< پادىشاھلار 2 1 >
ئاھاب ئۆلگەندىن كېيىن موئاب ئىسرائىلغا ئىسيان كۆتۈردى. | 1 |
१अहाब के मरने के बाद मोआब इस्राएल के विरुद्ध बलवा करने लगा।
ئاھازىيا سامارىيەدە تۇرغاندا [ئوردىسىدىكى] بالىخانىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئەكرون شەھىرىدىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن مېنىڭ توغرامدا، كېسىلىدىن ساقىيامدۇ، دەپ سوراڭلار، دېدى. | 2 |
२अहज्याह एक जालीदार खिड़की में से, जो सामरिया में उसकी अटारी में थी, गिर पड़ा, और बीमार हो गया। तब उसने दूतों को यह कहकर भेजा, “तुम जाकर एक्रोन के बाल-जबूब नामक देवता से यह पूछ आओ, कि क्या मैं इस बीमारी से बचूँगा कि नहीं?”
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا تىشبىلىق ئىلىياسقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيە پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ماڭدىڭلارمۇ؟ | 3 |
३तब यहोवा के दूत ने तिशबी एलिय्याह से कहा, “उठकर सामरिया के राजा के दूतों से मिलने को जा, और उनसे कह, ‘क्या इस्राएल में कोई परमेश्वर नहीं जो तुम एक्रोन के बाल-जबूब देवता से पूछने जाते हो?’
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھازىر مۇنداق دېدىكى: «سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېگىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس يولغا چىقتى. | 4 |
४इसलिए अब यहोवा तुझ से यह कहता है, ‘जिस पलंग पर तू पड़ा है, उस पर से कभी न उठेगा, परन्तु मर ही जाएगा।’” तब एलिय्याह चला गया।
خەۋەرچىلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى؛ ئۇ ئۇلاردىن: نېمىشقا يېنىپ كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. | 5 |
५जब अहज्याह के दूत उसके पास लौट आए, तब उसने उनसे पूछा, “तुम क्यों लौट आए हो?”
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىر ئادەم بىزگە ئۇچراپ بىزگە: ــ سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەڭلار، ــ دېدى. | 6 |
६उन्होंने उससे कहा, “एक मनुष्य हम से मिलने को आया, और कहा कि, ‘जिस राजा ने तुम को भेजा उसके पास लौटकर कहो, यहोवा यह कहता है, कि क्या इस्राएल में कोई परमेश्वर नहीं जो तू एक्रोन के बाल-जबूब देवता से पूछने को भेजता है? इस कारण जिस पलंग पर तू पड़ा है, उस पर से कभी न उठेगा, परन्तु मर ही जाएगा।’”
پادىشاھ ئۇلاردىن: سىلەرگە ئۇچراپ بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئادەم قانداق ئادەم ئىكەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 7 |
७उसने उनसे पूछा, “जो मनुष्य तुम से मिलने को आया, और तुम से ये बातें कहीं, उसका कैसा रंग-रूप था?”
