< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 4 >

شۇڭا [خۇدا] بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، بۇ خىزمەت بىزگە ئامانەت قىلىنغانىكەن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز؛ 1
Za to imajoč to službo, kakor smo usmiljenje dobili, ne oslabevamo.
ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز. 2
Nego odrekli smo se skrivnih del sramote ter ne hodimo v zvijačah: tudi ne preobračamo besede Božje, nego z razodevanjem resnice stavimo sami sebe pred vsako vest človečjo pričo Boga.
ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ 3
Če je pa tudi zakrit evangelj naš, v tistih je zakrit, kteri se pogubljajo;
چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى. (aiōn g165) 4
V kterih je Bog tega veka oslepil pameti nevernih, da jim ne zasveti svetlost evangelja slave Kristusa, kteri je podoba Božja. (aiōn g165)
چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز. 5
Kajti sami sebe ne oznanjujemo, nego Kristusa Jezusa Gospoda; a sami sebe kakor služabnike vaše za voljo Jezusa.
چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ [بىز ئارقىلىق] چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر. 6
Ker Bog, kteri je rekel iz tme luči zasvetiti, sam je, kteri je zasvetil v srcih naših na svetlost poznanja slave Božje v obličji Jezusa Kristusa.
ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز. 7
Imamo pa ta zaklad v lončenih posodah, da bi bila preobilnost moči Božja in ne iz nas.
مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ 8
V vsem nas stiskajo, ali nismo na tesnem; v zadregah smo, ali ne omagujemo.
زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ 9
Preganjajo nas, ali nismo zapuščeni; pobijajo nas, ali ne ginemo.
ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. 10
Vsegdar umiranje Gospoda Jezusa na telesu s seboj nosimo, da bi se tudi življenje Jezusovo na našem telesu pokazalo.
چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. 11
Kajti vedno se mi živi na smrt izdajemo za voljo Jezusa, da bi se tudi življenje Jezusovo pokazalo na smrtnem mesu našem.
شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ. 12
Tako smrt v nas dela, a življenje v vas.
ۋە «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم» دەپ يېزىلغاندىكىدەك ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز؛ 13
A imajoč istega duha vere poleg pisanega; "Veroval sem, za to sem govoril", tudi mi verujemo, za to tudi govorimo;
چۈنكى رەب ئەيسانى تىرىلدۈرگەن [خۇدا] بىزنى ئەيسا بىلەن بىرگە تىرىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆز ئالدىغا ھازىر قىلىدۇ، دەپ بىلىمىز. 14
Vedoč, da kteri je obudil Gospoda Jezusa, obudil bo tudi nas po Jezusu in postavil z vami.
چۈنكى [بۇ] ھەممە ئىشلار سىلەر ئۈچۈندۇركى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېشىپ تاشقۇچە بېغىشلانغان مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ خۇدانى ئۇلۇغلاپ ئېيتقان تەشەككۈرلىرى ئېشىپ تاشىدۇ. 15
Kajti vse je za voljo vas, da bi milost pomnožena po mnogih zahvalo poobilšala na slavo Božjo.
شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. 16
Za to ne pešamo; ali če se tudi zunanji naš človek pokončuje, pa se notranji obnavlja od dne do dne.
چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. (aiōnios g166) 17
Kajti sedanja lahka stiska naša spravlja nam obilno, preobilno večno vse pretežno slavo, (aiōnios g166)
شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر. (aiōnios g166) 18
Ker ne gledamo nato, kar se vidi, nego na to, kar se ne vidi; kajti to, kar se vidi, začasno je, ali kar se ne vidi, večno je. (aiōnios g166)

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 4 >