< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 3 >
بىز يەنە ئۆزىمىزنى تەۋسىيە قىلغىلى تۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى باشقا بەزىلەرگە كېرەك بولغاندەك، سىلەرگە يېزىلغان ياكى سىلەر يازغان تەۋسىيىنامىلەر بىزگە كېرەكمۇ؟ | 1 |
我們豈又開始舉薦我們自己嗎﹖或是,難道我們也應像某些人一般,需要遞上薦書,或由你們寫薦書嗎﹖
سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان. | 2 |
你們就是我們的薦書,是寫在我們心上,為眾人所共知共讀的,
سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار ئايان بولدى (بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر). | 3 |
因為明顯地,你們就是我們供職所寫的基督的書信:不是用墨水寫的,而是以生活的天主聖神;不是寫在石版上,而是在血肉的心版上。
ئەمدى بىزنىڭ مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قارايدىغان شۇنچە زور ئىشەنچىمىز بار؛ | 4 |
我們藉著基督在天主前才敢這樣自信,
ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر. | 5 |
但這並不是說:我們憑自己能夠承擔什麼事,好似出於自己一般;而是說:我們夠資格,是出於天主,
ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ. | 6 |
並且是衪使我們能夠做新約的僕役:這約並不是在於文字,而是在於神,因為文字人死,神卻叫人活。
ئەمما سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان-شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)، | 7 |
如果那以文字刻在石頭上而屬死的職務,尚且過光榮──甚至以色列子民為了梅瑟面貌上易於消逝的光榮,不能注視衪的面貌──
روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟ | 8 |
那麼,屬神的職務,豈不更該有光榮嗎﹖
چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟ | 9 |
如果先前定罪的職務有過光榮,那麼,成義的職務更該多麼充滿光榮!
چۈنكى ئەسلىدە شان-شەرەپلىك بولغان ئىشنىڭ ھازىرقى غايەت زور شان-شەرەپلىك ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شان-شەرەپلىكلىكى يوقتۇر؛ | 10 |
真實,那先前有過光榮的,因了這更超越的光榮,已算不得光榮了,
چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە، ھازىر ئورنىنى باسقان ئىش تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولىدۇ. | 11 |
因為那易於消逝的曾一度有過光榮,那麼,那常存的更該多麼有光榮!
بىزدە شۇنچە زور شۇنداق بىر ئۈمىد بولغانىكەن، بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز. | 12 |
所以,我們既懷有這種希望,所以坦白行事,
بىز ئىسرائىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان [ئەھدىنىڭ] پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇساغا ئوخشىمايمىز. | 13 |
不像梅瑟一般,將帕子蒙在臉上,免得以色列子民看到那易於消逝的光榮終結;
ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ. | 14 |
但是他們的心陷於遲純,因為直到今天,在讀舊約時,同漾的帕子仍然存在,沒有揭去,因為只有在基督內才能除去;
ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا. | 15 |
而且直到今天,幾時讀梅瑟時,還有帕子蓋在他們的心上;
ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. | 16 |
他們幾時轉向主,帕子就會除掉。
ئەمما رەب شۇ روھتۇر؛ ۋە رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ. | 17 |
主就是那神;主的神在那裏,那裏就有自由。
ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز. | 18 |
我們眾人以揭開的臉面反映主的光榮的,漸漸地光榮另上加光榮,都變成了與主同樣的肖像,正如由主,即神在我們內所完成的。