< پادىشاھلار 2 19 >
شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. | 1 |
Kiam la reĝo Ĥizkija tion aŭdis, li disŝiris siajn vestojn kaj ĉirkaŭkovris sin per sako, kaj iris en la domon de la Eternulo.
ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز قاپلانغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. | 2 |
Kaj li sendis Eljakimon, la palacestron, kaj Ŝebnan, la skribiston, kaj la plejaĝulojn el la pastroj, ĉirkaŭkovritajn per sakoj, al la profeto Jesaja, filo de Amoc.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن ئاۋارىچىلىك، رەسۋا قىلىنىدىغان، مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈنىدۇر. | 3 |
Kaj ili diris al li: Tiele diras Ĥizkija: Ĉi tiu tago estas tago de malfeliĉo, de puno, kaj de malhonoro; ĉar infanoj atingis la aperturon de la utero, sed forestas forto por naski.
ئۆز خوجايىنى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ مۇشۇ بارلىق گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېلىپ قالغان قالدىسى ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ» ــ دېدى. | 4 |
Eble aŭdos la Eternulo, via Dio, ĉiujn vortojn de Rabŝake, kiun sendis la reĝo de Asirio, lia sinjoro, por blasfemi la vivantan Dion, kaj punos pro la vortoj, kiujn aŭdis la Eternulo, via Dio. Levu do preĝon por la restintoj, kiuj ankoraŭ ekzistas.
شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. | 5 |
Kaj la servantoj de la reĝo Ĥizkija venis al Jesaja.
يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ | 6 |
Kaj Jesaja diris al ili: Tiele parolu al via sinjoro: Tiele diras la Eternulo: Ne timu la vortojn, kiujn vi aŭdis kaj per kiuj blasfemis Min la servantoj de la reĝo de Asirio.
مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. | 7 |
Jen Mi metos en lin spiriton, ke, aŭdinte sciigon, li reiros en sian landon, kaj Mi faligos lin per glavo en lia lando.
راب-شاكەھ ئۆزى كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى. | 8 |
Kaj Rabŝake revenis, kaj trovis la reĝon de Asirio militanta kontraŭ Libna; ĉar li aŭdis, ke li foriris de Laĥiŝ.
چۈنكى پادىشاھ: «مانا، ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ | 9 |
Kaj venis sciigo pri Tirhaka, reĝo de Etiopujo, nome: Li eliris, por militi kontraŭ vi. Tiam li denove sendis senditojn al Ĥizkija kun la sekvanta komisio:
«سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭئارىسالدىلار: ــ «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ | 10 |
Tiele diru al Ĥizkija, reĝo de Judujo: Ne forlogu vin via Dio, kiun vi fidas, dirante: Jerusalem ne estos transdonita en la manojn de la reĝo de Asirio.
مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قۇتقۇزۇلامسەن؟ | 11 |
Vi aŭdis ja, kion faris la reĝoj de Asirio al ĉiuj landoj, ruinigante ilin; ĉu vi do saviĝos?
ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنىڭ ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ، تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ | 12 |
Ĉu ilin savis la dioj de la nacioj, kiujn ekstermis miaj patroj, la naciojn de Gozan kaj Ĥaran kaj Recef kaj la filojn de Eden en Telasar?
خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». | 13 |
Kie estas la reĝo de Ĥamat kaj la reĝo de Arpad kaj la reĝo de la urbo Sefarvaim, de Hena kaj Iva?
شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. | 14 |
Ĥizkija prenis la leteron el la manoj de la senditoj kaj legis ĝin, kaj li iris en la domon de la Eternulo, kaj Ĥizkija disvolvis ĝin antaŭ la Eternulo.
ۋە ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. | 15 |
Kaj Ĥizkija ekpreĝis al la Eternulo, kaj diris: Ho Eternulo, Dio de Izrael, sidanta sur la keruboj! Vi estas la sola Dio super ĉiuj regnoj de la tero, Vi kreis la ĉielon kaj la teron;
ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! | 16 |
klinu, ho Eternulo, Vian orelon, kaj aŭskultu; malfermu, ho Eternulo, Viajn okulojn, kaj rigardu; kaj aŭdu la vortojn de Sanĥerib, kiujn li sendis, por insulti la Dion vivantan.
ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى، شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، | 17 |
Estas vero, ho Eternulo, la reĝoj de Asirio ruinigis la popolojn kaj ilian teron,
ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلىرى، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيلار ئۇلارنى ھالاك قىلدى. | 18 |
kaj ĵetis iliajn diojn en fajron; ĉar tio estis ne dioj, sed faritaĵoj de homaj manoj, ligno kaj ŝtono; ili ekstermis ilin.
ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». | 19 |
Sed nun, ho Eternulo, nia Dio, savu nin do kontraŭ liaj manoj, por ke ĉiuj regnoj de la tero eksciu, ke Vi, ho Eternulo, estas sola.
شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. | 20 |
Kaj Jesaja, filo de Amoc, sendis al Ĥizkija, por diri: Tiele diras la Eternulo, Dio de Izrael: Tion, kion vi preĝis al Mi pri Sanĥerib, reĝo de Asirio, Mi aŭdis.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛ | 21 |
Jen estas tio, kion diris pri li la Eternulo: Malestimas vin, mokas vin la virga filino de Cion, balancas post vi la kapon la filino de Jerusalem.
سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى! | 22 |
Kiun vi blasfemis kaj insultis? kaj kontraŭ kiun vi laŭtigis voĉon kaj alte levis viajn okulojn? Kontraŭ la Sanktulon de Izrael!
ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ؛ ــ «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىسىغا، لىۋان تاغ باغرىلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەڭ چەت تۇرالغۇسىغا، ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن. | 23 |
Per viaj servantoj vi blasfemis la Sinjoron, kaj vi diris: Kun mia multo da ĉaroj mi supreniris sur la supron de montoj, sur la randon de Lebanon, kaj mi dehakis ĝiajn altajn cedrojn, ĝiajn plej bonajn cipresojn, kaj mi atingis ĝian plej altan pinton, ĝian ĝardensimilan arbaron.
ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ ياقا يۇرتنىڭ سۈيىنى ئىچتىم؛ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتىۋەتتىم ــ دېدىڭ. | 24 |
Mi fosis kaj trinkis fremdan akvon, kaj mi sekigos per la plandoj de miaj piedoj ĉiujn riverojn de Egiptujo.
ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛ | 25 |
Ĉu vi ne aŭdis, ke Mi jam delonge tion decidis, de tempo antikva tion destinis? nun Mi tion plenumis, ke la fortikigitaj urboj fariĝis amaso da ruinŝtonoj.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ ئۇلار ئۆسىۋاتقان ئوت-چۆپتەك، يۇمران كۆك چۆپلەردەك، ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. | 26 |
Kaj iliaj loĝantoj senfortigitaj ektremis kaj kovriĝis per honto; ili fariĝis kiel herbo de kampo, kiel malgrava verdaĵo, kiel musko sur tegmentoj, kaj kiel sunbruligita greno antaŭ la spikiĝo.
بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛ | 27 |
Sed vian sidon kaj vian eliron kaj vian venon Mi scias, ankaŭ vian koleron kontraŭ Mi.
سېنىڭ ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، ۋە ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن. | 28 |
Pro tio, ke vi koleris kontraŭ Mi kaj via aroganteco venis al Miaj oreloj, Mi metos Mian ringon en viajn nazotruojn kaj Mian buŝbridaĵon en vian buŝon, kaj Mi reirigos vin per la sama vojo, per kiu vi venis.
ئى [ھەزەكىيا]، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر. | 29 |
Kaj jen estas por vi la pruvosigno: vi manĝos en ĉi tiu jaro grenon memsemiĝintan, en la dua jaro grenon sovaĝan, sed en la tria jaro vi semos kaj rikoltos kaj plantos vinberĝardenojn kaj manĝos iliajn fruktojn.
يەھۇدا جەمەتىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛ | 30 |
Kaj la restaĵo de la domo de Jehuda denove enradikiĝos malsupre kaj donos fruktojn supre.
چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ. | 31 |
Ĉar el Jerusalem devenos restaĵo, kaj savitaĵo de la monto Cion; la fervoro de la Eternulo Cebaot tion faros.
شۇڭا، پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ. | 32 |
Tial tiele diras la Eternulo pri la reĝo de Asirio: Li ne eniros en ĉi tiun urbon kaj ne ĵetos tien sagon kaj ne aliros al ĝi kun ŝildo kaj ne ŝutos kontraŭ ĝi remparon.
ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، ئۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، | 33 |
Per la sama vojo, per kiu li venis, li reiros, kaj en ĉi tiun urbon li ne eniros, diras la Eternulo.
ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ئۇنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». | 34 |
Mi defendos ĉi tiun urbon, por savi ĝin pro Mi kaj pro Mia servanto David.
شۇ كېچە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى؛ مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! | 35 |
En tiu nokto eliris anĝelo de la Eternulo kaj frapis en la tendaro de la Asirianoj cent okdek kvin mil. Kiam oni leviĝis matene, oni ekvidis, ke ili ĉiuj estas kadavroj senvivaj.
شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. | 36 |
Kaj Sanĥerib, la reĝo de Asirio, elmoviĝis kaj iris kaj rehejmiĝis kaj restis en Nineve.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار بولسا ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 37 |
Kaj kiam li adorkliniĝis en la domo de sia dio Nisroĥ, liaj filoj Adrameleĥ kaj Ŝarecer mortigis lin per glavo, kaj mem ili forkuris en la landon Araratan. Kaj ekreĝis anstataŭ li lia filo Esar-Ĥadon.