< پادىشاھلار 2 22 >
يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەدىداھ ئىدى؛ ئۇ بوزكاتلىق ئادايانىڭ قىزى ئىدى. | 1 |
Сын осми лет бе Иосиа, егда нача царствовати, и тридесять едино лето царствова во Иерусалиме. Имя же матери его Иедида, дщи Едеева, от Васурофа.
يوسىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق يولىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. | 2 |
И сотвори правое пред очима Господнима, и хождаше во всех путех Давида отца своего, не совратися ни на десно, ни на шуее.
پادىشاھ يوسىيا سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پادىشاھ مەشۇللامنىڭ نەۋرىسى، ئازالىيانىڭ ئوغلى كاتىپ شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ: | 3 |
И бысть во осмоенадесять лето царства Иосиина, в седмый месяц, посла царь Сафана, сына Езелиина, сына Месолламля, книгочию дому Господня, глаголя:
«باش كاھىن ھىلقىيانىڭ قېشىغا چىقىپ شۇنى بۇيرۇغىنكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگەن، دەرۋازىۋەنلەر خەلقتىن يىغقان پۇلنى سانىسۇن. | 4 |
взыди к Хелкии жерцу великому и запечатлей сребро внесеное в дом Господень, еже собраша стрегущии врат от людий,
ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. بۇلار ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بۇزۇلغان يەرلەرنى ئوڭشاشقا ئۆيدە ئىشلىگۈچىلەرگە، يەنى ياغاچچىلار، تامچىلار ۋە تاشتىراشلارغا بەرسۇن. ئۇلار مۇشۇ پۇل بىلەن ئۆينى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋالسۇن، دېگىن» ــ دېدى. | 5 |
и да дадут е в руки творящих дела приставником в храме Господни: да дадят е творящым дела в дому Господни, еже подкрепляти разселины храма,
древоделем и каменосечцем и покупающым древа и камение тесаное на утверждение разселин храма.
لېكىن ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ ھېسابى قىلىنمىدى. چۈنكى ئۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. | 7 |
Обаче не сочисляху их о сребре даемем им, яко верно тии творяху.
باش كاھىن ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بىر تەۋرات كىتابىنى تاپتىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. ئۇ ئۇنى ئوقۇدى. | 8 |
И рече Хелкиа жрец великий ко Сафану книгочию: книгу закона (Божия) обретох в дому Господни. И даде Хелкиа книгу Сафану, и прочте ю.
ئاندىن كېيىن كاتىپ شافان پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىپ: ــ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇلنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش بېشىلىرىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى، دېدى. | 9 |
И вниде в дом Господень и царю Иосии, и возвести царю слово и рече: слияша раби твои сребро обретшееся в дому Господни, и даша е приставницы в руки творящым дела в храме Господни.
ئاندىن كاتىپ شافان پادىشاھقا: ھىلقىيا ماڭا بىر كىتابنى بەردى، دېدى. ئاندىن شافان پادىشاھقا ئۇنى ئوقۇپ بەردى. | 10 |
И рече Сафан книгочия к царю, глаголя книгу закона даде ми Хелкиа жрец. И прочте ю Сафан пред царем.
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات كىتابىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. | 11 |
И бысть яко услыша царь словеса книги законныя, и раздра ризы своя,
پادىشاھ ھىلقىيا كاھىن بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ | 12 |
и заповеда царь Хелкии жрецу и Ахикаму сыну Сафаню, и Аховору сыну Михеину и Сафану книгочию и Асаию рабу цареву, глаголя:
بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە خەلق ئۈچۈن، يەنى پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇنىڭدىكى بىزلەرگە پۈتۈلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قۇلاق سالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قوزغالغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك، دېدى. | 13 |
приидите, испросите Господа о мне и о всех людех и о всем Иуде, и о словесех книги обретшияся сея, яко велик гнев Господень разжженый на нас, понеже не послушаша отцы наши словес книги сея, еже творити по всем написанным на ны.
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا كاھىن، ئاھىكام، ئاكبور، شافان ۋە ئاسايالار خارخاسنىڭ نەۋرىسى، تىكۋاھنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇ يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. | 14 |
И иде Хелкиа жрец и Ахикам, и Аховор и Сафан и Асаиас ко Олдаме пророчице, жене Селима сына Фекуева, сына Араса ризохранителя: и сия живяше во Иерусалиме в масене: и глаголаша к ней по сему.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ | 15 |
И рече им: сице глаголет Господь Бог Израилев: рцыте мужеви пославшему вы ко мне:
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئوقۇغان كىتابنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. | 16 |
тако глаголет Господь: се, Аз наведу злая на место сие и на живущыя в нем, вся словеса книжная, яже прочте царь Иудин:
چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە قاراپ ياندى ھەم ئۆچۈرۈلمەيدۇ. | 17 |
понеже оставиша Мя и кадяху богом другим, яко да прогневают Мя делесы рук своих, и разжжется ярость Моя на место сие и не угаснет:
لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا شۇنداق دەڭلار: سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ | 18 |
и ко царю Иудину пославшему вас вопросити Господа, сице рцыте ему: тако глаголет Господь Бог Израилев: словеса, яже слышал еси,
چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنىڭ ۋەيرانە ۋە لەنەتكە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلىپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 19 |
за сия, яко умягчися сердце твое и смирился еси пред лицем Господним, услышав елика глаголах на место сие и на живущыя в нем, еже быти в погубление и в проклятие, и раздрал еси ризы твоя, и плакался предо Мною, и Аз убо услышах, глаголет Господь:
بۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. | 20 |
сего ради Аз приложу тя ко отцем твоим, и соберешися во гроб твой в мире, и не узриши очима твоима всех злых, яже Аз имам навести на место сие и на живущыя в нем.