< پادىشاھلار 2 13 >
ئاھازىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى، يەھۇنىڭ ئوغلى يەھوئاھاز سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. | 1 |
Ahaziyaning oghli, Yehudaning padishahi Yoashning seltenitining yigirme üchinchi yili, Yehuning oghli Yehoahaz Samariyede Israilgha padishah bolup, Samariyede on yette yil seltenet qildi.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ھېچ چىقمىدى. | 2 |
U Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qilip, Israilni gunahqa putlashturghan Nibatning oghli Yeroboamning gunahlirigha egiship mangdi; u ulardin héch chiqmidi.
بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلارنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ۋە ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. | 3 |
Buning üchün Perwerdigarning ghezipi Israilgha qozghaldi; u ularni Suriyening padishahi Hazaelning we Hazaelning oghli Ben-Hadadning qoligha tapshurup berdi.
يەھوئاھاز پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلىدى؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دۇئاسىغا قۇلاق سالدى. چۈنكى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتاتتى. | 4 |
Yehoahaz Perwerdigardin rehim tilidi; we Perwerdigar Israilning qisilip qalghanliqini körüp duasigha qulaq saldi. Chünki Suriyening padishahi ulargha zulum qiliwatatti.
پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇرىيلەرنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇپ قۇتۇلدى. كېيىن ئىسرائىل يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىدە ماكانلاشتى. | 5 |
Perwerdigar Israilgha bir qutquzghuchi teyinlidi; shuning bilen ular Suriylerning qolidin azad bolup qutuldi. Kéyin Israil yene burunqidek öz öy-chédirliride makanlashti.
لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئام جەمەتىنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى؛ ئۇلار يەنىلا شۇ يولدا ماڭاتتى. ھەتتا سامارىيەدە بىر «ئاشەراھ» بۇتمۇ قالغانىدى. | 6 |
Lékin ular Israilni gunahqa putlashturghan Yeroboam jemetining gunahliridin chiqmidi; ular yenila shu yolda mangatti. Hetta Samariyede bir «Asherah» butmu qalghanidi.
[سۇرىيەنىڭ پادىشاھى] يەھوئاھازغا پەقەت ئەللىك ئاتلىق لەشكەرنى، ئون جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئون مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىلا قالدۇرغانىدى. چۈنكى ئۇ يەھوئاھازنىڭ [قوشۇنىنى] يوقىتىپ خاماندىكى توپا-چاڭدەك قىلىۋەتكەنىدى. | 7 |
[Suriyening padishahi] Yehoahazgha peqet ellik atliq leshkerni, on jeng harwisi bilen on ming piyade eskirinila qaldurghanidi. Chünki u Yehoahazning [qoshunini] yoqitip xamandiki topa-changdek qiliwetkenidi.
ئەمدى يەھوئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 8 |
Emdi Yehoahazning bashqa ishliri hem qilghanlirining hemmisi, jümlidin seltenitining hemme qudriti «Israil padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
يەھوئاھاز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوئاش ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 9 |
Yehoahaz ata-bowilirining arisida uxlidi we Samariyede depne qilindi. Andin oghli Yoash ornida padishah boldi.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. | 10 |
Yehudaning padishahi Yoashning seltenitining ottuz yettinchi yilida Yehoahazning oghli Yehoash Samariyede Israilgha padishah bolup, on alte yil seltenet qildi.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى تاشلىمىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ماڭاتتى. | 11 |
U Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qildi; u Israilni gunahqa putlashturghan, Nibatning oghli Yeroboamning gunahlirining héchqaysisini tashlimidi; u shu yolda mangatti.
ئەمدى يوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 12 |
Emdi Yoashning bashqa ishliri hem qilghanlirining hemmisi, jümlidin uning Yehudaning padishahi Amaziya bilen jeng qilip körsetken qudriti «Israil padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
يوئاش ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە يەروبوئام ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. | 13 |
Yoash ata-bowilirining arisida uxlidi we Yeroboam uning textige olturdi. Yoash Samariyede Israilning padishahliri arisida depne qilindi.
