< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 8 >
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيەدىكى جامائەتلەرگە بېغىشلىغان مېھىر-شەپقىتىنى ئايان قىلماقچىمىز؛ | 1 |
And, my brethren, we make known to you the grace of God which was conferred on the churches of the Macedonians;
ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛ | 2 |
that in the great trial of their affliction, there was an abounding to their joy, and the depth of their poverty was exuberant in the riches of their liberality.
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە، ھەتتا كۈچىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت قىلغانلىقىغا ئۆزۈم گۇۋاھ. ئۇلار ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىپ، | 3 |
For I testify that, according to their ability, and beyond their ability, in the spontaneity of their mind,
بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛ | 4 |
they besought us, with much entreaty, that they might participate in the beneficence of the ministration to the saints.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛ | 5 |
And not only as we had expected, but they first gave themselves unto the Lord, and to us by the will of God.
شۇڭا، تىتۇس سىلەردە [بۇ] مېھرىبانلىقنى باشلىغانىكەن، بىز تىتۇستىن سىلەرنى بۇنىڭغا نېسىپداش قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىشقا ئۆتۈندۇق. | 6 |
So that we requested Titus, that as he had begun, so he would perfect in you also the same beneficence.
ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار. | 7 |
And as ye are enriched in every thing, in faith, and speech, and knowledge, and in all diligence, and in our love towards you, so abound ye in this beneficence also.
مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن. | 8 |
I do not actually command you, but by the promptitude of your fellow disciples, I would test the sincerity of your love.
چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر ــ گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر. | 9 |
For ye know the goodness of our Lord Jesus the Messiah, who when he was rich, for your sakes became poor, that by his poverty ye might be made rich.
مەن بۇ توغرۇلۇق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن ــ بۇ سىلەرگە پايدىلىق، چۈنكى سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار. | 10 |
And I urgently recommend to you, that which is for your advantage; inasmuch as ye began, a year ago, not only to purpose, but also to perform.
ئەمدى ھازىر ئۇنى ئادا قىلىڭلار؛ قىزغىن ئىرادە باغلىغىنىڭلاردەك، بار دۇنيايىڭلار بىلەن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىڭلار. | 11 |
And now complete ye by action, what ye purposed; that as ye had a promptitude in your purposing, so ye may fulfill it in action, according to your ability.
چۈنكى [خەير-ساخاۋەتكە] بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر. | 12 |
For if there is a willingness, a person is accepted according to what he hath, and not according to what he hath not.
چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمەن دەپ، ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار دېگىنىم ئەمەس، | 13 |
For it is not, that others may have easement, and you pressure;
سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، [كۈنلەرنىڭ بىرىدە] ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ. | 14 |
but that ye may be on equality at the present time; and that your abundance may be a supply to their want; that their abundance likewise may be a supply to your want; that there may be equality.
خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى» دەپ يېزىلغاندەك بولغاي. | 15 |
As it is written, He who gathered much, had nothing over; and he that gathered little, was not deficient.
ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛ | 16 |
But thanks be to God, who put into the heart of Titus this solicitude for you.
چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ سىلەرگە كۈچلۈك كۆيۈمى بولغاچقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېنىڭلارغا باردى؛ | 17 |
For he received our exhortation; and, because he was very anxious, he cheerfully set out to visit you.
ئەمما بىز ئۇنىڭغا بارلىق جامائەتلەر ئارىسىدا خۇش خەۋەر خىزمىتىدە تەرىپلەنگەن قېرىنداشنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ | 18 |
And we also sent with him that our brother, whose praise in the gospel is in all the churches;
شۇنىڭدەك ئۇ پەقەت شۇ تەرەپتىلا ئەمەس، بەلكى جامائەتلەر تەرىپىدىن بۇ خەيرلىك ئىشتا بىزگە ھەمسەپەر بولۇشقا تاللىۋېلىنغانىدى. ئەمدى بىز بۇ خەير-ساخاۋەتنى بولسا، رەبنىڭ شان-شەرىپىنى ھەم ياردەمدىكى قىزغىنلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىمىز؛ | 19 |
inasmuch as he likewise had been expressly chosen by the churches, to accompany me with this beneficence which is ministered by us to the glory of God and to our cordiality.
شۇنداق قىلىپ بىز بۇ مول سوۋغىنى مەسئۇل بولۇپ يەتكۈزۈشتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن تۆھمەت قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىمىز. | 20 |
And we hereby guarded, that no one should cast censure on us, in respect to this abundance which is ministered by us.
چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. | 21 |
For we are attentive to things commendable, not only before God, but also before men.
بىز يەنە ئۇلار بىلەن بىللە كۆپ ئىشلاردا ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان قېرىنداشنى ئەۋەتمەكچىمىز؛ ھازىر ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان زور ئىشەنچى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. | 22 |
And we also sent with them that brother of ours, who hath often, and in many things, been proved diligent by us; and is now particularly diligent, from the great confidence he hath in you.
تىتۇس توغرۇلۇق سوئاللار بولسا ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە خىزمىتىڭلاردا بولغان ھەمكارىمدۇر؛ باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇلار جامائەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مەسىھنىڭ شان-شەرىپىدۇر. | 23 |
And therefore, if Titus be inquired about, he is my associate and assistant among you: or if our other brethren, they are the legates of the churches of the Messiah's glory.
شۇڭا، جامائەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىسپاتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىلەردىن پەخىرلىنىشلىرىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىڭلار. | 24 |
Therefore exhibit ye to them, in the presence of all the churches, a demonstration of your love and of our glorying respecting you.