1 |
مەنكى ئاقساقالدىن [خۇدا تەرىپىدىن] تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئەزىز بالىلىرىغا سالام! مەن سىلەرنى ھەقىقەتتە سۆيىمەن ۋە يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەنە ھەقىقەتنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى بىزدە ياشاۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئەبەدگىچە بىزگە يار بولىدىغان ھەقىقەتنى دەپ سىلەرنى سۆيىدۇ. (aiōn g165) | 2 |
خۇدائاتىدىن ۋە ئاتىنىڭ ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھدىن شاپائەت، رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي! | 3 |
بالىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىز ئاتىدىن ئەمر تاپشۇرۇۋالغاندەك ھەقىقەتتە ماڭغانلارنى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. | 4 |
ئەمدى، ھۆرمەتلىك خانىم، مەن سەندىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، دەپ ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ ساڭا يېزىپ ئۆتۈنگىنىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ بىزدە بار ئەمردۇر | 5 |
(مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر. | 6 |
چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى. ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە دەججالدۇر. | 7 |
بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. | 8 |
كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. | 9 |
ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. | 10 |
چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر. | 11 |
سىلەرگە پۈتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. | 12 |
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدەڭنىڭ بالىلىرىدىن ساڭا سالام! | 13 |