< پادىشاھلار 2 17 >
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىدا، ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. | 1 |
Yǝⱨudaning padixaⱨi Aⱨazning sǝltǝnitining on ikkinqi yilida, Elaⱨning oƣli Ⱨoxiya Samariyǝdǝ Israilƣa padixaⱨ bolup, toⱪⱪuz yil sǝltǝnǝt ⱪildi.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىدەك ئۇنداق رەزىللىك قىلمايتتى. | 2 |
U Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪilatti; lekin uningdin ilgiri ɵtkǝn Israilning padixaⱨliridǝk undaⱪ rǝzillik ⱪilmaytti.
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىققاندا، ھوشىيا ئۇنىڭغا بېقىنىپ سوۋغا-سالام بەردى. | 3 |
Asuriyǝning padixaⱨi Xalmanǝzǝr uningƣa ⱨujum ⱪilƣili qiⱪⱪanda, Ⱨoxiya uningƣa beⱪinip sowƣa-salam bǝrdi.
ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ ئاسىيلىق قىلماقچى بولغىنىنى بايقىدى؛ چۈنكى ھوشىيا بۇرۇنقىدەك ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا يىللىق سوۋغا-سالام يوللىماي، بەلكى مىسىرنىڭ پادىشاھى سوغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، باغلاپ زىندانغا سولىۋەتتى. | 4 |
Əmma Asuriyǝning padixaⱨi Ⱨoxiyaning asiyliⱪ ⱪilmaⱪqi bolƣinini bayⱪidi; qünki Ⱨoxiya burunⱪidǝk Asuriyǝning padixaⱨiƣa yilliⱪ sowƣa-salam yollimay, bǝlki Misirning padixaⱨi soƣa ǝlqilǝrni mangdurƣanidi. Uning üqün Asuriyǝning padixaⱨi uni tutup, baƣlap zindanƣa soliwǝtti.
ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى چىقىپ پۈتكۈل [ئىسرائىل] زېمىنىنى تالان-تاراج قىلىپ، سامارىيەنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلدى. | 5 |
Andin Asuriyǝning padixaⱨi qiⱪip pütkül [Israil] zeminini talan-taraj ⱪilip, Samariyǝni üq yilƣiqǝ ⱪamal ⱪildi.
ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى خالاھ شەھىرى، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. | 6 |
Ⱨoxiyaning sǝltǝnitining toⱪⱪuzinqi yilida, Asuriyǝning padixaⱨi Samariyǝni ixƣal ⱪilip, Israillarni Asuriyǝgǝ sürgün ⱪilip, ularni Halaⱨ xǝⱨiri, Gozandiki Habor dǝryasining boyliri wǝ Medialarning xǝⱨǝrlirigǝ orunlaxturdi.
مانا، شۇنداق ئىشلار بولدى؛ چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىغا گۇناھ قىلىپ باشقا ئىلاھلاردىن قورقۇپ | 7 |
Mana, xundaⱪ ixlar boldi; qünki Israillar ɵzlirini Misirning padixaⱨi Pirǝwnning ⱪolidin ⱪutⱪuzup, Misir zeminidin qiⱪarƣan Pǝrwǝrdigar Hudasiƣa gunaⱨ ⱪilip baxⱪa ilaⱨlardin ⱪorⱪup
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە ماڭغانىدى. | 8 |
Pǝrwǝrdigar Israillarning aldidin ⱨǝydiwǝtkǝn yat ǝlliklǝrning ⱪaidǝ-bǝlgilimiliridǝ, xundaⱪla Israilning padixaⱨliri ɵzliri qiⱪarƣan ⱪaidǝ-bǝlgilimiliridǝ mangƣanidi.
