< پادىشاھلار 2 11 >
ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. | 1 |
阿哈齊雅的母親阿塔里雅見自己的兒子已死,便起來消滅王室所有的後裔。
لېكىن يورام پادىشاھنىڭ قىزى، يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى يەھوشېبا ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يوئاش شۇ يول بىلەن ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قېلىنىپ ئۆلتۈرۈلمىدى. | 2 |
但約蘭王的女兒,阿哈齊雅的姊姊約舍巴,將阿哈齊雅的兒子約阿士,從被殺的王太子中偷了出來,把他和他的奶媽安置在寢室內,藏了起來,沒有讓阿塔里雅看見:這樣纔沒有被殺。
ئاندىن كېيىن [ئىنىك ئانىسى] بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىلغىچە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. شۇ ۋاقىتلاردا ئاتالىيا زېمىندا سەلتەنەت قىلدى. | 3 |
約阿士和他的奶媽,在上主的殿內隱藏了六年,當時由阿塔里雅主持國政。
يەتتىنچى يىلى يەھويادا ئادەم ئەۋەتىپ كارىيلار ھەم ئوردا پاسىبانلىرىنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىشتى. ئۇ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قەسەم ئىچكۈزۈپ، پادىشاھنىڭ ئوغلىنى كۆرسەتتى. | 4 |
第七年,約雅達派人將眾百夫長,加黎人隊長和衛隊長召來,領進上主的殿,與他們立約,在上主殿內起誓,然後引君王的兒子出來與他們相見,
ئاندىن ئۇلارغا بۇيرۇپ: مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن ئۈچتىن بىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا پاسىبانلىق كۆزىتى قىلسۇن. | 5 |
同時吩咐他們說:「你們應這樣行事,在安息日進宮值班的三分之一,要照例守衛王宮,
ئۈچتىن بىرى سۈر دېگەن دەرۋازىدا تۇرسۇن ۋە ئۈچتىن بىرى ئوردا پاسىبانلار ھويلىسىنىڭ كەينىدىكى دەرۋازىدا تۇرسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەر ئوردا ئۈچۈن پاسىبانلىق قىلىسىلەر. | 6 |
另三分之一守衛穌爾門,另三分之一把守守衛者的後門;仍照舊值班守衛聖殿。
شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىنى قىلىپ بولغان ئۈچتىن ئىككى قىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پادىشاھنىڭ قېشىدا پاسىبانلىق قىلسۇن. | 7 |
在安息日從上主殿內下班的兩隊,仍應在上主的殿內戒備,
سىلەر پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ، ھەربىرىڭلار قولۇڭلارغا ئۆز قورالىڭلارنى ئېلىپ، كىمدەكىم سېپىڭلاردىن ئۆتكىلى ئۇرۇنسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ پادىشاھ چىقىپ-كىرسە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈڭلار، دېدى. | 8 |
各人要手裡拿著武器環繞君王。擅入防線的,即將他殺死;君王出入時,你們要緊隨不離。」
يۈزبېشىلار كاھىن يەھويادا بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى؛ ھەربىر يۈزبېشى ئۆز ئادەملىرىنى، ھەم شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىگە كەلگەنلەرنى ھەم پاسىبانلىق نۆۋىتىدىن يانغانلارنى قالدۇرۇپ قالدى؛ ئاندىن يەھويادا كاھىننىڭ قېشىغا كەلدى. | 9 |
百夫長就按照司祭約雅達所吩咐的一切去行,各自帶領在安息日值班,和在安息日下班的士兵,來見司祭約雅達。
كاھىن بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقانلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. | 10 |
司祭便將上主殿內屬達味王的刀槍和盾牌,交給了眾百夫長。
ئوردا پاسىبانلىرى تىزىلىپ، ھەربىرى ئۆز قولىدا قورالىنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇردى. | 11 |
衛兵每人所持武器,自殿右至殿左,面對祭壇和聖殿,環立在君王四周;
يەھويادا شاھزادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، پادىشاھ بولۇشقا [خۇشبۇي ماي بىلەن] مەسىھ قىلدى. ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ: ــ «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. | 12 |
然後引出太子來,給他加冕,將約書交給他,立他為王,給他傅油,在場民眾都鼓掌歡呼:「君王萬歲! 」
ئاتالىيا ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن خەلقنىڭ توۋلاشلىرىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. | 13 |
阿塔里雅聽見民眾叫喊聲,就進上主的殿,到民眾前。
ئۇ قارىۋىدى، مانا پادىشاھ قائىدە-رەسىم بويىچە تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى. پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى؛ بارلىق يۇرت خەلقى شادلىنىپ، كاناي چېلىشاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. | 14 |
她一看,見君王照儀式站在高台上,官長和吹號角的,都站在君王兩旁,所有當地人民歡樂吹號;阿塔里雅就撕裂了自己的衣服,喊叫說:「反了,反了! 」
ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارغا: ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. | 15 |
約雅達司祭即吩咐帶領軍隊的眾百夫長說:「將她從行列中趕出去,凡跟隨她的,都用刀殺死。」原來司祭曾吩咐說:不可在上主的殿內殺她。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ۋە ئۇ پادىشاھ ئوردىسىغا كىرىدىغان ئات يولىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. | 16 |
於是眾人捉住她;當她由馬門進入王宮時,就地將她殺了。
يەھويادا: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ۋە پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئەھدە توختاتتى؛ پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەم بىر ئەھدە باغلاندى. | 17 |
此後,約雅達使君王和人民與上主立約,作上主的人民;又使君王與人民立約。
ئاندىن بارلىق زېمىندىكى خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. ئاندىن كېيىن [يەھويادا] كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە پاسىبانلارنى تەيىنلىدى. | 18 |
然後,所有當地人民都到巴耳廟去,將廟拆毀,將祭壇推翻,將神像完全打碎,在祭台前斬了巴耳的司祭瑪堂。司祭約雅達又調派士兵把守上主的殿,
ئاندىن ئۇ يۈزبېشىلار، كارىيلار، ئوردا پاسىبانلىرى ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن باشلاپ چۈشۈپ، ئوردىدىكى «پاسىبانلارنىڭ دەرۋازىسى»دىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزدى؛ يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. | 19 |
以後,率領眾百夫長、加黎人、衛兵和所有當地人民,請君王從上主的殿下來,經衛兵門進入王宮,請他坐在王座上。
يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. | 20 |
全國人民都歡樂喜慶,京城也很平靜。至於阿塔里雅,已在王宮用刀殺死。
يەھوئاش يەتتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولدى. | 21 |
約阿士即位時,纔七歲;