< پادىشاھلار 2 16 >
رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا، يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. | 1 |
Le Peka, Remalia ƒe vi ƒe fiaɖuɖu ƒe ƒe wuiadrelia me la, Ahaz, Yotam ƒe vi, zu fia le Yuda.
ئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلغانىدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلمىدى. | 2 |
Ahaz xɔ ƒe blaeve esi wòzu fia eye wòɖu fia le Yerusalem ƒe wuiade. Mewɔ nu si dzɔ le Yehowa, eƒe Mawu la ŋkume abe ale si tɔgbuia, Fia David wɔ ene o.
ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭاتتى، ھەتتا پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى. | 3 |
Eto Israel fiawo ƒe ʋeme eye wòtsɔ Via ŋutsu gɔ̃ hã wɔ dzovɔsa eye wòdze ŋunyɔnu siwo ke dukɔ siwo Yehowa nya le Israelviwo ŋgɔ la yome.
ئۇ «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا قۇربانلىق قىلىپ، كۈجە كۆيدۈرەتتى. | 4 |
Esaa vɔ eye wòdoa dzudzɔ hã le nuxeƒewo le toawo dzi kple le vɔsamlekpui geɖe siwo le atiwo te la dzi.
شۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، [پادىشاھ] ئاھازنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشىۋالغىنى بىلەن، لېكىن ئۇنى مەغلۇپ قىلالمىدى. | 5 |
Siria fia Rezin kple Israel fia Peka, Remalia ƒe vi ho aʋa ɖe Ahaz ŋu eye woɖe to ɖe Yerusalem, ke womete ŋu ɖu edzi o.
ئاشۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ئېلات شەھىرىنى سۇرىيەگە قايتۇرۇۋالدى ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارنى ھەيدىۋەتتى. ئاندىن سۇرىيلەر كېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. | 6 |
Le ɣe ma ɣi la, Siria fia Rezin gbugbɔ Siria du si nye Elat la xɔ. Enya Yudatɔwo le dua me eye wòna Edomtɔwo yi ɖanɔ afi ma; wogale Elat va se ɖe egbe.
ئاھاز ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: مەن سىلىنىڭ قۇللىرى، سىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولىمەن؛ ماڭا ھۇجۇم قىلىۋاتقان سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا چىققايلا، دېدى. | 7 |
Fia Ahaz ɖo du ɖe Asiria fia, Tiglat Pilser eye wòɖe kuku nɛ be, “Wò subɔlawo kple viwòwoe míenye, meɖe kuku, va nàɖem tso Aram fia kple Israel fia, ame siwo tso ɖe ŋunye la ƒe asi me.”
شۇنى ئېيتىپ ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىكى كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى سوۋغا قىلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ئەۋەتتى. | 8 |
Ahaz tsɔ klosalo kple sika si le gbedoxɔ la kple fiasã la ƒe nudzraɖoƒewo me la ɖo ɖe Asiria fia la abe nunana ene.
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى دەمەشققە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇنىڭدىكى ئاھالىنى تۇتقۇن قىلىپ كىر شەھىرىگە ئېلىپ باردى ۋە رەزىننى ئۆلتۈردى. | 9 |
Ale Asiriatɔwo dze Damasko, Siria ƒe fiadu dzi, woɖe aboyo dua me tɔwo yi ɖada ɖe Kir eye wowu Siria fia Rezin.
ئاھاز پادىشاھ ئەمدى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر بىلەن كۆرۈشكىلى دەمەشققە باردى ۋە شۇنداقلا دەمەشقتىكى قۇربانگاھنى كۆردى. ئاندىن ئاھاز پادىشاھ شۇ قۇربانگاھنىڭ رەسىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىلىش تەپسىلاتلىرىنىڭ لايىھىسىنى سىزىپ، ئۇنى ئۇرىيا كاھىنغا يەتكۈزدى. | 10 |
Azɔ la, Fia Ahaz yi Damasko be yeawɔ takpekpe kple Asiria fia Tigat Pilser. Ekpɔ vɔsamlekpui aɖe le Damasko. Eŋlɔ vɔsamlekpui la ƒe dzidzemewo da ɖi, ta vɔsamlekpui la, ɖɔe tsitotsito ɖo ɖe nunɔla Uria.
شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن بارلىق تەپسىلاتلار بويىچە بىر قۇربانگاھ ياسىدى. ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كەلمەستە، ئۇرىيا كاھىن ئۇنى شۇنداق تەييار قىلغانىدى. | 11 |
Ale nunɔla Uria tu vɔsamlekpui aɖe, wòsɔ ɖe tata si Fia Ahaz tsɔ ɖo ɖa tso Damasko la dzi eye wòwu enu hafi Fia Ahaz gbɔ.
پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كېلىپ، قۇربانگاھنى كۆرۈپ، قۇربانگاھقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇندى؛ | 12 |
Esi fia la gbɔ tso Damasko eye wòkpɔ vɔsamlekpuia la, ete ɖe eŋu eye wòsa vɔwo le edzi.
ئۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈپ، «شاراب ھەدىيە»سىنى تۆكۈپ، «ئىناقلىق قۇربانلىقى»نىڭ قېنىنى چاچتى. | 13 |
Fia la sa numevɔ kple nuɖuvɔ, kɔ nunovɔ ɖe edzi eye wòhlẽ ŋutifafavɔsa ƒe ʋu ɖe edzi.
شۇنداق قىلىپ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز قۇربانگاھىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى. | 14 |
Etsɔ akɔblivɔsamlekpui si nɔ gbedoxɔ la ŋgɔ, le gbedoxɔ la ƒe mɔnu kple vɔsamlekpui yeye la dome la yi ɖada ɖe vɔsamlekpui yeye la ƒe axadzi le anyiehe lɔƒo.
ئاھاز پادىشاھ ئۇرىيا كاھىنغا بۇيرۇق قىلىپ: مۇشۇ چوڭ قۇربانگاھ ئۈستىگە ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى، ھەممە يۇرتنىڭ پۈتۈن خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كۆيدۈرۈپ سۇنىسەن. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرىنى ئۇشبۇ قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە تۆكىسەن. مىس قۇربانگاھ بولسا مېنىڭ يول سورىشىم ئۈچۈن بولسۇن، دېدى. | 15 |
Fia Ahaz gblɔ na nunɔla Uria be wòawɔ vɔsamlekpui yeye la ŋu dɔ le numevɔwo, fiẽnuɖuvɔwo, fia ƒe numevɔwo kple nuɖuvɔwo kple ameawo ƒe vɔsawo kple woƒe nunovɔwo sasa me. Wòatsɔ numevɔsawo kple akpedavɔsawo ƒe ʋu ahlẽ ɖe vɔsamlekpui yeye la ŋu, ke ye ŋutɔ yeawɔ akɔblivɔsamlekpui xoxo la ŋu dɔ hena nukaka ko.
شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى. | 16 |
Nunɔla Uria, wɔ fia Ahaz ƒe ɖoɖowo dzi pɛpɛpɛ.
ئاھاز پادىشاھ داس تەگلىكلىرىگە بېكىتىلگەن تاختايلارنى كېسىپ ئاجرىتىپ، داسلارنى تەگلىكلىرىدىن ئېلىۋەتتى؛ ئۇ مىس «دېڭىز»نى تېگىدىكى مىس ئۇيلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنى تاش تاختايلىق بىر مەيدانغا قويدۇردى. | 17 |
Fia Ahaz ɖe nyinɔ siwo dzi nuwo nɔ le gbedoxɔ la me ɖe ga siwo wotsɔ tso gae ɖe wo nɔewo dzi kple gazɔ gã si nɔ akɔblinyiawo dzi la da ɖe kpui la dzi.
ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تۇتىشىدىغان «شابات كۈنىدىكى ئايۋانلىق يول» بىلەن پادىشاھ تاشقىرىدىن كىرىدىغان يولنى ئېتىۋەتتى. | 18 |
Le bubudede Asiria fia ŋu ta la, Israel fia na woɖe Dzudzɔgbe ƒe agbadɔ si le gbedoxɔa me la ɖa eye wòna woɖe mɔnu tɔxɛ si fiawo tona gena ɖe Yehowa ƒe gbedoxɔ la hã ɖa.
ئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 19 |
Woŋlɔ Fia Ahaz ƒe fiaɖuɖu ƒe ŋutinya mamlɛawo kple nu siwo wòwɔ la ɖe Yuda fiawo ƒe ŋutinyagbalẽ me.
ئاھاز ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ھەزەكىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 20 |
Esi Ahaz ku la, woɖii ɖe fiawo ƒe ameɖibɔ le David ƒe du la me. Ke via Hezekia zu fia ɖe eteƒe.