< پادىشاھلار 2 18 >
ئېلاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا، يەھۇدانىڭ [سابىق] پادىشاھى ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. | 1 |
Elaⱨning oƣli, Israilning padixaⱨi Ⱨoxiyaning sǝltǝnitining üqinqi yilida, Yǝⱨudaning [sabiⱪ] padixaⱨi Aⱨazning oƣli Ⱨǝzǝkiya Yǝⱨudaƣa padixaⱨ boldi.
ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابى ئىدى؛ ئۇ زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. | 2 |
U padixaⱨ bolƣanda yigirmǝ bǝx yaxta bolup, Yerusalemda yigirmǝ toⱪⱪuz yil sǝltǝnǝt ⱪildi. Uning anisining ismi Abi idi; u Zǝkǝriyaning ⱪizi idi.
ھەزەكىيا بولسا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. | 3 |
Ⱨǝzǝkiya bolsa atisi Dawutning barliⱪ ⱪilƣinidǝk, Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ durus bolƣanni ⱪilatti.
ئۇ «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈكلەر»نى چېقىپ «ئاشەراھ»لارنى كېسىپ تاشلاپ، مۇسا ياساتقان مىس يىلاننى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ (چۈنكى ئۇ چاغقىچە ئىسرائىللار ئۇنىڭغا خۇشبۇي ياقاتتى)، ئۇنىڭغا «نەھۇشتان!» دەپ ئىسىم قويدى. | 4 |
U «yuⱪiri jaylar»ni yoⱪitip, «but tüwrüklǝr»ni qeⱪip «Axǝraⱨ»larni kesip taxlap, Musa yasatⱪan mis yilanni qeⱪip parǝ-parǝ ⱪilip (qünki u qaƣⱪiqǝ Israillar uningƣa huxbuy yaⱪatti), uningƣa «Nǝⱨuxtan!» dǝp isim ⱪoydi.
ھەزەكىيا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تاياندى. بۇ جەھەتتە نە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھېچبىرى ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. | 5 |
Ⱨǝzǝkiya Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarƣa tayandi. Bu jǝⱨǝttǝ nǝ uningdin keyin kǝlgǝn nǝ uningdin ilgiri ɵtkǝn Yǝⱨuda padixaⱨlirining arisidiki ⱨeqbiri uningƣa yǝtmǝytti.
ئۇ پەرۋەردىگارغا چىڭ باغلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن چىقماي، بەلكى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان ئەمرلەرنى تۇتاتتى. | 6 |
U Pǝrwǝrdigarƣa qing baƣlinip uningƣa ǝgixixtin qiⱪmay, bǝlki Pǝrwǝrdigar Musaƣa buyruƣan ǝmrlǝrni tutatti.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇ قايسىلا ئىشقا چىقسا شۇنىڭدا راۋاجلىق بولاتتى. ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا بېقىندى بولۇشتىن ياندى. | 7 |
Pǝrwǝrdigar uning bilǝn billǝ idi; u ⱪaysila ixⱪa qiⱪsa xuningda rawajliⱪ bolatti. U Asuriyǝ padixaⱨining ⱨakimiyitigǝ ⱪarxi qiⱪip uningƣa beⱪindi boluxtin yandi.
ئۇ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گازا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلىرىغىچە، كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە بېسىپ مەغلۇپ قىلدى. | 8 |
U Filistiylǝrgǝ ⱨujum ⱪilip ularni Gaza xǝⱨiri wǝ uning ǝtrapidiki zeminliriƣiqǝ, kɵzǝt munaridin mustǝⱨkǝm ⱪorƣanƣiqǝ besip mǝƣlup ⱪildi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ [سابىق] پادىشاھى ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قامال قىلدى. | 9 |
Wǝ xundaⱪ boldiki, Ⱨǝzǝkiya padixaⱨning sǝltǝnitining tɵtinqi yilida, yǝni Israilning [sabiⱪ] padixaⱨi Elaⱨning oƣli Ⱨoxiyaning sǝltǝnitining yǝttinqi yilida, Asuriyǝning padixaⱨi Xalmanǝzǝr Samariyǝgǝ ⱨujum ⱪilip uni ⱪamal ⱪildi.
ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلار شەھەرنى ئالدى؛ ھەزەكىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، يەنى ئىسرائىل پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، سامارىيە ئىشغال قىلىندى. | 10 |
Üq yildin keyin ular xǝⱨǝrni aldi; Ⱨǝzǝkiyaning sǝltǝnitining toⱪⱪuzinqi yili, yǝni Israil padixaⱨi Ⱨoxiyaning sǝltǝnitining toⱪⱪuzinqi yilida, Samariyǝ ixƣal ⱪilindi.
ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاھدا، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇردى. | 11 |
Andin Asuriyǝning padixaⱨi Israillarni Asuriyǝgǝ elip ketip, ularni Halaⱨda, Gozandiki Habor dǝryasining boylirida wǝ Medialarning xǝⱨǝrliridǝ makanlaxturdi.
چۈنكى ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلدى؛ ئۇلار ياكى قۇلاق سالمىدى، ياكى ئەمەل قىلمىدى. | 12 |
Qünki ular ɵz Hudasi Pǝrwǝrdigarning awaziƣa itaǝt ⱪilmidi, bǝlki Uning ǝⱨdisigǝ, yǝni Pǝrwǝrdigarning ⱪuli Musa buyruƣanning ⱨǝmmisigǝ hilapliⱪ ⱪildi; ular yaki ⱪulaⱪ salmidi, yaki ǝmǝl ⱪilmidi.
ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلى، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. | 13 |
Ⱨǝzǝkiya padixaⱨning sǝltǝnitining on tɵtinqi yili, Asuriyǝning padixaⱨi Sǝnnaherib Yǝⱨudaning barliⱪ ⱪorƣanliⱪ xǝⱨǝrlirigǝ ⱨujum ⱪilip qiⱪip, ularni ixƣal ⱪildi.
ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا: مەن گۇناھكار! مەندىن چېكىنگەيلا، ئۈستۈمگە ھەرنېمە چۈشۈرسىلە شۇنى [تۆلەيمەن]، ــ دېدى. ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا ئۈچ يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن ئوتتۇز تالانت ئالتۇن توختىتىپ قويدى. | 14 |
U waⱪitta Yǝⱨudaning padixaⱨi Ⱨǝzǝkiya Laⱪixⱪa adǝm ǝwǝtip, Asuriyǝning padixaⱨiƣa: Mǝn gunaⱨkar! Mǝndin qekingǝyla, üstümgǝ ⱨǝrnemǝ qüxürsilǝ xuni [tɵlǝymǝn], — dedi. Asuriyǝning padixaⱨi Ⱨǝzǝkiyaƣa üq yüz talant kümüx bilǝn ottuz talant altun tohtitip ⱪoydi.
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى بارلىق كۈمۈشنى ئېلىپ بەردى. | 15 |
Ⱨǝzǝkiya Pǝrwǝrdigarning ɵyidiki wǝ padixaⱨning ordisining hǝzinisidiki barliⱪ kümüxni elip bǝrdi.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ۋە ئۆزى ئەسلىدە قاپلاتقان ئىشىك كېشەكلىرىدىن ئالتۇننى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بەردى. | 16 |
Xuning bilǝn bir waⱪitta Yǝⱨudaning padixaⱨi Ⱨǝzǝkiya Pǝrwǝrdigarning ɵyining ixikliridin wǝ ɵzi ǝslidǝ ⱪaplatⱪan ixik kexǝkliridin altunni ajritip elip, Asuriyǝning padixaⱨiƣa bǝrdi.
شۇ چاغدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تارتان، راب-سارىس ۋە راب-شاكەھلىرىنى چوڭ قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىپ كەلدى. چىققاندا، ئۇلار كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. | 17 |
Xu qaƣda Asuriyǝ padixaⱨi Sǝnnaherib Tartan, Rab-Saris wǝ Rab-Xakǝⱨlirini qong ⱪoxun bilǝn Laⱪix xǝⱨiridin Yerusalemƣa, Ⱨǝzǝkiyaning yeniƣa ǝwǝtti. Ular Yerusalemƣa qiⱪip kǝldi. Qiⱪⱪanda, ular kir yuƣuqilarning etizining boyidiki yolda, yuⱪiri kɵlqǝkning norining bexiƣa kelip turdi.
ئۇلار پادىشاھنى چاقىرغاندا، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. | 18 |
Ular padixaⱨni qaⱪirƣanda, Ⱨilⱪiyaning oƣli, ordini baxⱪuridiƣan Eliakim, ordining diwanbegi Xǝbna wǝ Asafning oƣli, orda mirzibegi Yoaⱨlar ularning yeniƣa kǝldi.
ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىدى؟ | 19 |
Wǝ Rab-Xakǝⱨ ularƣa mundaⱪ dedi: — «Silǝr Ⱨǝzǝkiyaƣa: — «Uluƣ padixaⱨ, yǝni Asuriyǝ padixaⱨi sanga mundaⱪ dedi, dǝnglar: — Sening muxu ixǝngǝn tayanqing zadi nemidi?
سەن: «ئۇرۇش قىلىشقا تەدبىر-مەسلىھەتىمىز ھەم كۈچىمىز بار، دەيسەن ــ بۇ پەقەت بىر قۇرۇق گەپ، خالاس! ــ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ | 20 |
Sǝn: «Urux ⱪilixⱪa tǝdbir-mǝsliⱨǝtimiz ⱨǝm küqimiz bar, dǝysǝn — bu pǝⱪǝt bir ⱪuruⱪ gǝp, halas! — Sǝn zadi kimgǝ tayinip manga ⱪarxi ɵktǝ ⱪopisǝn?
مانا ئەمدى سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن. بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! | 21 |
Mana ǝmdi sǝn yeriⱪi bar axu ⱪomux ⱨasa, yǝni Misirƣa tayinisǝn. Birsi uningƣa yɵlǝnsǝ, uning ⱪoliƣa sanjip kiridu; Misir padixaⱨi Pirǝwngǝ tayanƣanlarning ⱨǝmmisi xundaⱪ bolidu!
ئەگەر سىلەر ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭلار، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، ئۇنىڭغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ | 22 |
Əgǝr silǝr manga: «Biz Hudayimiz bolƣan Pǝrwǝrdigarƣa tayinimiz» — desǝnglar, Ⱨǝzǝkiya ɵzi Yǝⱨudadikilǝrgǝ wǝ Yerusalemdikilǝrgǝ: «Silǝr pǝⱪǝt Yerusalemdiki muxu ibadǝtgaⱨ aldidila ibadǝt ⱪilixinglar kerǝk» dǝp, uningƣa atalƣan «yuⱪiri jaylar»ni ⱨǝm ⱪurbangaⱨlarni yoⱪ ⱪiliwǝttiƣu? Ular axu Pǝrwǝrdigarning yuⱪiri jayliri ǝmǝsmidi?
ئەمدى ھازىر خوجايىنىم ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كېلىڭلار: ــ «ئەگەر سىلەردە ئۇلارغا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭلار بولسا، مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» | 23 |
Əmdi ⱨazir hojayinim Asuriyǝ padixaⱨi bilǝn bir tohtamƣa kelinglar: — «Əgǝr silǝrdǝ ularƣa minǝligüdǝk ǝskǝrliringlar bolsa, mǝn silǝrgǝ ikki ming atni bikarƣa berǝy!»
سىلەردە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجايىنىمنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! گەرچە سىلەر جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسىلەر! | 24 |
Silǝrdǝ undaⱪlar bolmisa, hojayinimning ǝmǝldarlirining ǝng kiqiki bolƣan bir lǝxkǝr bexini ⱪandaⱪmu qekindürǝlǝysilǝr?! Gǝrqǝ silǝr jǝng ⱨarwiliri wǝ atlarni elix üqün Misirƣa tayinisilǝr!
مەن مۇشۇ يەرنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن» ــ دېدى!». | 25 |
Mǝn muxu yǝrni ⱨalak ⱪilix üqün Pǝrwǝrdigarsiz kǝldimmu? Qünki Pǝrwǝrdigar manga: «Muxu zeminni ⱨalak ⱪilixⱪa qiⱪⱪin» — dedi!».
ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن! ــ دېدى. | 26 |
Eliakim, Xǝbna wǝ Yoaⱨ Rab-Xakǝⱨgǝ: — Peⱪirliriƣa aramiy tilida sɵzlisilǝ; biz buni qüxinimiz. Bizgǝ ibraniy tilida sɵzlimisilǝ, gǝpliri sepilda turƣanlarning ⱪuliⱪiƣa kirmisun! — dedi.
بىراق راب-شاكەھ: ــ خوجايىنىم مېنى مۇشۇ گەپنى خوجايىنىڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. | 27 |
Biraⱪ Rab-Xakǝⱨ: — Hojayinim meni muxu gǝpni hojayininglarƣa wǝ silǝrgila eytixⱪa ǝwǝtkǝnmu? Muxu gǝpni silǝr bilǝn birliktǝ sepilda olturƣanlarƣa deyixkǝ ǝwǝtkǝn ǝmǝsmu? Qünki ular ɵz poⱪini yegüqi ⱨǝm ɵz süydükini iqküqi bolidu!» — dedi.
ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. | 28 |
Andin Rab-Xakǝⱨ ibraniy tilida yuⱪiri awaz bilǝn: «Uluƣ padixaⱨ, yǝni Asuriyǝ padixaⱨining sɵzlirini anglap ⱪoyunglar!» — dǝp warⱪiridi.
ــ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى [پادىشاھنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. | 29 |
— «Padixaⱨ mundaⱪ dǝydu: — Ⱨǝzǝkiya silǝrni aldap ⱪoymisun! Qünki u silǝrni [padixaⱨning] ⱪolidin ⱪutⱪuzalmaydu.
ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار! | 30 |
Uning silǝrni: — «Pǝrwǝrdigar bizni jǝzmǝn ⱪutⱪuzidu; muxu xǝⱨǝr Asuriyǝ padixaⱨining ⱪoliƣa qüxüp kǝtmǝydu» dǝp Pǝrwǝrdigarƣa tayanduruxiƣa yol ⱪoymanglar!
ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ | 31 |
Ⱨǝzǝkiyaƣa ⱪulaⱪ salmanglar; qünki Asuriyǝ padixaⱨi mundaⱪ dǝydu: — Mǝn bilǝn sülⱨilixip, mǝn tǝrǝpkǝ ɵtünglar; xundaⱪ ⱪilsanglar ⱨǝrbiringlar ɵzünglarning üzüm baringidin ⱨǝm ɵzünglarning ǝnjür dǝrihidin mewǝ yǝysilǝr, ⱨǝrbiringlar ɵz su kɵlqikinglardin su iqisilǝr;
تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى، ئۈزۈمزارلىرى ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى بار، ھەسەل چىقىرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر تىرىك قېلىپ، ئۆلمەيسىلەر! ھەزەكىيا سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار! | 32 |
ta mǝn kelip silǝrni buƣdayliⱪ ⱨǝm xarabliⱪ bir zeminƣa, neni, üzümzarliri wǝ zǝytun dǝrǝhliri bar, ⱨǝsǝl qiⱪiridiƣan bir zeminƣa, yǝni zemininglarƣa ohxax bir zeminƣa apirip ⱪoyƣuqǝ yǝp-iqiweringlar! Xuning bilǝn silǝr tirik ⱪelip, ɵlmǝysilǝr! Ⱨǝzǝkiya silǝrgǝ: — «Pǝrwǝrdigar bizni ⱪutⱪuzidu» desǝ uningƣa ⱪulaⱪ salmanglar!
ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ | 33 |
Əl-yurtlarning ilaⱨ-butlirining biri ɵz zeminini Asuriyǝ padixaⱨining ⱪolidin ⱪutⱪuzƣanmu?
خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! | 34 |
Hamat wǝ Arpad degǝn yurtlarning ilaⱨ-butliri ⱪeni? Sǝfarwaim, Hena wǝ Iwwaⱨ xǝⱨǝrlirining ilaⱨ-butliri ⱪeni? Ular Samariyǝni mening ⱪolumdin ⱪutⱪuzƣanmu?!
مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» ــ دېدى. | 35 |
Muxu ǝl-yurtlarning ilaⱨ-butliridin ɵz zeminini ⱪutⱪuzƣan zadi kim bar? Xundaⱪ ikǝn, Pǝrwǝrdigar Yerusalemni mening ⱪolumdin ⱪutⱪuzalamdu?» — dedi.
ئەمما خەلق سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». | 36 |
Əmma hǝlⱪ süküt ⱪilip uningƣa jawabǝn ⱨeqⱪandaⱪ bir sɵz ⱪilmidi; qünki padixaⱨning buyruⱪi xuki: — «Uningƣa jawab bǝrmǝnglar».
ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى. | 37 |
Andin Ⱨilⱪiyaning oƣli, ordini baxⱪuridiƣan Eliakim, orda diwanbegi Xǝbna wǝ Asafning oƣli, orda mirzibegi Yoaⱨlar kiyim-keqǝklirini yirtixip, Ⱨǝzǝkiyaning yeniƣa kelip, Rab-Xakǝⱨning gǝplirini uningƣa uⱪturdi.