< پادىشاھلار 2 12 >
يەھۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاش پادىشاھ بولدى؛ ئۇ قىرىق يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەر-شېبالىق زىبىياھ ئىدى. | 1 |
Yǝⱨuning sǝltǝnitining yǝttinqi yilida Yǝⱨoax padixaⱨ boldi; u ⱪiriⱪ yil Yerusalemda sǝltǝnǝt ⱪildi. Uning anisi Bǝǝr-Xebaliⱪ Zibiyaⱨ idi.
يەھوئاش يەھويادا كاھىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان بارلىق كۈنلەردە، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. | 2 |
Yǝⱨoax Yǝⱨoyada kaⱨin uningƣa nǝsiⱨǝt ⱪilip turƣan barliⱪ künlǝrdǝ, Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ durus bolƣanni ⱪildi.
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. | 3 |
Pǝⱪǝt «yuⱪiri jaylar»la yoⱪitilmidi; hǝlⱪ yǝnila «yuⱪiri jaylar»ƣa qiⱪip ⱪurbanliⱪ ⱪilip huxbuy yaⱪatti.
يەھوئاش كاھىنلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە خۇداغا ئاتالغان ھەممە پۇل، جۈملىدىن رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر كىشىنىڭ باج پۇلى، قەسەم ئىچكەنلەرنىڭ پۇلى ۋە ھەركىم ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن ھەممە پۇلنى | 4 |
Yǝⱨoax kaⱨinlarƣa: — Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ Hudaƣa atalƣan ⱨǝmmǝ pul, jümlidin royhǝttin ɵtküzülgǝn ⱨǝr kixining baj puli, ⱪǝsǝm iqkǝnlǝrning puli wǝ ⱨǝrkim ihtiyari bilǝn Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ beƣixlap ǝkǝlgǝn ⱨǝmmǝ pulni
كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن تاپشۇرۇۋېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ پۇلنى ئىشلىتىپ شۇلارنى ئوڭشىسۇن، دېدى. | 5 |
kaⱨinlar hǝziniqilǝrdin tapxuruwelip Pǝrwǝrdigarning ɵyining ⱪaysi yeri buzulƣan bolsa, xu pulni ixlitip xularni ongxisun, dedi.
لېكىن يەھوئاش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلىغىچە، كاھىنلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭلىمىغانىدى. | 6 |
Lekin Yǝⱨoax padixaⱨning sǝltǝnitining yigirmǝ üqinqi yiliƣiqǝ, kaⱨinlar ibadǝthanining buzulƣan yǝrlirini tehiqǝ onglimiƣanidi.
ئاندىن يەھوئاش پادىشاھ يەھويادا كاھىن ۋە باشقا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىمىدىڭلار؟ مۇندىن كېيىن خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاتماڭلار، دېدى. | 7 |
Andin Yǝⱨoax padixaⱨ Yǝⱨoyada kaⱨin wǝ baxⱪa kaⱨinlarni qaⱪirip ularƣa: — Nemixⱪa ibadǝthanining buzulƣan yǝrlirini ongximidinglar? Mundin keyin hǝziniqilǝrdin pul almanglar wǝ ɵzünglar ibadǝthanining buzulƣan yǝrlirini onglatmanglar, dedi.
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار ماقۇل بولۇشۇپ: بىز بۇنىڭدىن كېيىن خەلقتىن پۇل ئالمايمىز ھەم ئۆزىمىز ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنىمۇ ئوڭشىمايمىز، دېدى. | 8 |
Xuning bilǝn kaⱨinlar maⱪul boluxup: Biz buningdin keyin hǝlⱪtin pul almaymiz ⱨǝm ɵzimiz ibadǝthanining buzulƣan yǝrlirinimu ongximaymiz, dedi.
ئەمدى يەھويادا كاھىن بىر ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپ، ياپقۇچىدىن بىر تۆشۈك تېشىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا قويدى؛ كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ئوڭ تەرەپتە تۇراتتى. دەرۋازىغا قارايدىغان كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن بارلىق پۇلنى ئۇنىڭغا سالاتتى. | 9 |
Əmdi Yǝⱨoyada kaⱨin bir sanduⱪni elip qiⱪip, yapⱪuqidin bir tɵxük texip uni ⱪurbangaⱨning yeniƣa ⱪoydi; kixilǝr Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kirgǝndǝ, u ong tǝrǝptǝ turatti. Dǝrwaziƣa ⱪaraydiƣan kaⱨinlar Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kǝltürülgǝn barliⱪ pulni uningƣa salatti.
ۋە شۇنداق بولاتتىكى، ئۇلار ساندۇقتا كۆپ پۇل چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىن ئىبادەتخانىغا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى پۇلنى خالتىغا چىگىپ، ساناپ قوياتتى. | 10 |
Wǝ xundaⱪ bolattiki, ular sanduⱪta kɵp pul qüxkǝnlikini kɵrsǝ, padixaⱨning katipi bilǝn bax kaⱨin ibadǝthaniƣa qiⱪip, Pǝrwǝrdigarning ɵyidiki pulni haltiƣa qigip, sanap ⱪoyatti.
ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش باشلىرىغا ئۆلچەپ-ھېسابلاپ بېرەتتى. ئۇلار بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ياغاچچى بىلەن تامچىلار، | 11 |
Andin ular Pǝrwǝrdigarning ɵyini ongxaydiƣan ix baxliriƣa ɵlqǝp-ⱨesablap berǝtti. Ular bolsa uni Pǝrwǝrdigarning ɵyini ongxaydiƣan yaƣaqqi bilǝn tamqilar,
تاشچىلار بىلەن تاشتىراشلارغا بېرەتتى. ئۇلار مۇشۇ پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا، شۇنىڭدەك ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا ۋە ھەممە باشقا چىقىمغا ئىشلىتەتتى. | 12 |
taxqilar bilǝn taxtiraxlarƣa berǝtti. Ular muxu pulni Pǝrwǝrdigarning ɵyining buzulƣan yǝrlirini ongxaxⱪa lazim bolƣan yaƣaq bilǝn oyulƣan taxlarni setiwelixⱪa, xuningdǝk ibadǝthanini ongxaxⱪa wǝ ⱨǝmmǝ baxⱪa qiⱪimƣa ixlitǝtti.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن پۇل ئىبادەتخانىغا ئاتىلىدىغان كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، پىچاقلار، پىيالىلەر، كانايلار، يا ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان باشقا ھەرقانداق نەرسىلەرنى ياسىتىشقا ئىشلىتىلمەيتتى. | 13 |
Lekin Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kǝltürülgǝn pul ibadǝthaniƣa atilidiƣan kümüx ⱪaqa-ⱪuqilar, piqaⱪlar, piyalilǝr, kanaylar, ya altundin yaki kümüxtin yasalƣan baxⱪa ⱨǝrⱪandaⱪ nǝrsilǝrni yasitixⱪa ixlitilmǝytti.
ئۇلار بەلكى شۇ پۇلنى ئىش بېشىلىرىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىتاتتى. | 14 |
Ular bǝlki xu pulni ix bexiliriƣa berip, Pǝrwǝrdigarning ɵyini ongxitatti.
ئۇلار پۇلنى ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئىشلەمچىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن تاپشۇراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى قىلمايتتى؛ چۈنكى بۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. | 15 |
Ular pulni ix bejirgüqilǝrning ixlǝmqilǝrgǝ tǝⱪsim ⱪilip berixi üqün tapxuratti; lekin uning ⱨesawatini ⱪilmaytti; qünki bular insap bilǝn ix ⱪilatti.
لېكىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى پۇلى بىلەن گۇناھ قۇربانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۇللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنمەيتتى؛ ئۇ كاھىنلارغا تەۋە ئىدى. | 16 |
Lekin itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪi puli bilǝn gunaⱨ ⱪurbanliⱪiƣa munasiwǝtlik pullar Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ elip kelinmǝytti; u kaⱨinlarƣa tǝwǝ idi.
ئۇ ۋاقىتتا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل گات شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا يۈزلەندى. | 17 |
U waⱪitta Suriyǝ padixaⱨi Ⱨazaǝl Gat xǝⱨirigǝ ⱨujum ⱪilip, uni ixƣal ⱪildi. Andin Ⱨazaǝl Yerusalemƣa ⱨujum ⱪilixⱪa yüzlǝndi.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بولغان يەھۇدا پادىشاھلىرى يەھوشافات، يورام ۋە ئاھازىيا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ھەممە مۇقەددەس بۇيۇملارنى، ۋە ئۆزى تەقدىم قىلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىلىرىدىن ئىزدەپ تاپقان بارلىق ئالتۇنغا قوشۇپ، ھەممىسىنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلگە ئەۋەتتى؛ ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمدىن چېكىندى. | 18 |
Xuning bilǝn Yǝⱨudaning padixaⱨi Yǝⱨoax ɵz ata-bowiliri bolƣan Yǝⱨuda padixaⱨliri Yǝⱨoxafat, Yoram wǝ Aⱨaziya Pǝrwǝrdigarƣa tǝⱪdim ⱪilƣan ⱨǝmmǝ muⱪǝddǝs buyumlarni, wǝ ɵzi tǝⱪdim ⱪilƣanlirini Pǝrwǝrdigarning ɵyi ⱨǝm padixaⱨning ordisining hǝziniliridin izdǝp tapⱪan barliⱪ altunƣa ⱪoxup, ⱨǝmmisini Suriyǝning padixaⱨi Ⱨazaǝlgǝ ǝwǝtti; andin Ⱨazaǝl Yerusalemdin qekindi.
يوئاشنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 19 |
Yoaxning baxⱪa ǝmǝlliri ⱨǝm ⱪilƣanlirining ⱨǝmmisi «Yǝⱨuda padixaⱨlirining tarih-tǝzkiriliri» degǝn kitabta pütülgǝn ǝmǝsmidi?
ئەمدى [يەھوئاشنىڭ] خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا قەست قىلىپ سىللا داۋىنى تەرىپىدىكى مىللو قەلئەسىدە ئۇنى ئۆلتۈردى. | 20 |
Əmdi [Yǝⱨoaxning] hizmǝtkarliri uningƣa ⱪǝst ⱪilip Silla dawini tǝripidiki Millo ⱪǝl’ǝsidǝ uni ɵltürdi.
ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن شىمېئاتنىڭ ئوغلى يوزاقار ۋە شومەرنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئۇنى زەخىملەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 21 |
Uning hizmǝtkarliridin Ximeatning oƣli Yozaⱪar wǝ Xomǝrning oƣli Yǝⱨozabad uni zǝhimlǝndürdi, xuning bilǝn u ɵldi. U ɵz ata-bowilirining arisida «Dawutning xǝⱨiri»dǝ dǝpnǝ ⱪilindi. Oƣli Amaziya uning ornida padixaⱨ boldi.