< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 7 >
ئەمدى بۇ ۋەدىلەرگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئى سۆيۈملۈكلەر، ئۆزىمىزنى ئەتلەردىكى ھەم روھتىكى ھەرخىل پاسكىنىلىقتىن تازىلاپ، خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ئۆزىمىزدە [ئايان قىلىنغان] پاك-مۇقەددەسلىكنى كامالەتكە يەتكۈزەيلى. | 1 |
ταυτας ουν εχοντες τας επαγγελιας αγαπητοι καθαρισωμεν εαυτους απο παντος μολυσμου σαρκος και πνευματος επιτελουντες αγιωσυνην εν φοβω θεου
بىزنى قوبۇل قىلغايسىلەر! بىز ھېچكىمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدۇق، ھېچكىمنى نابۇت قىلمىدۇق، ھېچكىمدىن پايدىلانمىدۇق. | 2 |
χωρησατε ημας ουδενα ηδικησαμεν ουδενα εφθειραμεν ουδενα επλεονεκτησαμεν
مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز. | 3 |
ου προς κατακρισιν λεγω προειρηκα γαρ οτι εν ταις καρδιαις ημων εστε εις το συναποθανειν και συζην
سىلەرگە باغلىغان ئىشەنچىم زور، سىلەردىن بولغان پەخرىم زور؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەت-تەسەللىگە تولدۇرۇلدۇم، بارلىق جاپا-مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزدە خۇشاللىقىم ئېشىپ تاشتى. | 4 |
πολλη μοι παρρησια προς υμας πολλη μοι καυχησις υπερ υμων πεπληρωμαι τη παρακλησει υπερπερισσευομαι τη χαρα επι παση τη θλιψει ημων
چۈنكى بەرھەق، ماكېدونىيەگە كىرگىنىمىزدىمۇ ئەتلىرىمىز ھېچ ئارام تاپالماي، ھەرتەرەپتىن قىسىلىپ قالدۇق؛ سىرتىمىزدا جېدەل-كۈرەشلەر، ئىچىمىزدە قورقۇنچلار بار ئىدى. | 5 |
και γαρ ελθοντων ημων εις μακεδονιαν ουδεμιαν εσχηκεν ανεσιν η σαρξ ημων αλλ εν παντι θλιβομενοι εξωθεν μαχαι εσωθεν φοβοι
ئەمما چۈشكۈنلەرگە رىغبەت-تەسەللى بەرگۈچى خۇدا بىزگە تىتۇسنىڭ كېلىشى ئارقىلىق رىغبەت-تەسەللى بەردى؛ | 6 |
αλλ ο παρακαλων τους ταπεινους παρεκαλεσεν ημας ο θεος εν τη παρουσια τιτου
تاپقان رىغبەت-تەسەللىمىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن تاپقان رىغبەت-تەسەللىسى ئارقىلىقمۇ بولدى؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ [بىزگە] زارىقىپ تەلمۈرگىنىڭلارنى، سىلەرنىڭ ھەسرىتىڭلارنى، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقۇڭلارنى ئېيتىپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ خۇشاللاندىم. | 7 |
ου μονον δε εν τη παρουσια αυτου αλλα και εν τη παρακλησει η παρεκληθη εφ υμιν αναγγελλων ημιν την υμων επιποθησιν τον υμων οδυρμον τον υμων ζηλον υπερ εμου ωστε με μαλλον χαρηναι
چۈنكى گەرچە مەن سىلەرنى خېتىم بىلەن ئازابلىغان بولساممۇ، مەن ھازىر ئۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن؛ لېكىن ئەسلىدە مەن شۇ خېتىمنىڭ سىلەرنى ئازابلىغىنىنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلغانىدىم (ئەمەلىيەتتە، سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار قىسقىغىنە بىر مەزگىللا بولغان). | 8 |
οτι ει και ελυπησα υμας εν τη επιστολη ου μεταμελομαι ει και μετεμελομην βλεπω γαρ οτι η επιστολη εκεινη ει και προς ωραν ελυπησεν υμας
ئەمما ھازىر شادلىنىمەن ــ ئازابلانغىنىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئازابنىڭ سىلەرنى توۋا قىلدۇرغانلىقىدىن شادلىنىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار خۇدانىڭ يولىدا ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر بىزدىن ھېچ زىيان تارتمىدىڭلار. | 9 |
