شۇڭا [خۇدا] بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، بۇ خىزمەت بىزگە ئامانەت قىلىنغانىكەن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز؛ | 1 |
ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز. | 2 |
ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ | 3 |
چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى. (aiōn g165) | 4 |
چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز. | 5 |
چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ [بىز ئارقىلىق] چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر. | 6 |
ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز. | 7 |
مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ | 8 |
زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ | 9 |
ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. | 10 |
چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. | 11 |
شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ. | 12 |
ۋە «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم» دەپ يېزىلغاندىكىدەك ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز؛ | 13 |
چۈنكى رەب ئەيسانى تىرىلدۈرگەن [خۇدا] بىزنى ئەيسا بىلەن بىرگە تىرىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆز ئالدىغا ھازىر قىلىدۇ، دەپ بىلىمىز. | 14 |
چۈنكى [بۇ] ھەممە ئىشلار سىلەر ئۈچۈندۇركى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېشىپ تاشقۇچە بېغىشلانغان مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ خۇدانى ئۇلۇغلاپ ئېيتقان تەشەككۈرلىرى ئېشىپ تاشىدۇ. | 15 |
شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. | 16 |
چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. (aiōnios g166) | 17 |
شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر. (aiōnios g166) | 18 |