< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 9 >
چۈنكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بۇ ياردەم خىزمىتى توغرۇلۇق سىلەرگە يەنە يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. | 1 |
ਪਵਿਤ੍ਰਲੋਕਾਨਾਮ੍ ਉਪਕਾਰਾਰ੍ਥਕਸੇਵਾਮਧਿ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਨ੍ ਪ੍ਰਤਿ ਮਮ ਲਿਖਨੰ ਨਿਸ਼਼੍ਪ੍ਰਯੋਜਨੰ|
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق بەل باغلىغىنىڭلارنى بىلىمەن؛ مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ماكېدونىيەدىكى [قېرىنداشلارغا] پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ [خەير-سەدىقە] [بېرىشىگە] تۈرتكە بولدى. | 2 |
ਯਤ ਆਖਾਯਾਦੇਸ਼ਸ੍ਥਾ ਲੋਕਾ ਗਤਵਰ੍ਸ਼਼ਮ੍ ਆਰਭ੍ਯ ਤਤ੍ਕਾਰ੍ੱਯ ਉਦ੍ਯਤਾਃ ਸਨ੍ਤੀਤਿ ਵਾਕ੍ਯੇਨਾਹੰ ਮਾਕਿਦਨੀਯਲੋਕਾਨਾਂ ਸਮੀਪੇ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕੰ ਯਾਮ੍ ਇੱਛੁਕਤਾਮਧਿ ਸ਼੍ਲਾਘੇ ਤਾਮ੍ ਅਵਗਤੋ(ਅ)ਸ੍ਮਿ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕੰ ਤਸ੍ਮਾਦ੍ ਉਤ੍ਸਾਹਾੱਚਾਪਰੇਸ਼਼ਾਂ ਬਹੂਨਾਮ੍ ਉਦ੍ਯੋਗੋ ਜਾਤਃ|
لېكىن قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم سىلەرنىڭ توغراڭلاردا پەخىرلىنىپ ماختىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردا بىھۇدە ئىش بولۇپ قالماسلىقى، سىلەرنىڭ دېگىنىمدەك تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. | 3 |
ਕਿਞ੍ਚੈਤਸ੍ਮਿਨ੍ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਨ੍ ਅਧ੍ਯਸ੍ਮਾਕੰ ਸ਼੍ਲਾਘਾ ਯਦ੍ ਅਤਥ੍ਯਾ ਨ ਭਵੇਤ੍ ਯੂਯਞ੍ਚ ਮਮ ਵਾਕ੍ਯਾਨੁਸਾਰਾਦ੍ ਯਦ੍ ਉਦ੍ਯਤਾਸ੍ਤਿਸ਼਼੍ਠੇਤ ਤਦਰ੍ਥਮੇਵ ਤੇ ਭ੍ਰਾਤਰੋ ਮਯਾ ਪ੍ਰੇਸ਼਼ਿਤਾਃ|
مۇبادا ماكېدونىيەدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغىنىدا، سىلەر تەييارلىقسىز بولساڭلار، بۇ ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن بىز خىجالەتكە قالدۇرۇلىمىز، سىلەر سۆزسىز شۇنداق بولىسىلەر. | 4 |