ۋە ئىسرائىللار ئۆز پەرۋەردىگار خۇداسىغا قارشى چىقىپ، يوشۇرۇنلارچە توغرا بولمىغان ئىشلارنى قىلدى؛ ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىدە كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە «يۇقىرى جايلار»نى ياسىدى. | 9 |
Wǝ Israillar ɵz Pǝrwǝrdigar Hudasiƣa ⱪarxi qiⱪip, yoxurunlarqǝ toƣra bolmiƣan ixlarni ⱪildi; ular barliⱪ xǝⱨǝrliridǝ kɵzǝt munaridin mustǝⱨkǝm ⱪorƣanƣiqǝ «yuⱪiri jaylar»ni yasidi.
ئۇلار ھەممە ئېگىز دۆڭلەردە ۋە ھەممە كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «بۇت تۈۋرۈك» ۋە «ئاشەراھ» بۇتى تۇرغۇزدى. | 10 |
Ular ⱨǝmmǝ egiz dɵnglǝrdǝ wǝ ⱨǝmmǝ kɵk dǝrǝhlǝrning astida «but tüwrük» wǝ «Axǝraⱨ» buti turƣuzdi.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان [يات] ئەللىكلەر قىلغاندەك، ئۇلار ھەممە «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياقاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل رەزىل ئىشلارنى قىلاتتى. | 11 |
Pǝrwǝrdigar ularning aldidin ⱨǝydǝp qiⱪarƣan [yat] ǝlliklǝr ⱪilƣandǝk, ular ⱨǝmmǝ «yuⱪiri jaylar»da huxbuy yaⱪatti wǝ Pǝrwǝrdigarning ƣǝzipini kǝltüridiƣan ⱨǝrhil rǝzil ixlarni ⱪilatti.
گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ «بۇ ئىشنى قىلماڭلار!» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى. | 12 |
Gǝrqǝ Pǝrwǝrdigar ularƣa: — «Bu ixni ⱪilmanglar!» degǝn bolsimu, ular butlarning ⱪulluⱪiƣa berilip kǝtkǝnidi.
پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى. | 13 |
Pǝrwǝrdigar ⱨǝmmǝ pǝyƣǝmbǝrlǝr bilǝn ⱨǝmmǝ aldin kɵrgüqilǝrning wasitisi bilǝn ⱨǝm Israilni ⱨǝm Yǝⱨudani agaⱨlandurup: Rǝzil yolliringlardin yenip, ata-bowiliringlarƣa tapilanƣan wǝ ⱪullirim bolƣan pǝyƣǝmbǝrlǝr arⱪiliⱪ silǝrgǝ tǝstiⱪliƣan pütün ⱪanunƣa boysunup, Mening ǝmrlirim wǝ Mening bǝlgilimilirimni tutunglar, degǝnidi.
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بويۇنلىرىنى قاتتىق قىلدى. | 14 |
Lekin ular ⱪulaⱪ salmay, Pǝrwǝrdigar Hudasiƣa ixǝnmigǝn ata-bowiliri ⱪilƣandǝk, boyunlirini ⱪattiⱪ ⱪildi.
ئۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى ۋە ئۇلارغا تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلارنى چەتكە قاققان؛ ئۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ ئەتراپىڭلاردىكى ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدەك قىلماڭلار، دېگەن دەل شۇ ئەللەرگە ئەگىشىپ، رەزىللىك قىلاتتى. | 15 |
Ular Uning bǝlgilimilirini, xundaⱪla U ularning ata-bowiliri bilǝn tüzgǝn ǝⱨdini wǝ ularƣa tapxurƣan agaⱨ-guwaⱨlarni qǝtkǝ ⱪaⱪⱪan; ular ǝrzimǝs nǝrsilǝrgǝ ǝgixip, ɵzliri ǝrzimǝs bolup qiⱪti; Pǝrwǝrdigar ularƣa: — Ətrapinglardiki ǝlliklǝrning ⱪilƣinidǝk ⱪilmanglar, degǝn dǝl xu ǝllǝrgǝ ǝgixip, rǝzillik ⱪilatti.
