< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 4 >
شۇڭا [خۇدا] بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، بۇ خىزمەت بىزگە ئامانەت قىلىنغانىكەن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز؛ | 1 |
この故に我ら憐憫を蒙りて此の職を受けたれば、落膽せず、
ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز. | 2 |
恥づべき隱れたる事をすて、惡巧に歩まず、神の言をみださず、眞理を顯して神の前に己を凡ての人の良心に薦むるなり。
ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ | 3 |
もし我らの福音おほはれ居らば、亡ぶる者に覆はれをるなり。
چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى. (aiōn ) | 4 |
この世の神は此 等の不 信者の心を暗まして、神の像なるキリストの榮光の福音の光を照さざらしめたり。 (aiōn )
چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز. | 5 |
我らは己の事を宣べず、ただキリスト・イエスの主たる事と、我らがイエスのために汝らの僕たる事とを宣ぶ。
چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ [بىز ئارقىلىق] چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر. | 6 |
光、暗より照り出でよと宣ひし神は、イエス・キリストの顏にある神の榮光を知る知識を輝かしめんために、我らの心を照し給へるなり。
ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز. | 7 |
我等この寶を土の器に有てり、これ優れて大なる能力の我等より出でずして、神より出づることの顯れんためなり。
مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ | 8 |
われら四方より患難を受くれども窮せず、爲ん方つくれども希望を失はず、
زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ | 9 |
責めらるれども棄てられず、倒さるれども亡びず、
ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. | 10 |
常にイエスの死を我らの身に負ふ。これイエスの生命の我らの身にあらはれん爲なり。
چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. | 11 |
それ我ら生ける者の常にイエスのため死に付さるるは、イエスの生命の我らの死ぬべき肉體にあらはれん爲なり。
شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ. | 12 |
さらば死は我等のうちに働き、生命は汝 等のうちに働くなり。
ۋە «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم» دەپ يېزىلغاندىكىدەك ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز؛ | 13 |
録して『われ信ずるによりて語れり』とあるごとく、我等にも同じ信仰の靈あり、信ずるに因りて語るなり。
چۈنكى رەب ئەيسانى تىرىلدۈرگەن [خۇدا] بىزنى ئەيسا بىلەن بىرگە تىرىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆز ئالدىغا ھازىر قىلىدۇ، دەپ بىلىمىز. | 14 |
これ主イエスを甦へらせ給ひし者の我等をもイエスと共に甦へらせ、汝らと共に立たしめ給ふことを我ら知ればなり。
چۈنكى [بۇ] ھەممە ئىشلار سىلەر ئۈچۈندۇركى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېشىپ تاشقۇچە بېغىشلانغان مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ خۇدانى ئۇلۇغلاپ ئېيتقان تەشەككۈرلىرى ئېشىپ تاشىدۇ. | 15 |
凡ての事は汝らの益なり。これ多くの人によりて御惠の増し加はり、感謝いや増りて神の榮光の顯れん爲なり。
شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. | 16 |
この故に我らは落膽せず、我らが外なる人は壞るれども、内なる人は日々に新なり。
چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. (aiōnios ) | 17 |
それ我らが受くる暫くの輕き患難は、極めて大なる永遠の重き光榮を得しむるなり。 (aiōnios )
شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر. (aiōnios ) | 18 |
我らの顧みる所は見ゆるものにあらで見えぬものなればなり。見ゆるものは暫時にして、見えぬものは永遠に至るなり。 (aiōnios )