ਯਸ੍ਮਾਤ੍ ਮਯਾ ਸਾਰ੍ੱਧੰ ਕੈਸ਼੍ਚਿਤ੍ ਮਾਕਿਦਨੀਯਭ੍ਰਾਤ੍ਰੁʼਭਿਰਾਗਤ੍ਯ ਯੂਯਮਨੁਦ੍ਯਤਾ ਇਤਿ ਯਦਿ ਦ੍ਰੁʼਸ਼੍ਯਤੇ ਤਰ੍ਹਿ ਤਸ੍ਮਾਦ੍ ਦ੍ਰੁʼਢਵਿਸ਼੍ਵਾਸਾਦ੍ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕੰ ਲੱਜਾ ਜਨਿਸ਼਼੍ਯਤ ਇਤ੍ਯਸ੍ਮਾਭਿ ਰ੍ਨ ਵਕ੍ਤਵ੍ਯੰ ਕਿਨ੍ਤ੍ਵਸ੍ਮਾਕਮੇਵ ਲੱਜਾ ਜਨਿਸ਼਼੍ਯਤੇ|
شۇ سەۋەبتىن مەن قېرىنداشلاردىن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەردىن بۇ ۋەدە قىلغان خەيرلىك ئىشنى ئالدىنئالا تەييارلاپ پۈتتۈرۈشىنى ئۆتۈنۈشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ سىلەردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىش بولمىسۇن، بەلكى مېھرىبانلىقىڭلاردىن بولسۇن. | 5 |
ਅਤਃ ਪ੍ਰਾਕ੍ ਪ੍ਰਤਿਜ੍ਞਾਤੰ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕੰ ਦਾਨੰ ਯਤ੍ ਸਞ੍ਚਿਤੰ ਭਵੇਤ੍ ਤੱਚ ਯਦ੍ ਗ੍ਰਾਹਕਤਾਯਾਃ ਫਲਮ੍ ਅਭੂਤ੍ਵਾ ਦਾਨਸ਼ੀਲਤਾਯਾ ਏਵ ਫਲੰ ਭਵੇਤ੍ ਤਦਰ੍ਥੰ ਮਮਾਗ੍ਰੇ ਗਮਨਾਯ ਤਤ੍ਸਞ੍ਚਯਨਾਯ ਚ ਤਾਨ੍ ਭ੍ਰਾਤ੍ਰੁʼਨ੍ ਆਦੇਸ਼਼੍ਟੁਮਹੰ ਪ੍ਰਯੋਜਨਮ੍ ਅਮਨ੍ਯੇ|
ئەمما بۇنى [ئەسلەڭلار]: بېخىللىق بىلەن ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ. | 6 |
ਅਪਰਮਪਿ ਵ੍ਯਾਹਰਾਮਿ ਕੇਨਚਿਤ੍ ਕ੍ਸ਼਼ੁਦ੍ਰਭਾਵੇਨ ਬੀਜੇਸ਼਼ੂਪ੍ਤੇਸ਼਼ੁ ਸ੍ਵਲ੍ਪਾਨਿ ਸ਼ਸ੍ਯਾਨਿ ਕਰ੍ੱਤਿਸ਼਼੍ਯਨ੍ਤੇ, ਕਿਞ੍ਚ ਕੇਨਚਿਦ੍ ਬਹੁਦਭਵੇਨ ਬੀਜੇਸ਼਼ੂਪ੍ਤੇਸ਼਼ੁ ਬਹੂਨਿ ਸ਼ਸ੍ਯਾਨਿ ਕਰ੍ੱਤਿਸ਼਼੍ਯਨ੍ਤੇ|
ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. | 7 |
ਏਕੈਕੇਨ ਸ੍ਵਮਨਸਿ ਯਥਾ ਨਿਸ਼੍ਚੀਯਤੇ ਤਥੈਵ ਦੀਯਤਾਂ ਕੇਨਾਪਿ ਕਾਤਰੇਣ ਭੀਤੇਨ ਵਾ ਨ ਦੀਯਤਾਂ ਯਤ ਈਸ਼੍ਵਰੋ ਹ੍ਰੁʼਸ਼਼੍ਟਮਾਨਸੇ ਦਾਤਰਿ ਪ੍ਰੀਯਤੇ|
ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات-شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ. | 8 |
ਅਪਰਮ੍ ਈਸ਼੍ਵਰੋ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਨ੍ ਪ੍ਰਤਿ ਸਰ੍ੱਵਵਿਧੰ ਬਹੁਪ੍ਰਦੰ ਪ੍ਰਸਾਦੰ ਪ੍ਰਕਾਸ਼ਯਿਤੁਮ੍ ਅਰ੍ਹਤਿ ਤੇਨ ਯੂਯੰ ਸਰ੍ੱਵਵਿਸ਼਼ਯੇ ਯਥੇਸ਼਼੍ਟੰ ਪ੍ਰਾਪ੍ਯ ਸਰ੍ੱਵੇਣ ਸਤ੍ਕਰ੍ੰਮਣਾ ਬਹੁਫਲਵਨ੍ਤੋ ਭਵਿਸ਼਼੍ਯਥ|
[مۇقەددەس يازمىلاردا] پۈتۈلگىنىدەك: ــ «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ». (aiōn ) | 9 |
ਏਤਸ੍ਮਿਨ੍ ਲਿਖਿਤਮਾਸ੍ਤੇ, ਯਥਾ, ਵ੍ਯਯਤੇ ਸ ਜਨੋ ਰਾਯੰ ਦੁਰ੍ਗਤੇਭ੍ਯੋ ਦਦਾਤਿ ਚ| ਨਿਤ੍ਯਸ੍ਥਾਯੀ ਚ ਤੱਧਰ੍ੰਮਃ (aiōn )
ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل-مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. | 10 |
ਬੀਜੰ ਭੇਜਨੀਯਮ੍ ਅੰਨਞ੍ਚ ਵਪ੍ਤ੍ਰੇ ਯੇਨ ਵਿਸ਼੍ਰਾਣ੍ਯਤੇ ਸ ਯੁਸ਼਼੍ਮਭ੍ਯਮ੍ ਅਪਿ ਬੀਜੰ ਵਿਸ਼੍ਰਾਣ੍ਯ ਬਹੁਲੀਕਰਿਸ਼਼੍ਯਤਿ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕੰ ਧਰ੍ੰਮਫਲਾਨਿ ਵਰ੍ੱਧਯਿਸ਼਼੍ਯਤਿ ਚ|
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛ | 11 |
ਤੇਨ ਸਰ੍ੱਵਵਿਸ਼਼ਯੇ ਸਧਨੀਭੂਤੈ ਰ੍ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਭਿਃ ਸਰ੍ੱਵਵਿਸ਼਼ਯੇ ਦਾਨਸ਼ੀਲਤਾਯਾਂ ਪ੍ਰਕਾਸ਼ਿਤਾਯਾਮ੍ ਅਸ੍ਮਾਭਿਰੀਸ਼੍ਵਰਸ੍ਯ ਧਨ੍ਯਵਾਦਃ ਸਾਧਯਿਸ਼਼੍ਯਤੇ|
چۈنكى بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش پەقەت مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپلا قالماي، كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇداغا يەتكۈزگەن تەشەككۈرلىرىنى ئېشىپ تاشتۇرىدۇ. | 12 |
ਏਤਯੋਪਕਾਰਸੇਵਯਾ ਪਵਿਤ੍ਰਲੋਕਾਨਾਮ੍ ਅਰ੍ਥਾਭਾਵਸ੍ਯ ਪ੍ਰਤੀਕਾਰੋ ਜਾਯਤ ਇਤਿ ਕੇਵਲੰ ਨਹਿ ਕਿਨ੍ਤ੍ਵੀਸ਼੍ਚਰਸ੍ਯ ਧਨ੍ਯਵਾਦੋ(ਅ)ਪਿ ਬਾਹੁਲ੍ਯੇਨੋਤ੍ਪਾਦ੍ਯਤੇ|
بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ [ھاجەتمەن] بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. | 13 |
ਯਤ ਏਤਸ੍ਮਾਦ੍ ਉਪਕਾਰਕਰਣਾਦ੍ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕੰ ਪਰੀਕ੍ਸ਼਼ਿਤਤ੍ਵੰ ਬੁੱਧ੍ਵਾ ਬਹੁਭਿਃ ਖ੍ਰੀਸ਼਼੍ਟਸੁਸੰਵਾਦਾਙ੍ਗੀਕਰਣੇ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕਮ੍ ਆਜ੍ਞਾਗ੍ਰਾਹਿਤ੍ਵਾਤ੍ ਤਦ੍ਭਾਗਿਤ੍ਵੇ ਚ ਤਾਨ੍ ਅਪਰਾਂਸ਼੍ਚ ਪ੍ਰਤਿ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਕੰ ਦਾਤ੍ਰੁʼਤ੍ਵਾਦ੍ ਈਸ਼੍ਵਰਸ੍ਯ ਧਨ੍ਯਵਾਦਃ ਕਾਰਿਸ਼਼੍ਯਤੇ,
ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ. | 14 |
ਯੁਸ਼਼੍ਮਦਰ੍ਥੰ ਪ੍ਰਾਰ੍ਥਨਾਂ ਕ੍ਰੁʼਤ੍ਵਾ ਚ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਸ੍ਵੀਸ਼੍ਵਰਸ੍ਯ ਗਰਿਸ਼਼੍ਠਾਨੁਗ੍ਰਹਾਦ੍ ਯੁਸ਼਼੍ਮਾਸੁ ਤੈਃ ਪ੍ਰੇਮ ਕਾਰਿਸ਼਼੍ਯਤੇ|
ئۇنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاجايىب سوۋغىسى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر بولغاي! | 15 |
ਅਪਰਮ੍ ਈਸ਼੍ਵਰਸ੍ਯਾਨਿਰ੍ੱਵਚਨੀਯਦਾਨਾਤ੍ ਸ ਧਨ੍ਯੋ ਭੂਯਾਤ੍|