ئۇلار ئۇنىڭغا: ئۇ تۈكلۈك، بېلىگە تاسما باغلىغان ئادەم ئىكەن، دېدى. پادىشاھ: ئۇ تىشبىلىق ئىلىياس ئىكەن، دېدى. | 8 |
८उन्होंने उसको उत्तर दिया, “वह तो रोंआर मनुष्य था और अपनी कमर में चमड़े का फेंटा बाँधे हुए था।” उसने कहा, “वह तिशबी एलिय्याह होगा।”
ئاندىن پادىشاھ بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئىلىياسنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ بۇ كىشى ئىلىياسنىڭ قېشىغا بارغاندا، مانا ئۇ بىر دۆڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ سېنى چۈشۈپ كەلسۇن! دەيدۇ، دېدى. | 9 |
९तब उसने उसके पास पचास सिपाहियों के एक प्रधान को उसके पचासों सिपाहियों समेत भेजा। प्रधान ने एलिय्याह के पास जाकर क्या देखा कि वह पहाड़ की चोटी पर बैठा है। उसने उससे कहा, “हे परमेश्वर के भक्त राजा ने कहा है, ‘तू उतर आ।’”
لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا: ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. | 10 |
१०एलिय्याह ने उस पचास सिपाहियों के प्रधान से कहा, “यदि मैं परमेश्वर का भक्त हूँ तो आकाश से आग गिरकर तुझे तेरे पचासों समेत भस्म कर डाले।” तब आकाश से आग उतरी और उसे उसके पचासों समेत भस्म कर दिया।
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ ئۇنىڭغا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ ئېيتتى: سېنى دەرھال چۈشۈپ كەلسۇن! ــ دېدى. | 11 |
११फिर राजा ने उसके पास पचास सिपाहियों के एक और प्रधान को, पचासों सिपाहियों समेत भेज दिया। प्रधान ने उससे कहा, “हे परमेश्वर के भक्त राजा ने कहा है, ‘फुर्ती से तू उतर आ।’”
لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا: ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان خۇدانىڭ ئوتى ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. | 12 |
१२एलिय्याह ने उत्तर देकर उनसे कहा, “यदि मैं परमेश्वर का भक्त हूँ तो आकाश से आग गिरकर तुझे और तेरे पचासों समेत भस्म कर डाले।” तब आकाश से परमेश्वर की आग उतरी और उसे उसके पचासों समेत भस्म कर दिया।
پادىشاھ ئەمدى ئۈچىنچى بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ ئەللىكبېشى بېرىپ ئىلىياسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تىزلىنىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ جېنىم بىلەن سېنىڭ بۇ ئەللىك قۇلۇڭنىڭ جانلىرى نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن! | 13 |
१३फिर राजा ने तीसरी बार पचास सिपाहियों के एक और प्रधान को, पचासों सिपाहियों समेत भेज दिया, और पचास का वह तीसरा प्रधान चढ़कर, एलिय्याह के सामने घुटनों के बल गिरा, और गिड़गिड़ाकर उससे विनती की, “हे परमेश्वर के भक्त मेरा प्राण और तेरे इन पचास दासों के प्राण तेरी दृष्टि में अनमोल ठहरें।
دەرۋەقە، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىلگىرىكى ئىككى ئەللىكبېشىنى ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن كۆيدۈرۈۋەتتى. لېكىن ھازىر مېنىڭ جېنىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن، دېدى. | 14 |
१४पचास-पचास सिपाहियों के जो दो प्रधान अपने-अपने पचासों समेत पहले आए थे, उनको तो आग ने आकाश से गिरकर भस्म कर डाला, परन्तु अब मेरा प्राण तेरी दृष्टि में अनमोल ठहरे।”
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلىياسقا: سەن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بارغىن؛ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ | 15 |
१५तब यहोवा के दूत ने एलिय्याह से कहा, “उसके संग नीचे जा, उससे मत डर।” तब एलिय्याह उठकर उसके संग राजा के पास नीचे गया,
پادىشاھقا: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «ئىسرائىلدا ۋەھىي سورىغىلى بولىدىغان خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭغۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەيدۇ، ــ دېدى. | 16 |
१६और उससे कहा, “यहोवा यह कहता है, ‘तूने तो एक्रोन के बाल-जबूब देवता से पूछने को दूत भेजे थे तो क्या इस्राएल में कोई परमेश्वर नहीं कि जिससे तू पूछ सके? इस कारण तू जिस पलंग पर पड़ा है, उस पर से कभी न उठेगा, परन्तु मर ही जाएगा।’”
شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس دېگەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئاھازىيا ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، يەھورام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. بۇ يەھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. | 17 |
१७यहोवा के इस वचन के अनुसार जो एलिय्याह ने कहा था, वह मर गया। और उसकी सन्तान न होने के कारण यहोराम उसके स्थान पर यहूदा के राजा यहोशापात के पुत्र यहोराम के दूसरे वर्ष में राज्य करने लगा।
ئەمدى ئاھازىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بولسا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 18 |
१८अहज्याह के और काम जो उसने किए वह क्या इस्राएल के राजाओं के इतिहास की पुस्तक में नहीं लिखे हैं?