< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 3 >

بىز يەنە ئۆزىمىزنى تەۋسىيە قىلغىلى تۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى باشقا بەزىلەرگە كېرەك بولغاندەك، سىلەرگە يېزىلغان ياكى سىلەر يازغان تەۋسىيىنامىلەر بىزگە كېرەكمۇ؟ 1
Incipimus iterum nosmetipsos commendare? aut numquid egemus (sicut quidam) commendatitiis epistolis ad vos, aut ex vobis?
سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان. 2
Epistola nostra vos estis, scripta in cordibus nostris, quæ scitur, et legitur ab omnibus hominibus:
سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار ئايان بولدى (بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر). 3
manifestati quod epistola estis Christi, ministrata a nobis, et scripta non atramento, sed Spiritu Dei vivi: non in tabulis lapideis, sed in tabulis cordis carnalibus.
ئەمدى بىزنىڭ مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قارايدىغان شۇنچە زور ئىشەنچىمىز بار؛ 4
Fiduciam autem talem habemus per Christum ad Deum:
ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر. 5
non quod sufficientes simus cogitare aliquid a nobis, quasi ex nobis: sed sufficientia nostra ex Deo est:
ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ. 6
qui et idoneos nos fecit ministros novi testamenti: non littera, sed Spiritu: littera enim occidit, Spiritus autem vivificat.
ئەمما سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان-شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)، 7
Quod si ministratio mortis litteris deformata in lapidibus fuit in gloria, ita ut non possent intendere filii Israël in faciem Moysi propter gloriam vultus ejus, quæ evacuatur:
روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟ 8
quomodo non magis ministratio Spiritus erit in gloria?
چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟ 9
Nam si ministratio damnationis gloria est: multo magis abundat ministerium justitiæ in gloria.
چۈنكى ئەسلىدە شان-شەرەپلىك بولغان ئىشنىڭ ھازىرقى غايەت زور شان-شەرەپلىك ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شان-شەرەپلىكلىكى يوقتۇر؛ 10
Nam nec glorificatum est, quod claruit in hac parte, propter excellentem gloriam.
چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە، ھازىر ئورنىنى باسقان ئىش تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولىدۇ. 11
Si enim quod evacuatur, per gloriam est: multo magis quod manet, in gloria est.
بىزدە شۇنچە زور شۇنداق بىر ئۈمىد بولغانىكەن، بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز. 12
Habentes igitur talem spem, multa fiducia utimur:
بىز ئىسرائىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان [ئەھدىنىڭ] پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇساغا ئوخشىمايمىز. 13
et non sicut Moyses ponebat velamen super faciem suam, ut non intenderent filii Israël in faciem ejus, quod evacuatur,
ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ. 14
sed obtusi sunt sensus eorum. Usque in hodiernum enim diem, idipsum velamen in lectione veteris testamenti manet non revelatum (quoniam in Christo evacuatur),
ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا. 15
sed usque in hodiernum diem, cum legitur Moyses, velamen positum est super cor eorum.
ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 16
Cum autem conversus fuerit ad Dominum, auferetur velamen.
ئەمما رەب شۇ روھتۇر؛ ۋە رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ. 17
Dominus autem Spiritus est: ubi autem Spiritus Domini, ibi libertas.
ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز. 18
Nos vero omnes, revelata facie gloriam Domini speculantes, in eamdem imaginem transformamur a claritate in claritatem, tamquam a Domini Spiritu.

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 3 >