep soridi. Sheherdikiler uninggha: Bu Yehudadin kelgen, silining Beyt-Eldiki qurban’gahni buzghan mushu ishlirini bésharet qilghan Xudaning adimining qebrisi iken, dédi.
يوسىيا: ــ ئۇنى قويۇڭلار، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى مىدىرلاتمىسۇن، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن سامارىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ سۆڭەكلىرىگە ھېچكىمنى تەگكۈزمىدى. | 18 |
Yosiya: — Uni qoyunglar, héchkim uning söngeklirini midirlatmisun, dep buyrudi. Shuning bilen ular uning söngekliri bilen Samariyedin kelgen peyghemberning söngeklirige héchkimni tegküzmidi.
ئاندىن يوسىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ياساتقان «يۇقىرى جايلار»دىكى بارلىق ئۆيلەرنى چاقتى؛ ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئەلدە قىلغاندەك قىلىپ، يوقاتتى. | 19 |
Andin Yosiya Israilning padishahliri Perwerdigarning ghezipini qozghighan, Samariyening sheherliride yasatqan «yuqiri jaylar»diki barliq öylerni chaqti; u ularni Beyt-Elde qilghandek qilip, yoqatti.
ئۇ ئۇ يەرلەردىكى «يۇقىرى جايلار»غا خاس بولغان ھەممە كاھىنلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈردى؛ ئۇ ئاخىردا يېرۇسالېمغا يېنىپ باردى. | 20 |
U u yerlerdiki «yuqiri jaylar»gha xas bolghan hemme kahinlarni qurban’gahning üstide öltürüp, qurbanliq qildi, andin ularning üstige adem söngeklirini köydürdi; u axirda Yérusalémgha yénip bardi.
پادىشاھ بارلىق خەلققە يارلىق چۈشۈرۈپ: ــ بۇ ئەھدە كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ بۇيرۇدى. | 21 |
Padishah barliq xelqqe yarliq chüshürüp: — Bu ehde kitabida pütülgendek, Xudayinglar Perwerdigargha «ötüp kétish héyti»ni ötküzünglar, dep buyrudi.
«باتۇر ھاكىملار» ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردىن تارتىپ، نە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا نە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا ئۇنداق بىر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ | 22 |
«Batur hakimlar» Israilning üstidin höküm sürgen künlerdin tartip, ne Israil padishahlirining waqitlirida ne Yehuda padishahlirining waqitlirida undaq bir «ötüp kétish héyti» ötküzülüp baqmighanidi;
يوسىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلدى. | 23 |
Yosiya padishahning seltenitining on sekkizinchi yilida, Perwerdigargha atap bu «ötüp kétish héyti» Yérusalémda ötküzüldi.
شۇنىڭدەك يوسىيا يەھۇدا يۇرتىدا ۋە يېرۇسالېمدا پەيدا بولغان جىنكەشلەر ۋە پالچىلارنى، تەرافىم مەبۇدلىرى، ھەرقانداق بۇتلار ۋە بارلىق باشقا لەنەتلىك نەرسىلەرنى زېمىندىن يوقاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ مەقسىتى، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن تاپقان كىتابتا خاتىرىلەنگەن تەۋراتتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. | 24 |
Shuningdek Yosiya Yehuda yurtida we Yérusalémda peyda bolghan jinkeshler we palchilarni, terafim mebudliri, herqandaq butlar we barliq bashqa lenetlik nersilerni zémindin yoqatti. Uning shundaq qilishining meqsiti, Hilqiya kahin Perwerdigarning öyidin tapqan kitabta xatirilen’gen Tewrattiki sözlerge emel qilishtin ibaret idi.
ئۇنىڭدەك مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا ئىنتىلىپ پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرسى بولۇپ باقمىدى. | 25 |
Uningdek Musagha chüshürülgen qanun’gha intilip pütün qelbi, pütün jéni we pütün küchi bilen Perwerdigargha qaytip, özini béghishlighan bir padishah uningdin ilgiri bolmighanidi we uningdin kéyinmu uninggha oxshash birsi bolup baqmidi.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى ماناسسەھنىڭ ئۆزىنى رەنجىتكەن بارلىق رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇداغا تۇتاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىددەتلىك غەزىپىدىن يانمىدى. | 26 |
Lékin Perwerdigarning achchiqi Manassehning Özini renjitken barliq rezillikliri tüpeylidin Yehudagha tutashqandin kéyin, Özining shiddetlik ghezipidin yanmidi.