ئېلىشا ئۆز ئەجىلىنى يەتكۈزىدىغان كېسەل بىلەن ياتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ يىغلاپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلىق ئەسكەرلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى. | 14 |
Élisha öz ejilini yetküzidighan késel bilen yatti. Israilning padishahi Yoash uning qéshigha kélip uning yüzige éngiship yighlap: I atam, i atam, Israilning jeng harwisi hem atliq eskerliri!» dep peryad kötürdi.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: بىر يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگىن، دېدى. ئۇ يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگەندە | 15 |
Élisha uninggha: Bir ya bilen ya oqlirini keltürgin, dédi. U ya bilen ya oqlirini keltürgende
ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: قولۇڭنى ياغا سېلىپ تۇتقىن، دېدى. ئۇ قولىنى قويغاندا ئېلىشامۇ قوللىرىنى پادىشاھنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭغا: | 16 |
Élisha Israilning padishahigha: Qolungni yagha sélip tutqin, dédi. U qolini qoyghanda Élishamu qollirini padishahning qollirining üstige qoyup, uninggha:
ــ مەشرىق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچقىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئاچقاندا ئېلىشا: ئاتقىن، دېدى. ئۇ ئېتىۋىدى، ئېلىشا ئۇنىڭغا: مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت يا ئوقى، يەنى سۇرىيەنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازىنىدىغان يا ئوقىدۇر. سەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئافەقتە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىسەن، دېدى. | 17 |
— Meshriq tereptiki dérizini achqin, dédi. U uni achqanda Élisha: Atqin, dédi. U étiwidi, Élisha uninggha: Mana bu Perwerdigarning nusret ya oqi, yeni Suriyening üstidin nusret qazinidighan ya oqidur. Sen Suriylerni yoqatquche Afeqte ular bilen jeng qilisen, dédi.
ئاندىن ئۇ: ــ يا ئوقلىرىنى قولۇڭغا ئالغىن، دېدى. ئۇلارنى ئالغاندا، ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ئۇلار بىلەن يەرگە ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ توختىدى. | 18 |
Andin u: — Ya oqlirini qolunggha alghin, dédi. Ularni alghanda, Élisha Israilning padishahigha: Ular bilen yerge urghin, dédi. U üch qétim urup toxtidi.
خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: سەن بەش-ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، سەن سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ يوقىتىپ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلاتتىڭ؛ لېكىن ئەمدى سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ، پەقەت ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، دېدى. | 19 |
Xudaning adimi uninggha achchiqlinip: Sen besh-alte qétim urushunggha toghra kéletti. Shundaq qilghan bolsang, sen Suriylerni urup yoqitip üzül-késil meghlup qilatting; lékin emdi Suriylerni urup, peqet üch qétimla meghlup qilalaysen, dédi.
ئېلىشا ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى. ئەمدى ھەر يىلى، يىل بېشىدا موئابلاردىن توپ-توپ بۇلاڭچىلار يۇرتقا پاراكەندىچىلىك سالاتتى. | 20 |
Élisha ölüp depne qilindi. Emdi her yili, yil béshida Moablardin top-top bulangchilar yurtqa parakendichilik salatti.
بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، خەلق بىر ئۆلگەن ئادەمنى يەرلىكىگە قويۇۋاتقاندا، مانا، ئۇلار بىر توپ بۇلاڭچىلارنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار جەسەتنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىدى. جەسەت ئېلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەگكەندە، ئۇ تىرىلىپ، قوپۇپ تىك تۇردى. | 21 |
Bir küni shundaq boldiki, xelq bir ölgen ademni yerlikige qoyuwatqanda, mana, ular bir top bulangchilarni körüp qaldi, ular jesetni Élishaning görige tashlidi. Jeset Élishaning ustixinigha tegkende, u tirilip, qopup tik turdi.
ئەمما سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بولسا يەھوئاھازنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئىسرائىلغا زالىملىق قىلاتتى. | 22 |
Emma Suriyening padishahi Hazael bolsa Yehoahazning hemme künliride Israilgha zalimliq qilatti.
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ ئىچ ئاغرىتاتتى؛ ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ياقۇپقا باغلىغان ئەھدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلماي، ئۆز ھۇزۇرىدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمىغانىدى. | 23 |
Lékin Perwerdigar ulargha méhriban bolup ich aghritatti; Ibrahim bilen Ishaq we Yaqupqa baghlighan ehdisi tüpeylidin U ulargha iltipat qilip, ularni bügün’ge qeder halak qilmay, Öz huzuridin chiqiriwétishni xalimighanidi.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل ئۆلدى ۋە ئوغلى بەن-ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 24 |
Suriyening padishahi Hazael öldi we oghli Ben-Hadad uning ornida padishah boldi.
ئاندىن كېيىن يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىدىن ھازائەل ئۆز ئاتىسى يەھوئاھازدىن جەڭدە تارتىۋالغان شەھەرلەرنى ياندۇرۇۋالدى. يەھوئاش ئۇنى ئۇرۇپ، ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىنى ياندۇرۋالدى. | 25 |
Andin kéyin Yehoahazning oghli Yehoash Hazaelning oghli Ben-Hadadning qolidin Hazael öz atisi Yehoahazdin jengde tartiwalghan sheherlerni yanduruwaldi. Yehoash uni urup, üch qétim meghlup qilip, shuning bilen Israilning sheherlirini yandurwaldi.