ئۇلار خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇيما مەبۇدلارنى، يەنى ئىككى موزاينى قۇيدۇردى، بىر «ئاشەراھ بۇت» قىلدۇردى، ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە بائالنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. | 16 |
Ular Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigarning barliⱪ ǝmrlirini taxlap, ɵzliri üqün ⱪuyma mǝbudlarni, yǝni ikki mozayni ⱪuydurdi, bir «Axǝraⱨ but» ⱪildurdi, asmandiki nurƣunliƣan ay-yultuzlarƣa bax urdi wǝ Baalning ⱪulluⱪiƣa kirdi.
ئۇلار ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك ئىشلەتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى سېتىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. | 17 |
Ular ɵz oƣulliri bilǝn ⱪizlirini ottin ɵtküzdi, palqiliⱪ wǝ jadugǝrlik ixlǝtti, xundaⱪla Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪilix üqün, ɵzlirini setip Uning ƣǝzipini ⱪozƣidi.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن باشقا ھېچقايسىسى ئۆز [زېمىنىدا] قالدۇرۇلمىدى. | 18 |
Xuning üqün Pǝrwǝrdigar Israilƣa intayin aqqiⱪlinip, ularni Ɵz nǝziridin neri ⱪildi; Yǝⱨudaning ⱪǝbilisidin baxⱪa ⱨeqⱪaysisi ɵz [zeminida] ⱪaldurulmidi.
لېكىن يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتمىدى، بەلكى ئىسرائىل چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە ماڭدى. | 19 |
Lekin Yǝⱨudamu ɵz Hudasi Pǝrwǝrdigarning ǝmrlirini tutmidi, bǝlki Israil qiⱪarƣan ⱪaidǝ-bǝlgilimilǝr iqidǝ mangdi.
ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ بارلىق نەسلىنى چەتكە قاقتى؛ ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنىگىچە [زېمىنىدا] خارلىققا قالدۇرۇپ، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. | 20 |
Uning üqün Pǝrwǝrdigar Israilning barliⱪ nǝslini qǝtkǝ ⱪaⱪti; ularni Ɵz nǝziridin taxliƣan künigiqǝ [zeminida] harliⱪⱪa ⱪaldurup, bulangqilarning ⱪoliƣa tapxurup bǝrdi.
ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى. ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنى پادىشاھ قىلدى ۋە يەروبوئام بولسا ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر بىر گۇناھقا پاتقۇزۇپ ئازدۇردى. | 21 |
U Israilni Dawutning jǝmǝtidin tartiwalƣanidi. Ular Nibatning oƣli Yǝroboamni padixaⱨ ⱪildi wǝ Yǝroboam bolsa Israilni Pǝrwǝrdigarning yolidin yandurup, ularni eƣir bir gunaⱨⱪa patⱪuzup azdurdi.
ئىسرائىللار يەروبوئامنىڭ قىلغان ھەممە گۇناھلىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقمىدى. | 22 |
Israillar Yǝroboamning ⱪilƣan ⱨǝmmǝ gunaⱨlirida yürüp, ulardin qiⱪmidi.
ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىلنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىدىن ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى. | 23 |
Ahir berip Pǝrwǝrdigar Ɵz ⱪulliri bolƣan pǝyƣǝmbǝrlǝrning wasitisi bilǝn eytⱪandǝk, Israilni Ɵz nǝziridin neri ⱪildi; Israillar ɵz yurtidin Asuriyǝgǝ elip ketilip, u yǝrdǝ bügüngǝ ⱪǝdǝr turup kǝldi.
ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇتتاھ، ئاۋۋا، خامات ۋە سەفارۋائىمدىن خەلقنى يۆتكەپ ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ماكانلاشتۇردى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلەردە ئولتۇردى. | 24 |
Əmma Asuriyǝning padixaⱨi Babil, Kuttaⱨ, Awwa, Hamat wǝ Sǝfarwaimdin hǝlⱪni yɵtkǝp Israilning orniƣa Samariyǝning xǝⱨǝrlirigǝ makanlaxturdi. Ular xuning bilǝn Samariyǝgǝ igidarqiliⱪ ⱪilip xǝⱨǝrlǝrdǝ olturdi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇ يەردە دەسلەپتە ئولتۇرغىنىدا پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىيما-جىيما قىلىدىغان بىرنەچچە شىرلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتتى. | 25 |
Wǝ xundaⱪ boldiki, ular u yǝrdǝ dǝslǝptǝ olturƣinida Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪmiƣanidi; Pǝrwǝrdigar ularni ⱪiyma-jiyma ⱪilidiƣan birnǝqqǝ xirlarni ularning arisiƣa ǝwǝtti.
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ: ــ سىلى يۆتكەپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى؛ مانا بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە، چۈنكى خەلق يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ، دېيىلدى. | 26 |
Xuning bilǝn Asuriyǝning padixaⱨiƣa hǝwǝr yǝtküzülüp: — Sili yɵtkǝp Samariyǝning xǝⱨǝrliridǝ makanlaxturƣan hǝlⱪlǝr xu yurtning ilaⱨining ⱪaidǝ-yosunlirini bilmǝydu; xunga U ularning arisiƣa xirlarni ǝwǝtti; mana bular ularni ɵltürmǝktǝ, qünki hǝlⱪ yurtning ilaⱨining ⱪaidǝ-yosunlirini bilmǝydu, deyildi.
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلگەن كاھىنلارنىڭ بىرىنى يەنە ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار؛ ئۇ ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەتسۇن، ــ دېدى. | 27 |
Xuning bilǝn Asuriyǝning padixaⱨi ǝmr ⱪilip: — Silǝr u yǝrdin elip kǝlgǝn kaⱨinlarning birini yǝnǝ u yǝrgǝ apiringlar; u u yǝrdǝ turup, ularƣa u yurtning ilaⱨining ⱪaidǝ-yosunlirini ɵgǝtsun, — dedi.
ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيت-ئەلدە تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى. | 28 |
Uning buyruⱪi bilǝn ular Samariyǝdin yɵtkigǝn kaⱨinlarning biri kelip, Bǝyt-Əldǝ turup Pǝrwǝrdigarning ⱪorⱪunqini ularƣa ɵgǝtti.
لېكىن شۇ خەلقلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر سالغان «يۇقىرى جايلار»دىكى ئىبادەتگاھلار ئىچىگە تۇرغۇزدى؛ ھەربىر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى. | 29 |
Lekin xu hǝlⱪlǝrning ⱨǝrbiri ɵz ilaⱨlirining butlirini yasap, Samariyǝliklǝr salƣan «yuⱪiri jaylar»diki ibadǝtgaⱨlar iqigǝ turƣuzdi; ⱨǝrbir hǝlⱪ ɵzi turƣan xǝⱨǝrdǝ xundaⱪ ⱪildi.
بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت-بىنوت دېگەن مەبۇدنى ياسىدى، كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتنى، | 30 |
Babildin kǝlgǝnlǝr Sukkot-Binot degǝn mǝbudni yasidi, Kuttin kǝlgǝnlǝr Nǝrgal butni, Hamattin kǝlgǝnlǝr Axima butni,
ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى. | 31 |
Awwiylar Nibⱨaz bilǝn Tartak butlarni yasidi; Sǝfarwiylar Sǝfarwaimdiki butliri bolƣan Adrammǝlǝk bilǝn Anammǝlǝkkǝ ɵz balilirini atap otta kɵydürdi.
ئۇلار ئەمدى مۇشۇنداق ھالەتتە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»دىكى بۇتخانىلاردا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان كاھىن قىلىپ بېكىتكەن. | 32 |
Ular ǝmdi muxundaⱪ ⱨalǝttǝ Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪup, ɵz arisidiki ⱨǝr türlük adǝmlǝrni ɵzliri üqün «yuⱪiri jaylar»diki buthanilarda ⱪurbanliⱪlarni sunidiƣan kaⱨin ⱪilip bekitkǝn.
ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ قايسى ئەلدىن كەلگەن بولسا، شۇ ئەلنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدىمۇ بولاتتى. | 33 |
Ular Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪatti wǝ xuning bilǝn tǝng ⱪaysi ǝldin kǝlgǝn bolsa, xu ǝlning ⱪaidǝ-yosunlirida ɵz ilaⱨlirining ⱪulluⱪidimu bolatti.
بۈگۈنگە قەدەر ئۇلار ئىلگىرىكى ئادەتلەر بويىچە مېڭىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ. | 34 |
Bügüngǝ ⱪǝdǝr ular ilgiriki adǝtlǝr boyiqǝ mengip kǝlmǝktǝ; ular Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪmay, Pǝrwǝrdigar Israil dǝp atiƣan Yaⱪupning ǝwladliriƣa tapiliƣan bǝlgilimilǝr wǝ ⱨɵkümlǝr, ⱪanun wǝ ǝmrlǝrgǝ muwapiⱪ ix kɵrmǝydu.
پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە قىلىشىپ ئۇلارغا بۇيرۇپ: ــ «باشقا ئىلاھلاردىن قورقماي، ئۇلارغا سەجدە قىلماي ياكى ئۇلارغا باش ئۇرماي ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلماڭلار ــ | 35 |
Pǝrwǝrdigar ular bilǝn bir ǝⱨdǝ ⱪilixip ularƣa buyrup: — «Baxⱪa ilaⱨlardin ⱪorⱪmay, ularƣa sǝjdǝ ⱪilmay yaki ularƣa bax urmay wǝ ularƣa ⱪurbanliⱪ ⱪilmanglar —
پەقەت زور قۇدرەت ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگاردىنلا قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇڭلار. | 36 |
pǝⱪǝt zor ⱪudrǝt wǝ uzatⱪan biliki bilǝn silǝrni Misir zeminidin qiⱪarƣan Pǝrwǝrdigardinla ⱪorⱪunglar, uningƣa sǝjdǝ ⱪilinglar wǝ uningƣa ⱪurbanliⱪ sununglar.
ئۇ سىلەر ئۈچۈن پۈتكۈزگەن بەلگىلىمىلەر، ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرنى بولسا، ئۇلارنى ئەبەدگىچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇتۇڭلار؛ باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار. | 37 |
U silǝr üqün pütküzgǝn bǝlgilimilǝr, ⱨɵkümlǝr, ⱪanun wǝ ǝmrni bolsa, ularni ǝbǝdgiqǝ kɵngül bɵlüp tutunglar; baxⱪa ilaⱨlardin ⱪorⱪmanglar.
مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئۇنتۇماڭلار يا باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار، | 38 |
Mǝn silǝr bilǝn ⱪilƣan ǝⱨdini untumanglar ya baxⱪa ilaⱨlardin ⱪorⱪmanglar,
بەلكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار؛ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېگەنىدى. | 39 |
bǝlki Hudayinglar Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪunglar; wǝ U silǝrni ⱨǝmmǝ düxmǝnliringlarning ⱪolidin ⱪutⱪuzidu» — degǝnidi.
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، ئىلگىرىكى قائىدە-يوسۇنلارنى يۈرگۈزەتتى. | 40 |
Lekin ular ⱪulaⱪ salmay, ilgiriki ⱪaidǝ-yosunlarni yürgüzǝtti.
مۇشۇ ئەللەر شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ھەم ئويما مەبۇدلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بالىلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى؛ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قانداق قىلغان بولسا، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ كەلدى. | 41 |
Muxu ǝllǝr xu tǝriⱪidǝ Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪatti ⱨǝm oyma mǝbudlarning ⱪulluⱪida bolatti; ularning baliliri bilǝn balilirining balilirimu xundaⱪ ⱪilatti; ɵz ata-bowiliri ⱪandaⱪ ⱪilƣan bolsa, ularmu bügünki küngiqǝ xundaⱪ ⱪilip kǝldi.