< پادىشاھلار 2 20 >
شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن» ــ دېدى. | 1 |
Ved den Tid blev Ezekias dødssyg. Da kom Profeten Esajas, Amoz's Søn, til ham og sagde: "Så siger HERREN: Beskik dit Hus, thi du skal dø og ikke leve!"
[ھەزەكىيا] بولسا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ | 2 |
Da vendte han Ansigtet om mod Væggen og bad således til HERREN:
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. | 3 |
"Ak, HERRE, kom dog i Hu, hvorledes jeg har vandret for dit Åsyn i Oprigtighed og med helt Hjerte og gjort, hvad der er godt i dine Øjne!" Og Ezekias græd højt.
يەشايا چىقىپ ئوردىدىكى ئوتتۇرا ھويلىغا يەتمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 4 |
Men Esajas var endnu ikke ude af den mellemste Forgård, før HERRENs Ord kom til ham således:
يېنىپ بېرىپ خەلقىمنىڭ باشلامچىسى ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، مەن سېنى ساقايتىمەن. ئۈچىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىسەن. | 5 |
"Vend tilbage og sig til Ezekias, mit Folks Fyrste: Så siger HERREN, din Fader Davids Gud: Jeg har hørt din Bøn, jeg har set dine Tårer! Se, jeg vil helbrede dig; i Overmorgen kan du gå op i HERRENs Hus;
كۈنلىرىڭگە مەن يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغدايمەن. | 6 |
og jeg vil lægge femten År til dit Liv og udfri dig og denne By af Assyrerkongens Hånd og værne om denne By for min og min Tjener Davids Skyld!"
(يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، يارىسىغا چاپلىۋىدى، ئۇ ساقايدى. | 7 |
Derpå sagde Esajas: "Kom med et Figenplaster!" Og da de kom med Plasteret og lagde det på det syge Sted, blev han rask.
ھەزەكىيا يەشايادىن: پەرۋەردىگار مېنى ساقايتىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغانغا قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى. | 8 |
Men Ezekias sagde til Esajas: "Hvad er Tegnet på, at HERREN vil helbrede mig, så jeg i Overmorgen kan gå op i HERRENs Hus?"
يەشايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن شۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، سەن قۇياشنىڭ پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ياكى ئون باسقۇچ كەينىگە يېنىشىنى خالامسەن؟ ــ دېدى. | 9 |
Da svarede Esajas: "Dette skal være dig Tegnet fra HERREN på, at HERREN vil udføre, hvad han har sagt: Skal Skyggen gå ti Streger frem eller ti Streger tilbage?"
ھەزەكىيا: قۇياش سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ئاسان؛ سايە ئون باشقۇچ كەينىگە يانسۇن، دېگەنىدى. | 10 |
Ezekias sagde: "Skyggen kan let strække sig ti Streger frem nej, lad den gå ti Streger tilbage!"
شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى ۋە ئۇ قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي باسقۇچىلىرى ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ياندۇرۇپ، ئون باسقۇچ كەينىگە ماڭدۇردى). | 11 |
Da råbte Profeten Esajas til HERREN; og han lod Skyggen på Akaz's Solur gå ti Streger tilbage.
شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان، ھەزەكىيانى كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، خەتلەر ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى. | 12 |
Ved den Tid sendte Bal'adans Søn, Kong Merodak-Bal'adan af Babel, Brev og Gave til Ezekias, da han hørte, at Ezekias havde været syg.
ھەزەكىيا بولسا ئەلچىلەرنىڭ گېپىنى تىڭشاپ، ئۇلارغا بارلىق خەزىنە-ئامبارلىرىنى، كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللار ئامبىرىدىكى ھەممىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئوردىسى ۋە پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. | 13 |
Og Ezekias glædede sig over deres Komme og viste dem hele Huset, hvor han havde sine Skatte, Sølvet og Guldet, Røgelsestofferne, den fine Olie, hele sit Våbenoplag og alt, hvad der var i hans Skatkamre; der var ikke den Ting i hans Hus og hele hans Rige, som Ezekias ikke viste dem.
ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن» دېدى. | 14 |
Da kom Profeten Esajas til Kong Ezekias og sagde til ham: "Hvad sagde disse Mænd, og hvorfra kom de til dig?" Ezekias svarede: "De kom fra et fjernt Land, fra Babel!"
يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن مەن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى. | 15 |
Da spurgte han: "Hvad fik de at se i dit Hus?" Ezekias svarede: "Alf, hvad der er i mit Hus, så de; der er ikke den Ting i mine Skatkamre, jeg ikke viste dem!"
يەشايا ھەزەكىياغا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ | 16 |
Da sagde Esajas til Ezekias: "Hør HERRENs Ord!
ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 17 |
Se, Dage skal komme, da alt, hvad der er i dit Hus, og hvad dine Fædre har samlet indtil denne Dag, skal bringes til Babel og intet lades tilbage, siger HERREN!
ــ ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ. | 18 |
Og af dine Sønner, der nedstammer fra dig, og som du avler, skal nogle tages og gøres til Hofmænd i Babels Konges Palads!"
ھەزەكىيا ئەمدى ئۆز-ئۆزىگە «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولمامدۇ؟»، دەپ يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى. | 19 |
Men Ezekias sagde til Esajas: "Det Ord fra HERREN, du har kundgjort, er godt!" Thi han tænkte: "Så bliver der da Fred og Tryghed, så længe jeg lever!"
ھەزەكىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ شەھەرگە سۇ تەمىنلەش ئۈچۈن كۆل، شۇنداقلا سۇ ئاپىرىدىغان نور ياسىغانلىقى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 20 |
Hvad der ellers er at fortælle om Ezekias og hans Heltegerninger, og hvorledes han anlagde Vanddammen og Vandledningen og ledede Vandet ind i Byen, står jo optegnet i Judas Kongers Krønike.
ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئوغلى ماناسسەھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 21 |
Så lagde Ezekias sig til Hvile hos sine Fædre; og hans Søn Manasse blev Konge i hans Sted.