< پادىشاھلار 2 14 >
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا [يەھۇدادىكى] يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. | 1 |
Israilning padishahi Yehoahazning oghli Yoashning seltenitining ikkinchi yilida [Yehudadiki] Yoashning oghli Amaziya Yehudagha padishah boldi.
پادىشاھ بولغاندا ئۇ يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق يەھوئاددان ئىدى. | 2 |
Padishah bolghanda u yigirme besh yashqa kirgenidi; u Yérusalémda yigirme toqquz yil seltenet qildi. Uning anisi Yérusalémliq Yehoaddan idi.
ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئەجدادى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئاتىسى يوئاشنىڭ بارلىق قىلغانلىرى بويىچە ئىش كۆرەتتى. | 3 |
Amaziya Perwerdigarning neziride durus bolghanni qilatti, lékin ejdadi Dawut qilghandek emes, belki atisi Yoashning barliq qilghanliri boyiche ish köretti.
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. | 4 |
Peqet «yuqiri jaylar»la yoqitilmidi; xelq yenila «yuqiri jaylar»gha chiqip qurbanliq qilip xushbuy yaqatti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، سەلتەنىتى ئۇنىڭ قولىدا مۇقىم بولغاندا، ئۇ پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. | 5 |
We shundaq boldiki, selteniti uning qolida muqim bolghanda, u padishah atisini öltürgen xizmetkarlirini tutup öltürdi.
لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ يا ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. | 6 |
Lékin Musagha chüshürülgen qanun kitabida Perwerdigarning: «Atilarni oghulliri üchün ölümge mehkum qilishqa bolmaydu ya oghullirini atiliri üchün ölümge mehkum qilishqa bolmaydu, belki herbiri öz gunahi üchün ölümge mehkum qilinsun» dep pütülgen emri boyiche, u öltürgüchilerning balilirini ölümge mehkum qilmidi.
ئۇ «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى ۋە جەڭ قىلىپ سېلانى ئىشغال قىلىپ ئۇنى يوقتەئەل دەپ ئاتىدى؛ بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. | 7 |
U «Shor wadisi»da Édomiylardin on ming eskerni öltürdi we jeng qilip Sélani ishghal qilip uni Yoqteel dep atidi; bügün’giche u shundaq atilip kelmekte.
ئاندىن كېيىن ئامازىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى. | 8 |
Andin kéyin Amaziya Israilning padishahi Yehuning newrisi, Yehoahazning oghli Yehoashning aldigha elchilerni mangdurup: «Qéni, [jeng meydanida] yüz turane körüsheyli» dédi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: ــ «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن، دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. | 9 |
Israilning padishahi Yehoash Yehudaning padishahi Amaziyagha elchi ewetip mundaq sözlerni yetküzdi: — «Liwandiki tiken Liwandiki kédir derixige söz ewetip: Öz qizingni oghlumgha xotunluqqa bergin, dédi. Lékin Liwandiki bir yawayi haywan ötüp kétiwétip, tikenni dessiwetti.
سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. ئەمدى يايراپ پەخىرلەن، بىراق ئۆيدە قالغىن؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». | 10 |
Sen derweqe Édomning üstidin ghelibe qilding; könglüngde öz-özüngdin meghrurlinip ketting. Emdi yayrap pexirlen, biraq öyde qalghin; némishqa béshinggha külpet keltürüp, özüngni we özüng bilen Yehudani balagha yiqitisen?».
ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش جەڭگە چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن يەھۇدادىكى بەيت-شەمەشتە ئۇچرىشىپ سوقۇشتى. | 11 |
Emma Amaziya qulaq salmidi. Israilning padishahi Yehoash jengge chiqti; shuning bilen u Yehudaning padishahi Amaziya bilen Yehudadiki Beyt-Shemeshte uchriship soqushti.
يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. | 12 |
Yehudaning ademliri Israilning ademliri teripidin tiripiren qilinip, herbiri öz öyige qéchip ketti.
ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش بەيت-شەمەشتە ئاھازىيانىڭ نەۋرىسى، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى. | 13 |
We Israilning padishahi Yehoash Beyt-Shemeshte Ahaziyaning newrisi, Yehoashning oghli, Yehudaning padishahi Amaziyani esir qilip, Yérusalémgha élip bardi; u Yérusalémning sépilining Efraim derwazisidin tartip burjek derwazisighiche bolghan töt yüz gezlik bir bölikini örüwetti.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ھەمدە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، ھەممە قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. | 14 |
U Perwerdigarning öyidin hemde padishahning ordisidiki xezinidin tépilghan barliq altun-kümüsh, hemme qacha-quchilarni buliwaldi we képillik süpitide birnechche tutqunni élip Samariyege yénip ketti.
