< پادىشاھلار 2 21 >
ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەفزىباھ ئىدى. | 1 |
Manasseh was twelue yeere olde when he began to reigne, and reigned fiftie and fiue yeere in Ierusalem: his mothers name also was Hephzi-bah.
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. | 2 |
And he did euill in the sight of the Lord after the abomination of the heathen, whom the Lord had cast out before the children of Israel.
ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا بۇزۇپ يوقاتقان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائالغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھاب قىلغاندەك بىر ئاشەراھ مەبۇد ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. | 3 |
For he went backe and built the hie places, which Hezekiah his father had destroyed: and he erected vp altars for Baal, and made a groue, as did Ahab King of Israel, and worshipped all the hoste of heauen and serued them.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: مەن يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىمنى قويىمەن، دېگەنىدى. | 4 |
Also he built altars in the house of the Lord, of the which the Lord saide, In Ierusalem will I put my Name.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. | 5 |
And he built altars for al the hoste of ye heauen in the two courtes of the house of the Lord.
ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك بىلەن پالچىلىق ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. | 6 |
And he caused his sonnes to passe through the fire, and gaue him selfe to witchcraft and sorcerie, and he vsed them that had familiar spirits and were soothsayers, and did much euill in the sight of the Lord to anger him.
ئۇ ياساتقان «ئاشەراھ» ئويما مەبۇدنى [خۇدانىڭ] ئۆيىگە قويدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛ | 7 |
And he set the image of the groue, that he had made, in the house, whereof ye Lord had saide to Dauid and to Salomon his sonne, In this house and in Ierusalem, which I haue chosen out of all the tribes of Israel, will I put my Name for euer.
ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى ئۆز قۇلۇم مۇسا ئۇلارغا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقسىم قىلغان بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن»، دېگەنىدى. | 8 |
Neither will I make the feete of Israel, mooue any more out of the lande, which I gaue their fathers: so that they will obserue and doe all that I haue commanded them, and according to all the Lawe that my seruant Moses commanded them.
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمايتتى؛ شۇڭلاشقىمۇ، ماناسسەھ ئۇلارنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەردىن ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى. | 9 |
Yet they obeyed not, but Manasseh ledde them out of the way, to doe more wickedly then did the heathen people, whom the Lord destroyed before the children of Israel.
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇنداق دېدى: ــ | 10 |
Therefore the Lord spake by his seruants the Prophets, saying,
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ماناسسەھ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورىيلار قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن زىيادە رەزىللىك قىلىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن يەھۇدانىمۇ گۇناھقا ئازدۇرغىنى ئۈچۈن | 11 |
Because that Manasseh King of Iudah hath done such abominations, and hath wrought more wickedly then al that the Amorites (which were before him) did, and hath made Iudah sinne also with his idoles,
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، يېرۇسالېم بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە شۇنداق بالايىئاپەت كەلتۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. | 12 |
Therefore thus saith the Lord God of Israel, Beholde, I will bring an euill vpon Ierusalem and Iudah, that who so heareth of it, both his eares shall tingle.
مەن سامارىيەنى ئۆلچىگەن تانا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىنى تەكشۈرگەن تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن يېرۇسالېمنى تەكشۈرتىمەن؛ كىشى قاچىنى چايقاپ سۈرتكەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك، يېرۇسالېمنى چايقاپ ئۆرۈيمەن. | 13 |
And I will stretch ouer Ierusalem the line of Samaria, and the plommet of the house of Ahab: and I will wipe Ierusalem, as a man wipeth a dish, which he wipeth, and turneth it vpside downe.
مەن مىراسىمنىڭ قالغانلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلارنى ھەممە دۈشمەنلىرىگە بۇلاڭ-تالاڭ ئوبيېكتى ۋە ئولجا قىلىپ بېرىمەن؛ | 14 |
And I will forsake the remnant of mine inheritance, and deliuer them into the hande of their enemies, and they shalbe robbed and spoyled of all their aduersaries,
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى». | 15 |
Because they haue done euil in my sight, and haue prouoked mee to anger, since the time their fathers came out of Egypt vntill this day.
ماناسسەھ ئەمدى پۈتكۈل يېرۇسالېمنى بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە قانغا تولدۇرۇپ، كۆپ ناھەق قان تۆككۈزدى ۋە ئوخشاشلا ئۆزى قىلىۋاتقان گۇناھى بىلەن يەھۇدالارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى رەزىللىكنى قىلىشىغا سەۋەب بولدى. | 16 |
Moreouer Manasseh shed innocent blood exceeding much, till hee replenished Ierusalem from corner to corner, beside his sinne wherwith he made Iudah to sinne, and to doe euill in the sight of the Lord.
ماناسسەھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇ سادىر قىلغان گۇناھ «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 17 |
Concerning the rest of the actes of Manasseh, and all that hee did, and his sinne that he sinned, are they not written in the booke of the Chronicles of the Kings of Iudah?
ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئۆز ئۆيىنىڭ بېغىدا، يەنى ئۇززاھنىڭ بېغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى ئامون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 18 |
And Manasseh slept with his fathers, and was buried in the garden of his own house, euen in the garden of Vzza: and Amon his sonne reigned in his steade.
ئامون پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەشۇللەمەت ئىدى؛ ئۇ يوتباھلىق ھارۇزنىڭ قىزى ئىدى. | 19 |
Amon was two and twentie yere olde, when he began to reigne, and hee reygned two yeere in Ierusalem: his mothers name also was Meshullemeth the daughter of Haruz of Iotbah.
ئامون ئاتىسى ماناسسەھ قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. | 20 |
And he did euill in the sight of the Lord, as his father Manasseh did.
ئۇ ئاتىسى ماڭغان بارلىق يوللاردا ماڭاتتى؛ ئۇ ئاتىسى قۇللۇقىدا بولغان بۇتلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، | 21 |
For hee walked in all the way that his father walked in, and serued the idoles that his father serued, and worshipped them.
پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا يۈرمەي، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تەرك قىلدى. | 22 |
And he forsooke the Lord God of his fathers, and walked not in the way of the Lord.
ئەمدى ئاموننىڭ خىزمەتكارلىرى پادىشاھنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈردى. | 23 |
And the seruantes of Amon conspired against him, and slewe the King in his owne house.
لېكىن يۇرت خەلقى ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى. | 24 |
And the people of the land slewe all them that had conspired against King Amon, and the people made Iosiah his sonne King in his steade.
ئاموننىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 25 |
Concerning the rest of the actes of Amon, which he did, are they not written in the booke of the Chronicles of the Kings of Iudah?
ئۇ ئۇززاھنىڭ بېغىدا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوسىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 26 |
And they buried him in his sepulchre in the garden of Vzza: and Iosiah his sonne reigned in his steade.