< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 5 >
چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز. (aiōnios ) | 1 |
For we know that if our earthly house of [this] tabernacle were dissolved, we have a building of God, a house not made with hands, eternal in the heavens. (aiōnios )
ئەمدى بۇ [كونا ئۆيىمىزدە] تۇرغىنىمىزدا ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى كىيىۋېلىشقا زور ئىنتىزار بىلەن ئاھ ئۇرماقتىمىز | 2 |
For in this we groan, earnestly desiring to be clothed with our house which is from heaven:
(بەرھەق، [ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى] كىيىۋالساق يالىڭاچ قالمايمىز). | 3 |
If so be that being clothed we shall not be found naked.
چۈنكى مۇشۇ چېدىردا تۇرغىنىمىزدا، ئېغىرچىلىقتا ئاھ ئۇرماقتىمىز؛ بۇ بىزنىڭ يالىڭاچلىنىشنى خالىغىنىمىز ئەمەس، بەلكى كىيىندۈرۈلۈشنى، يەنى بىزدە ئۆلىدىغان نېمە بولسا، ئۇنىڭ ھايات تەرىپىدىن يۇتۇلۇشىنى خالايمىز. | 4 |
For we that are in [this] tabernacle do groan, being burdened: not because we would be unclothed, but clothed, that mortality might be swallowed up in life.
ئەمدى بىزنى دەل مۇشۇ ئىشقا تەييارلىغۇچى بولسا خۇدادۇر؛ ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى. | 5 |
Now he that hath wrought us for this same thing [is] God, who also hath given to us the earnest of the Spirit.
شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمىشە يۇرەكلىك بولىمىز؛ ھەمدە تېنىمىزدە ماكان تۇتقىنىمىزدا رەبدىن نېرى بولغان مۇساپىر بولىمىز دەپ بىلىمىز | 6 |
Therefore [we are] always confident, knowing that, while we are at home in the body, we are absent from the Lord:
(چۈنكى بىز كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد بىلەن ماڭىمىز)؛ | 7 |
(For we walk by faith, not by sight: )
بىز يۇرەكلىك بولۇپ، شۇنىڭدەك تەندىن نېرى بولۇپ رەب بىلەن بىللە بىر ماكاندا بولۇشقا تېخىمۇ خۇرسەنمىز. | 8 |
We are confident, [I say], and willing rather to be absent from the body, and to be present with the Lord.
شۇنىڭ بىلەن، مەيلى تەندە بولايلى، مەيلى تەندىن نېرى بولايلى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستەك-نىشان قىلىپ ئىنتىلىمىز. | 9 |
Wherefore we labor, that, whether present or absent, we may be accepted by him.
چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ. | 10 |
For we must all appear before the judgment-seat of Christ; that every one may receive the things [done] in [his] body, according to what he hath done, whether good or bad.
شۇنىڭ بىلەن رەبنىڭ دەھشىتىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز؛ لېكىن بىز خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق دەپ ئۈمىد قىلىمەن. | 11 |
Knowing therefore the terror of the Lord, we persuade men; but we are made manifest to God; and I trust also are made manifest in your consciences.
بىز ھازىر ئۆزىمىزنى قايتىدىن سىلەرگە تەۋسىيە قىلغىنىمىز يوق، بەلكى پەقەت سىلەردە قەلبدىكى ئىشلاردىن ئەمەس، تاشقى قىياپەتتىن پەخىرلىنىدىغانلارغا بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ، سىلەرگە بىزلەردىن پەخىرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز. | 12 |
For we commend not ourselves again to you, but give you occasion to glory on our behalf, that ye may have somewhat to [answer] them who glory in appearance, and not in heart.
چۈنكى ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولساقمۇ خۇدا ئالدىدا شۇنداق بولدۇق، سالماق بولساقمۇ سىلەر ئۈچۈن شۇنداق بولىمىز. | 13 |
For whether we are beside ourselves, [it is] to God: or whether we are sober, [it is] for your cause.
چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. | 14 |
For the love of Christ constraineth us; because we thus judge, that if one died for all, then were all dead:
ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر. | 15 |
And [that] he died for all, that they who live should not henceforth live to themselves, but to him who died for them, and rose again.
شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز. | 16 |
Wherefore henceforth we know no man according to the flesh: though indeed we have known Christ according to the flesh, yet now henceforth we know [him] no more.
شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى! | 17 |
Therefore, if any man [is] in Christ, [he is] a new creature: old things have passed away; behold, all things have become new.
ۋە بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر؛ ئۇ بىزنى مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاپشۇردى: ــ | 18 |
And all things [are] from God, who hath reconciled us to himself by Jesus Christ, and hath given to us the ministry of reconciliation;
دېمەك، خۇدا مەسىھدە ئادەملەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەيىبى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالەمنى ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى؛ شۇنىڭدەك بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خەۋىرىنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى. | 19 |
To wit, that God was in Christ, reconciling the world to himself, not imputing their trespasses to them; and hath committed to us the word of reconciliation.
شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز. | 20 |
Now then we are embassadors for Christ, as though God did beseech [you] by us: we pray [you] in Christ's stead, be ye reconciled to God.
گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشىنى خۇدا بىزنى دەپ گۇناھنىڭ ئۆزى قىلدى؛ مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر. | 21 |
For he hath made him [to be] sin for us, who knew no sin; that we might be made the righteousness of God in him.