νυν χαιρω ουχ οτι ελυπηθητε αλλ οτι ελυπηθητε εις μετανοιαν ελυπηθητε γαρ κατα θεον ινα εν μηδενι ζημιωθητε εξ ημων
چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. | 10 |
η γαρ κατα θεον λυπη μετανοιαν εις σωτηριαν αμεταμελητον κατεργαζεται η δε του κοσμου λυπη θανατον κατεργαζεται
چۈنكى مانا، دەل مۇشۇ ئىش، يەنى خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئەستايىدىللىق، ئۆزلىرىڭلارنى ئەيىبتىن نەقەدەر خالاس قىلىش، شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، شۇنچە كۆپ تەقەززارلىق، شۇنچە كۆپ قىزغىنلىق ۋە جازالاشقا شۇنچە تەييار بولۇشنى ئېلىپ كەلدى! سىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبتىن خالاس بولۇشۇڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار. | 11 |
ιδου γαρ αυτο τουτο το κατα θεον λυπηθηναι υμας ποσην κατειργασατο υμιν σπουδην αλλα απολογιαν αλλα αγανακτησιν αλλα φοβον αλλα επιποθησιν αλλα ζηλον αλλα εκδικησιν παντι συνεστησατε εαυτους αγνους ειναι εν τω πραγματι
ئەمدى سىلەرگە [شۇ] خەتنى يازغان بولساممۇ، ئۇ خەتنى زىيان-زەخمەت قىلغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، ياكى زىيان-زەخمەت قىلىنغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدا بىزگە بولغان كۆڭلۈڭلاردىكى قىزغىنلىقنىڭ ئاراڭلاردا ئايان بولۇشى ئۈچۈن يازدىم. | 12 |
αρα ει και εγραψα υμιν ουχ εινεκεν του αδικησαντος ουδε εινεκεν του αδικηθεντος αλλ εινεκεν του φανερωθηναι την σπουδην υμων την υπερ ημων προς υμας ενωπιον του θεου
بۇ سەۋەبتىن بىز رىغبەت-تەسەللىگە ئېرىشتۇق. ۋە رىغبەت-تەسسەللىمىز ئۈستىگە بىز تىتۇسنىڭ خۇشاللىقى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ زور شادلاندۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ روھى سىلەر تەرىپىڭلاردىن يېڭىلاندى. | 13 |
δια τουτο παρακεκλημεθα επι δε τη παρακλησει υμων περισσοτερως μαλλον εχαρημεν επι τη χαρα τιτου οτι αναπεπαυται το πνευμα αυτου απο παντων υμων
چۈنكى مەن سىلەر توغراڭلاردا بىرەر ئىشتا پەخىرلىنىپ ماختىغان بولسام، ئۇ ئىشتا ھېچ خىجىل قالدۇرۇلمىدىم؛ بەلكى سىلەرگە ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت بولغىنىدەك، بىزنىڭ تىتۇسقا سىلەرنى پەخىرلىنىپ ماختىشىمىزمۇ ھەقىقەت بولۇپ ئىسپاتلاندى. | 14 |
οτι ει τι αυτω υπερ υμων κεκαυχημαι ου κατησχυνθην αλλ ως παντα εν αληθεια ελαλησαμεν υμιν ουτως και η καυχησις ημων η επι τιτου αληθεια εγενηθη
ئۇ سىلەرنىڭ ئىتائەتمەنلىكىڭلارنى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق ئەيمەنگەن ۋە تىترىگەن ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىنىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئىچ-باغرىدىكى مۇھەببەتلىرى تېخىمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. | 15 |
και τα σπλαγχνα αυτου περισσοτερως εις υμας εστιν αναμιμνησκομενου την παντων υμων υπακοην ως μετα φοβου και τρομου εδεξασθε αυτον
مەن سىلەرگە ھەربىر ئىشتا ئىشەنچىم كامىل بولغانلىقىدىن شادلىنىمەن. | 16 |
χαιρω οτι εν παντι θαρρω εν υμιν