< پادىشاھلار 2 2 >
پەرۋەردىگار ئىلىياسنى قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرمەكچى بولغان ۋاقىتتا ئىلىياس بىلەن ئېلىشا گىلگالدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى. | 1 |
Stalo se potom, když měl již vzíti Hospodin Eliáše u vichru do nebe, že vyšel Eliáš s Elizeem z Galgala.
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى بەيت-ئەلگە ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەيت-ئەلگە چۈشۈپ كەلدى. | 2 |
I řekl Eliáš Elizeovi: Medle, poseď tuto, nebo Hospodin poslal mne až do Bethel. Jemuž řekl Elizeus: Živť jest Hospodin, a živať jest duše tvá, žeť se tebe nespustím. I přišli do Bethel.
ئۇ ۋاقىتتا بەيت-ئەلدىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى. | 3 |
Tedy vyšli synové proročtí, kteříž byli v Bethel, k Elizeovi a řekli jemu: Víš-liž, že dnes Hospodin vezme pána tvého od tebe? Kterýž odpověděl: A já vím, mlčte.
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى يېرىخوغا ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى يېرىخوغا باردى. | 4 |
Opět řekl jemu Eliáš: Elizee, medle poseď tuto, nebo Hospodin poslal mne do Jericha. Kterýž odpověděl: Živť jest Hospodin, a živať jest duše tvá, žeť se tebe nespustím. I přišli do Jericha.
ئۇ ۋاقىتتا يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى. | 5 |
Přistoupivše pak synové proročtí, kteříž byli v Jerichu, k Elizeovi, řekli jemu: Víš-liž, že dnes vezme Hospodin pána tvého od tebe? I řekl: A já vím, mlčte.
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ماڭغۇزدى، دېدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى مېڭىۋەردى. | 6 |
Řekl mu ještě Eliáš: Poseď medle tuto, nebo Hospodin poslal mne k Jordánu. Kterýž odpověděl: Živť jest Hospodin, a živať jest duše tvá, žeť se tebe nespustím. Šli tedy oba.
ئەمدى پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن ئەللىك كىشى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا يىراقتىن قاراپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا توختاپ تۇردى. | 7 |
Padesáte pak mužů z synů prorockých šli, a postavili se naproti zdaleka, ale oni oba zastavili se u Jordánu.
ئىلىياس يېپىنچىسىنى قاتلاپ، ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ئۇرىۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇردى؛ ئۇلار ئىككىسى قۇرۇق يولدىن ئۆتتى. | 8 |
A vzav Eliáš plášť svůj, svinul jej a udeřil na vodu. I rozdělila se sem i tam, tak že přešli oba po suše.
ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئىلىياس ئېلىشاغا: مەن سەندىن ئايرىلماستا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەندىن نېمە تىلىكىڭ بولسا، دەۋەرگىن، دېدى. ئېلىشا: سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرغان روھنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئۈستۈمگە قونسۇن، ــ دېدى. | 9 |
V tom když přešli, řekl Eliáš Elizeovi: Žádej sobě, co chceš, prvé než vzat budu od tebe. I řekl Elizeus: Nechť jest, prosím, dvojnásobní díl ducha tvého na mně.
ئۇ: بۇ تىلىكىڭگە ئېرىشمەك قىيىندۇر؛ مەن سەندىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋاقتىمدا، مېنى كۆرۈپ تۇرساڭ، ساڭا شۇنداق بېرىلىدۇ؛ بولمىسا، بېرىلمەيدۇ، ــ دېدى. | 10 |
Jemuž řekl: Nesnadnés věci požádal, a však jestliže uzříš mne, když budu vzat od tebe, staneť se tak; pakli nic, nestane se.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ ماڭغاندا، مانا، ئوتلۇق بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئوتلۇق ئاتلار نامايان بولدى؛ ئۇلار ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى ۋە ئىلىياس قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. | 11 |
Takž stalo se, že když předce jdouce, rozmlouvali, aj, vůz ohnivý a koni ohniví rozdělili je na různo. I vstoupil Eliáš u vichru do nebe.
ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. | 12 |
To vida Elizeus, volal: Otče můj, otče můj! Vozové Izraelští i jezdci jeho! A neviděl ho více. Potom uchopiv roucho své, roztrhl je na dva kusy.
ئاندىن ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۇچىسىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسىنى يەردىن ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا قايتىپ كەلدى. | 13 |
A zdvih plášť Eliášův, kterýž byl spadl s něho, navrátil se a stál na břehu Jordánském.
ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسى بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: «ئىلىياسنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار نەدىدۇر؟»، دېدى. ئېلىشا سۇنى شۇنداق ئۇرغاندا سۇ ئىككىگە بۆلۈندى؛ ئېلىشا سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى. | 14 |
Tedy vzav plášť Eliášův, kterýž byl spadl s něho, udeřil na vodu a řekl: Kdež jest Hospodin Bůh Eliášův i on sám? A udeřil, pravím, na vodu, kteráž rozstoupila se sem i tam. I přešel Elizeus.
يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى قارشى قىرغاقتا تۇرۇپ ئۇنى كۆردى ۋە: «ئىلىياسنىڭ روھى ئېلىشانىڭ ئۈستىدىدۇر» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. | 15 |
Což vidouce synové proročtí z Jericha, naproti stojíce, řekli: Odpočinul duch Eliášův na Elizeovi. I šli proti němu a poklonili se mu až k zemi.
ئۇلار ئۇنىڭغا: مانا سېنىڭ كەمىنىلىرىڭ ئارىسىدا ئەللىك ئەزىمەت بار؛ ئۆتۈنىمىز، بۇلار غوجاڭنى ئىزدىگىلى بارسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ روھى بەلكىم ئۇنى كۆتۈرۈپ تاغلارنىڭ بىر يېرىدە ياكى جىلغىلارنىڭ بىر تەرىپىدە تاشلاپ قويدىمىكى، دېدى. لېكىن ئۇ: سىلەر ھېچ ئادەمنى ئەۋەتمەڭلار، دېدى. | 16 |
A řekli jemu: Aj, nyní jest s služebníky tvými padesáte mužů silných, medle nechť jdou a hledají pána tvého. Snad ho zanesl duch Hospodinův, a povrhl jej na některé hoře aneb v některém údolí. Kterýž řekl: Neposílejte.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇنى قىستاۋېرىشى بىلەن ئۇ خىجالەت بولۇپ: ئادەم ئەۋەتىڭلار، دېدى. شۇڭا ئۇلار ئەللىك كىشىنى ئەۋەتتى؛ بۇلار ئۈچ كۈن ئۇنى ئىزدىدى، لېكىن ھېچ تاپالمىدى. | 17 |
Ale když na něj vždy dotírali, tak že mu to obtížné bylo, řekl: Pošlete. I poslali padesáte mužů, a hledajíce za tři dni, nenalezli ho.
ئۇلار ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە (ئۇ يېرىخودا تۇرۇۋاتاتتى) ئۇ ئۇلارغا: مەن دەرۋەقە سىلەرگە «ئىزدەپ بارماڭلار!» دېمىدىممۇ؟ ــ دېدى. | 18 |
A když se k němu navrátili, (on pak bydlil v Jerichu), řekl jim: Zdaliž jsem vám neřekl: Nechoďte?
شەھەردىكى ئادەملەر ئېلىشاغا: غوجام كۆرگەندەك، شەھەر ئۆزى ئوبدان جايدىدۇر، لېكىن سۇ ناچار ۋە تۇپراق تۇغماستۇر، دېدى. | 19 |
Muži pak města toho řekli Elizeovi: Hle, nyní byt v městě tomto jest výborný, jakož, pane můj, vidíš, ale vody jsou zlé a země neúrodná.
ئۇ: يېڭى بىر كوزا ئېلىپ كېلىپ، ئىچىگە تۇز قويۇپ، ماڭا بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. | 20 |
Tedy řekl: Přineste mi nádobu novou, a dejte do ní soli. I přinesli mu.
ئۇ بۇلاقنىڭ بېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تۇزنى تۆكتى ۋە: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بۇ سۇلارنى ساقايتتىم؛ ئەمدى ئۇلاردىن قايتا ئۆلۈم بولمايدۇ ۋە يەرنىڭ تۇغماسلىقى بولمايدۇ» ــ دېدى. | 21 |
A vyšed k pramenu těch vod, vsypal tam sůl a řekl: Takto praví Hospodin: Uzdravuji vody tyto; nebudeť více odtud smrti, ani nedochůdčete.
خۇددى ئېلىشانىڭ ئېيتقان بۇ سۆزىدەك، ئۇ سۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر پاك بولۇپ كەلدى. | 22 |
A tak uzdraveny jsou ty vody až do dnešního dne, vedlé řeči Elizeovy, kterouž byl mluvil.
ئېلىشا يېرىخودىن چىقىپ بەيت-ئەلگە باردى. ئۇ يولدا كېتىپ بارغاندا، بەزى بالىلار شەھەردىن چىقىپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ: چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! ــ دەپ ۋارقىراشتى. | 23 |
Potom šel odtud do Bethel. A když šel cestou, pacholata malá vyšedše z města, posmívali se jemu, říkajíce: Jdi lysý, jdi lysý!
ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئورمانلىقتىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، بالىلاردىن قىرىق ئىككىنى يىرتىۋەتتى. | 24 |
Kterýž ohlédna se, uzřel je a zlořečil jim ve jménu Hospodinovu. Protož vyskočivše dvě nedvědice z lesa, roztrhaly z nich čtyřidcatero a dvé dětí.
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، كارمەل تېغىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سامارىيەگە يېنىپ باردى. | 25 |
I šel odtud na horu Karmel, odkudž navrátil se do Samaří.