پەرۋەردىگار: ــ ئىسرائىلنى تاشلىغاندەك يەھۇدانىمۇ ئۆز كۆزۈمدىن نېرى قىلىمەن ۋە ئۆزۈم تاللىغان بۇ شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە مەن: ــ «مېنىڭ نامىم شۇ يەردە بولىدۇ» دېگەن شۇ ئىبادەتخانىنى تەرك قىلىمەن، دېدى. | 27 |
Perwerdigar: — Israilni tashlighandek Yehudanimu Öz közümdin néri qilimen we Özüm tallighan bu sheher Yérusalémni we Men: — «Méning namim shu yerde bolidu» dégen shu ibadetxanini terk qilimen, dédi.
يوسىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 28 |
Yosiyaning bashqa emelliri hem qilghanlirining hemmisi «Yehuda padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن-نەكو ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلغىلى ئەفرات دەرياسىغا باردى. ئۇ چاغدا يوسىيا پادىشاھ پىرەۋن بىلەن سوقۇشۇشقا چىقتى؛ لېكىن پىرەۋن ئۇنى كۆرۈپ مەگىددودا ئۇنى ئۆلتۈردى. | 29 |
Uning künliride Misirning padishahi Pirewn-Neko Asuriyening padishahigha hujum qilghili Efrat deryasigha bardi. U chaghda Yosiya padishah Pirewn bilen soqushushqa chiqti; lékin Pirewn uni körüp Megiddoda uni öltürdi.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ مەگىددودىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. يۇرت خەلقى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى مەسىھ قىلىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى. | 30 |
Xizmetkarliri uning ölükini jeng harwisigha sélip Megiddodin Yérusalémgha élip kélip, uni öz qebriside depne qildi. Yurt xelqi Yosiyaning oghli Yehoahazni mesih qilip, atisining ornida padishah qildi.
يەھوئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئۈچ ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامۇتال ئىدى؛ ئۇ لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. | 31 |
Yehoahaz padishah bolghanda yigirme üch yashta bolup, üch ay Yérusalémda seltenet qildi. Uning anisining ismi Hamutal idi; u Libnahliq Yeremiyaning qizi idi.
يەھوئاھاز بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. | 32 |
Yehoahaz bowiliri barliq qilghanliridek, Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qildi.
ئەمدى پىرەۋن-نەكو ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى خامات يۇرتىدىكى رىبلاھدا سولاپ قويدى ۋە [يەھۇدا] زېمىنىغا يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن بىر تالانت ئالتۇن سېلىق چۈشۈردى. | 33 |
Emdi Pirewn-Neko uning Yérusalémda seltenet qilmasliqi üchün, uni Xamat yurtidiki Riblahda solap qoydi we [Yehuda] zéminigha yüz talant kümüsh bilen bir talant altun séliq chüshürdi.
ئاندىن پىرەۋن-نەكو يوسىيانىڭ ئوغلى ئېلىئاكىمنى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھوئاھازنى ئۆزى بىلەن مىسىرغا ئېلىپ كەتتى؛ يەھوئاھاز مىسىرغا كېلىپ شۇ يەردە ئۆلدى. | 34 |
Andin Pirewn-Neko Yosiyaning oghli Éliakimni atisining ornida padishah qilip, ismini Yehoakimgha özgertti. U Yehoahazni özi bilen Misirgha élip ketti; Yehoahaz Misirgha kélip shu yerde öldi.
يەھوئاكىم كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى پىرەۋنگە بەردى؛ لېكىن پىرەۋننىڭ شۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن يۇرتقا ھەربىر ئادەمنىڭ چامىغا قاراپ باج-ئالۋان قويغانىدى؛ ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئۇ يۇرتنىڭ خەلقىدىن، ھەربىرىگە سالغان ئۆلچەم بويىچە پىرەۋن-نەكوغا بېرىشكە يىغقانىدى. | 35 |
Yehoakim kümüsh bilen altunni Pirewn’ge berdi; lékin Pirewnning shu buyruqini ijra qilip pulni tapshurush üchün yurtqa herbir ademning chamigha qarap baj-alwan qoyghanidi; altun we kümüshni u yurtning xelqidin, herbirige salghan ölchem boyiche Pirewn-Nekogha bérishke yighqanidi.
يەھوئاكىم پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىداھ ئىدى؛ ئۇ رۇماھلىق پەدئايانىڭ قىزى ئىدى. | 36 |
Yehoakim padishah bolghanda yigirme besh yashta bolup, on bir yil Yérusalémda seltenet qildi. Uning anisining ismi Zibidah idi; u Rumahliq Pedayaning qizi idi.
يەھوئاكىم بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. | 37 |
Yehoakim bowiliri barliq qilghanliridek Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qilatti.