ئەمما يەھوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 15 |
Emma Yehoashning bashqa ishliri hem qilghanlirining hemmisi, jümlidin uning Yehudaning padishahi Amaziya bilen jeng qilip körsetken qudriti «Israil padishahlirining Tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەروبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 16 |
Yehoash öz ata-bowilirining arisida uxlidi we Samariyede Israilning padishahlirining arisida depne qilindi. Oghli Yeroboam uning ornigha padishah boldi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. | 17 |
Israilning padishahi Yehoahazning oghli Yehoash ölgendin kéyin, Yehoashning oghli, Yehudaning padishahi Amaziya on besh yil ömür kördi.
ئەمدى ئامازىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 18 |
Emdi Amaziyaning bashqa emelliri hem qilghanlirining hemmisi «Yehuda padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
ئۇ يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى، لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. | 19 |
U Yérusalémda beziler uni qestleshke kirishkenidi, Laqish shehirige qéchip ketti; lékin qestligüchiler keynidin Laqishqa adem ewetip u yerde uni öltürdi.
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. | 20 |
Andin ular uni atlargha artip Yérusalémgha élip bardi. U Yérusalémda ata-bowilirining arisida «Dawutning shehiri»de depne qilindi.
يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىرگەن ئوغلى ئازارىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى | 21 |
Yehudaning barliq xelqi uning on alte yashqa kirgen oghli Azariyani tiklep, uni atisi Amaziyaning ornida padishah qildi
(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئازارىيا ئىدى). | 22 |
(padishah atisi ata-bowilirining arisida uxlighandin kéyin, Élat shehirini qaytidin yasap, Yehudagha yene tewe qilghuchi del Azariya idi).
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ، سامارىيەدە قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. | 23 |
Yehudaning padishahi Yoashning oghli Amaziyaning seltenitining on beshinchi yilida, Israilning padishahi Yehoashning oghli Yeroboam höküm sürüshke bashlap, Samariyede qiriq bir yil seltenet qildi.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچبىرىنى تاشلىمىدى. | 24 |
U Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qildi; u Israilni gunahqa putlashturghan Nibatning oghli Yeroboamning gunahlirining héchbirini tashlimidi.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى گات-ھەفەرلىك ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇس [پەيغەمبەر] ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ [شىمالدا] خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ [جەنۇبتا] «ئاراباھ دېڭىزى»غىچە ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. | 25 |
Israilning Xudasi Perwerdigarning öz quli Gat-Heferlik Amittayning oghli Yunus [peyghember] arqiliq éytqan sözi emelge ashurulup, u [shimalda] Xamat rayonigha kirish éghizidin tartip [jenubta] «Arabah déngizi»ghiche Israilning chégralirini kéngeytip eslige keltürdi.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ تارتقان ئازابلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ ئاجىزلار ھەم مېيىپلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى، ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى. | 26 |
Chünki Perwerdigar Israilning tartqan azablirining intayin qattiq ikenlikini kördi; ajizlar hem méyiplardin bashqa héchkim qalmidi, Israilgha medetkar yoq idi.
پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن يوقىتىمەن» دېگەن ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا ئۇ يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدى. | 27 |
Perwerdigar: «Israilning namini asmanning astidin yoqitimen» dégen emes idi; shunga U Yehoashning oghli Yeroboamning qoli bilen ularni qutquzdi.
ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە قانداق جەڭ قىلىپ، ئەسلى يەھۇداغا تەۋە بولغان دەمەشق بىلەن خاماتنى ياندۇرۇۋالغانلىقى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 28 |
Emdi Yeroboamning bashqa ishliri hem qilghanlirining hemmisi, jümlidin uning seltenitining qudriti we qandaq jeng qilip, esli Yehudagha tewe bolghan Demeshq bilen Xamatni yanduruwalghanliqi «Israil padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
يەروبوئام ئاتا-بوۋىلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى زەكەرىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 29 |
Yeroboam ata-bowiliri, yeni Israilning padishahlirining arisida uxlidi we oghli Zekeriya uning ornida padishah boldi.